ئەزھەرىيلەر مۇرجىئىيمۇ؟

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالام رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق مۆئمىنلەرگە بولغاي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ  

           ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ بالايىقازا- قۇرئان، ھەدىسكە ئەمەل قىلمايدىغان ئەمەلسىز مۇرجىئىي موللا- ئالىم ئاتالغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدۇر. بۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن: مۇرجىئىيلارنىڭ ئەقىدە، تەپسىر ۋە باشقا مەزمۇندىكى كىتابلىرىنى كەڭ ئۇيغۇر تالىپلىرىغا دەرسلىك قىلىش ۋە تارقىتىشنىڭ كۆپىيىپ كېتىپ، ئالىم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇرجىئىي كىتابلىرىنى ئوقۇش كېرەك، دەيدىغان سەپسەتىنىڭ كەڭ جامائەت پىكرىگە ئايلىنىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈننەت ئەھلى سەلەفىيلەرنىڭ قۇرئان، ھەدىسقا ئەمەل قىلىش دەۋەتلىرىنى: پىتنىگە يول ئاچقانلىق، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنى بۆلۈشكە يول ئاچقانلىق دەپ تەنقىتلەش- چەكلەشكە قەدەر تەرەققى قىلدى.

           سۈننەت ئەھلى مۇسۇلمانلارغا مەلۇمكى، ئىتتىپاقلىق- چوقۇم قۇرئان كەرىم ۋەسەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى شەرت قىلغاندا، ئۇلۇغ ئاللاھ تەئالا قۇرئان، ھەدىسكە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە ئۆز ئارا قېرىنداشلىق، دوستلۇقنى ئاتا قىلىدۇ، ھەقىقىي ئىتتىپاقلىق شۇ چاغدا قولغا كېلىدۇ. ئەكسىچە ھالدا، قۇرئان ۋە ھەدىسك ئەمەل قىلماسلىق- ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسى بولغانلىق بولۇپ، بۇنداق ئەمەلسىز مۇرجىئىيلىككە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئەمەس، لەنىتى ياغىدۇ، ئىتتىپاقلىق مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى- ھەدىس ئىنكارچىلىرىدىنمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىرى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ھەدىسنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەقلى بار مۇسۇلمان ئۇنىڭ ئالدىمىغا چۈشمەيدۇ. ئەمما ئەمەلسىز مۇرجىئىيلار ئەمەل قىلمىسىمۇ، ئىنكار قىلمىغاندىكىن، كۆپ ئادەم بۇلارنىڭ خەتىرىنى ۋاقتىدا بىلەلمەي قېلىپ كۆپ ئادەم ئالدىنىپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا، مۇرجىئىيلار قۇرئان ۋە ھەدىسكە پەقەتلا ئەمەل قىلمامدا؟ دېيىلسە، جاۋاب شۇكى، مۇرجىئىيلار- ئەمەلنى ئىماننىڭ بىرقىسمى دەپ ئىمان ئېيتمايدىغان، ئاللاھ ئاسماندا- ئەرشتە دەپ ئىمان ئېيتمايدىغان، قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىئىدىغان پىرقە بولۇپ، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئۆزىگە ۋە مەزھىبىگە ماس كەلگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، ماس كەلمىگەن ئايەت، ھەدىسلەرنى ياكى مەزھىبىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ مەنسۇخ – ئەمەلدىن قالغان دەيدۇ. مەسىلەن، ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ مەشھۇر ئىمامى، ‹‹ھىدايە›› ناملىق كىتابتا 400 دىن ئارتۇق پەتىۋاسى نەقىل قىلىنغان ئىمام كەرخي(200- يىللىرى ۋاپات بولغان) شۇنداق دېگەن: ھەنەفىي مەزھىبىگە ماس كەلمىگەن ھەرقانداق ئايەت ياكى ھەدىس تەۋىل قىلىنغان ياكى مەنسۇخ- ئەمەلدىن قالغاندۇر(ئەررىسالە 169- بەت؛ ئۇسۇلۇلكەرخىي 1- قىسىم 8- بەت؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2821- ھەدىس ئىزاھاتى).- يقول الكرخي الحنفي كلمته المشهورة: كل آية تخالف ما عليه أصحابنا فهي مؤولة أو منسوخة، وكل حديث كذلك فهو مؤول أو منسوخ(الرسالة في أصول الحنفية للكرخي169 و أصول الكرخي 1-8. فقد جعلوا المذهب أصلا، والقرآن الكريم تبعا، سلسلة الأحاديث الصحيحة 2821. ياكى قۇرئاننىڭ بىر مەزمۇنىنى ئىككى ئورۇنغا ئىشلىتىپ، ئەسلىدىكى ئايەتنى بىكار قىلىدۇ، ياكى بىرلا ئادەم رىۋايەت قىلغان ھەدىس دەپ سەھىھ بولسىمۇ ئىنكار قىلىدۇ، ياكى ئايەت- ھەدىس رەسۇلۇللاھ زامانىغا ماس كەلسىمۇ ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئىنكار قىلىدۇ، ياكى يالغاندىن پىقھى ئىجتىھاد قىلدىم دەپ سەھىھۇلبۇخارىي، سەھىھ مۇسلىمدىكى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق- چەكلىمىلىرىنىمۇ ئۆرپ- ئادەتكە، ياكى مەنسۇخقا چىقىرىپ ۋەئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىغانغا چىقىرىپ، ئاخىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ بىرقىسمىنى ئىنكار قىلغانلىق- ھەممىنى ئىنكار قىلغانغا ئاپىرىش قىلمىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ..

  مۇرجىئىيلىق سۆزلەنگەندە، تەبىئىي ھالدا ئەشئەرىي ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان ئەزھەر مەكتىپى ۋە ئۇ يەردە ئوقۇغان ئەشئەرىي- ماتۇرىدىي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقاردا بايان قىلىنغان ئەقىدە، تەپسىر ۋە باشقا مەزمۇندىكى كىتابلىرىنى كەڭ ئۇيغۇر تالىپلىرىغا دەرسلىك قىلىش مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنىپ قالدى. بۇ جەرياندا مۇرجىئىيلىقنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلمىگەن بەزى ئەزھەر تالىپلىرى: ئەزھەردە ئەشئەرىي ئەقىدىسى دەرسلىك بولغان بىلەن، بىز ماتۇرىدىي ئەقىدىسىدە. شۇنداقتىمۇ ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىدىي ئەقىدىسىدىكىلەرنى مۇرجىئىي دېيىش توغرا ئەمەس ئىدى، دېگەندەك پىكىرلەرنىمۇ قىلىپ ماڭا ئۇچۇر يازغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزدىنىپ، مۇرجىئىي دېگەن كىم؟ ئۇنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ ئۇنىڭغا قايسى كىتابنى دەرسلىك قىلغانلار چۈشىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالدىم..

*********************************

ئالدى بىلەن ئەزھەر مەكتىپى دەرسلىكلىرى ۋە مەشھۇر ئەزھەر شەيخلىرىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى

:

             ئەزھەر ئالى مەكتىپى- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ شەيخلىرى ۋە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئەزھەرىيلەر دۇنيا خەلقىگە، بولۇپمۇ شۇ قاتاردا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تۇرمۇشمۇ تەسىرى ئالاھىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، تۇرمۇش قاتارلىق ئىشلىرىدا ئەزھەرىيلەرنىڭ پەتىۋالىرى كەڭرى تارقىلىپ، بۇ ھەقتە ئايرىم ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى. زادى ئەزھەرىيلەرنىڭ دىنى ۋە دۇنيا قاراشلىرى قۇرئا، ھەدىسكە ئۇيغۇنمۇ يوق؟ ئەشئەرىي ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان ئەزھەرىيلەر مۇرجىئىي قاتارىغا كىرەمدۇ يوق؟ بۇ ھەقتە تەكرار ئىزدىنىشلىرىمنى قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى. تۆۋەندە مەن ئەزھەرىيلەرنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىلىرىنىڭ دىنى، دۇنياۋى قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن بىرقىسىم قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى:

ئەزھەرىيلەرنىڭ ھەرقايسى دىنلارغا قارىتا مۇئامىلىسى

ئاللاھ ۋە دېموكراتىيگە قارىتا

مەشھۇر ئەزھەرىي دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىي يەھۇدىيلارنىڭ دېموكراتىيىسىنى ماختاپ، ئەرەبلەرنىڭ دېموكراتىيىسىنى تەنقىتلەپ شۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە ئىسرائىلىيىدەك دېموكراتىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار ئاز پەرق بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلدى. بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر، ئاللاھ باشلىق نامزاتى بولۇپ، سايلامغا قاتناشسا، ئەرەب باشلىقلىرىدەكمۇ سايلام بىلىتى ئالالمايدۇ، دېگەن: .

قىسقىچە رەددىيە

بۇنىڭغا قارىتا شەيخ ئۇسەيمىن قەرەزاۋىينىنىڭ ئاللاھنى ئىنساندىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا سېلىشتۇرۇشى – مۇرتەدلىك، كۇپرىلىق دەپ پەتىۋا بەرگەن (مەنبە:https://www.youtube.com/watch?v=ctcLbSDiCeo ).

  1. ناسارا- خرىستىئان دىنىغا قارىتا

ئەزھەرىيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم يېتەكچىسى دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىي ناسارا دىنىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: مەن خىرىستىئان – ناسارالارنى قېرىندىشىم، دەيمەن. بەزىلەر: قۇرئاندا: «چوقۇمكى مۆئمىنلەر قېرىنداشتۇر»، دەپ ئايەت بار تۇرسا، مېنىڭ خىرىستىئان – ناسارالارنى قېرىندىشىم، دەپ ئاتىشىمنى ئۆچ كۆرىدۇ. شۇنداق، بىز مۆئمىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارمۇ مۆئمىن.- قال القرضاوي: أنا أقول عنهم إخواننا المسيحيين، البعض يُنكر عليَّ هذا كيف أقول إخواننا المسيحيين (( إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ )) (الحجرات:10). نعم نحن مؤمنون, وهم مؤمنون بوجه آخر) برنامج الشريعة والحياة حلقة بعنوان غير المسلمين في ظل الشريعة الإسلامية بتاريخ 10/6/1418هـ.

قىسقىچە رەددىيە

بۇ، مۇنۇ ئايەتلەرگە ئاشكارا قارشى

‹‹ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، اﷲ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ [51]. دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن، اﷲ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ، ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ [سۈرە مائىدە 52- ئايەت].- يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّهَ لا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ. فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَن تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَن يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِّنْ عِندِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنفُسِهِمْ نَادِمِينَ [المائدة:52،53]››،

‹‹ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ [سۈرە مۇمتەھەنە1-ئايەت].- يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ(الممتحنة1)››.

يەھۇدىي دىنىغا قارىتا

دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋى شۇنداق دەيدۇ: شەكسىزكى، بىزنىڭ يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئاداۋىتىمىز ئىسلام سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى زېمىن سەۋەبىدىن.- وقال: ( إنَّ العداوة بيننا وبين اليهود من أجل الأرض فقط لا من أجل الدين ) الأمة الإسلامية حقيقة لا وهم. ص70.

وقال: ( المعركة بيننا وبين اليهود ليست معركة من أجل العقيدة بل من أجل الأرض ) الشريعة والحياة: في ذكرى الإسراء والمعراج بتاريخ 23/7/1418هـ.

ماۋۇ گەپلەرگە ئەزھەرىيلەردىن باشقىلار ئىشەنمەس

بۇددا دىنىغا قارىتا

ئەزھەرنىڭ ھازىرقى شەيخى دوكتور ئەھمەد تەييىبنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەزھەر ئۇسۇلۇددىن پاكولتېتىدا بۇددا دىنى دەرسلىكى ئوقۇتىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش بۇددا دىنىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقپەرۋەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دىن ئىكەنلىكى، تنچلىقپەرۋەر ھېكىم ساكيامۇنىنىڭ تنچلىقپەرۋەر، ئەقلنى تەشەببۇس قىلغۇچى، دەرىجىدىن تاشقىرى كۆيۈمچان دەرىجىدىن تاشقىرى مېھرىبان شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى دوستلۇقنى تەشۋىق قىلغۇچى كىشى ئىكەنلىكى ۋە ساكيامۇنىينىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، شۇنداقلا بۇددا دىنى قارشىلىق- ئاداۋەت دىنى ئەمەس، بەلكى رەھىم- شەپقەت دىنى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان(مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=wMUyWek_kRo).

قىسقىچە رەددىيە:

شەيخ ئۇسەيمىن باشقا دىنلارنى ئىسلام بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغۇچىغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقا ئالىملار مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: كىمىكى باشقا دىننى ئىسلام دىنى بىلەن تەڭلەشتۈرىدىكەن، مۇرتەد كاپىر. چۈنكى ئۇ ئادەم قۇرئاننى يالغانغا چىقارغاندۇر. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: ‹‹ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر[ئال ئىمران سۈرىسى19]››.

(مەنبە https://www.youtube.com/watch?v=2hVBPZBtudM )

4. ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا

شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەتكە قارىتا

ئەزھەرشەيخى دوكتور ئەھمەد تەييىبنىڭ بايان قىلىشىچە، شىئە مەزھىبى بىلەن ئەھلى سۈننەت ئارىسىدا پەرق يوق بولۇپ، پەرقى- خۇددى ھەنەفىي مەزھىبى بىلەن مالىكى مەزھىبى بىلەن ئوخشاشمىش(مەنبە:https://www.youtube.com/watch?v=IIyKDud1_6M)

قىسقىچە رەددىيە:

قۇرئانغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، سەھىھۇلبۇخارى قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت ئارىسىدا پەرق يوق، دېيىشىگە ئەزھەرىيلەردىن باشقىلار ئىشەنمەس(ئاز بىرقىسىم زەيدىيلەر بۇنىڭ سىرتىدا).

 قۇرئان كەرىمگە قارىتا

(1)ئەزھەرنىڭ سابىق شەيخى، ئەشئەرىيلەرنىڭ ئەقىدە كىتابلىرىنى يېزىش بىلەن مەشھۇر بولغان شەيخ بەيجۇرىي مۇنداق دېگەن: بىز ئوقۇۋاتقان قۇرئان لەپزى مەنىسى بىلەن مەخلۇقتۇر(قال البيجوري: وأما القرآنُ؛ بمعنى اللفظِ الذي نقرؤه، فهو مخلوق حاشية تحفة المريد البيجوري).

(2)ئەزھەرشەيخى دوكتور ئەھمەد تەييىب مۇنداق دېگەن: قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، بەلكى نەپسى سۆزدىن ئىبارەت(مەنبە:https://www.youtube.com/watch?v=x_oiJto_1Oc)

قىسقىچە رەددىيە:

مەشھۇر مۇھەددىس، ئەتبائۇت تابىئىن(158تۇغۇلغان) يەھيا ئىبنى مەئىن شۇنداق پەتىۋا بەرگەن: كىمىكى قۇرئان مەخلۇق دېسە، كاپىردۇر(ئىبنى ئەھمەد: ئەسسۇننە68- نومۇر، سەھىھ).- قال يحيى بن معين من قال القرآن مخلوق فهو كافر // إسناده حسن [ السنة عبد الله بن أحمد ] 68

مەشھۇر مۇھەددىس ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ(129- تۇغۇلغان) مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: كىمىكى قۇرئان مەخلۇق دېسە، قۇرئانغا كاپىر بولغان ھېسابلىنىپ تەۋبىگە بۇيرۇلىدۇ. تەۋبە قىلمىسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم(ئىمام بۇخارىي: خەلقۇ ئەفئالىق ئىباد42- نومۇر).- وَقَالَ وَكِيعٌ : فَمَنْ قَالَ : الْقُرْآنُ مَخْلُوقٌ فَهُوَ كَافِرٌ بِمَا أُنْزِلَ عَلَى مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يُسْتَتَابُ وَإِلاَّ ضُرِبَتْ عُنُقُهُ . خلق أفعال العباد البخاري42

مەشھۇر تەبىئۇت تابىئىن، مۇھەددىس سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دېگەن: 70 يىلدىن بېرى ئىبنى دىنار قاتارلىق تابىئىنلەر بىلەن بىللە بولدۇم. ئۇلار: قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى،مەخلۇق ئەمەس دېيىشكەن(بۇخارىي خەلقۇئەفئالىل ئىباد 1- نومۇر، سەھىھ).- قَالَ سُفْيَانُ بْنُ عُيَيْنَةَ ، : أَدْرَكْتُ مَشْيَخَتُنَا مُنْذُ سَبْعِينَ سَنَةً ، مِنْهُمْ عَمْرُو بْنُ دِينَارٍ ، يَقُولُونَ : الْقُرْآنُ كَلاَمُ اللهِ وَلَيْسَ بِمَخْلُوقٍ. خلق أفعال العباد والرد على الجهمية وأصحاب التعطيل البخاري1صحيح

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: كىمىكى قۇرئان مەخلۇق دېسە،ئاللاھقا، ئاخىرەتكە كاپىر بولغان بولىدۇ(خەللال: ئەسسۇننە1828- نومۇر، سەھىھ).- قال احمد : من قال القرآن مخلوق فهو كافر بالله العظيم واليوم الآخر السنة للخلال صحيح1828

ئىمام شافىئى زامانىدا ياشىغان مۇھەددىسلەردىن، ئەبۇھاتىم رازىي(195- يىلى تۇغۇلغان) ۋە ئەبۇزۇرئە رازى(200- يىلى تۇغۇلغان)لاردىن: بىز بىلىدىغان بارلىق شەھەرلەردىكى ئەھلى سۈننەت مەزھىبىدىكىلەرنىڭ دىننىڭ ئاساسىغا بولغان چۈشەنچىسى قانداق؟ ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىقى سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن: بىز كۆرگەن ھىجاز، ئىراق، شام، يەمەن قاتارلىق بارلىق شەھەردىكى ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسى شۇكى، قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، بارلىق تەرەپلىرىدىن مەخلۇق ئەمەس. كىمىكى قۇرئان مەخلۇق دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئىسلامدىن چىقىپ كەتكۈچى ۋە بۈيۈك ئاللاھقا كاپىر بولغان بولىدۇ. كىمىكى قۇرئاننى مەخلۇق دەپ چۈشەنگۈچىنىڭ كاپىرلىقىدا شەك قىلسا،ئۇمۇ كاپىردۇر(لالىكائىي: شەرھۇئۇسۇلى ئىئتىقاد ئەھلى سۈننە 321- نومۇر، سەھىھ).- قَالَ ابْنُ أَبِي حَاتِمٍ: سَأَلْتُ أَبِي وَأَبَا زُرْعَةَ عَنْ مَذَاهِبِ أَهْلِ السُّنَّةِ فِي أُصُولِ الدِّينِ , وَمَا أَدْرَكَا عَلَيْهِ الْعُلَمَاءَ فِي جَمِيعِ الْأَمْصَارِ , وَمَا يَعْتَقِدَانِ مِنْ ذَلِكَ , فَقَالَا: ” أَدْرَكْنَا الْعُلَمَاءَ فِي جَمِيعِ الْأَمْصَارِ حِجَازًا وَعِرَاقًا وَشَامًا وَيَمَنًا فَكَانَ مِنْ مَذْهَبِهِمُ: الْقُرْآنُ كَلَامُ اللَّهِ غَيْرُ مَخْلُوقٍ بِجَمِيعِ جِهَاتِهِ …وَمَنْ زَعَمَ أَنَّ الْقُرْآنَ مَخْلُوقٌ فَهُوَ كَافِرٌ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ كُفْرًا يَنْقُلُ عَنِ الْمِلَّةِ. وَمَنْ شَكَّ فِي كُفْرِهِ مِمَّنْ يَفْهَمُ فَهُوَ كَافِرٌ. شرح أصول اعتقاد أهل السنة والجماعة اللالكائي صحيح321

ئىمان – ئەقىدىگە قارىتا

(1)مۇرجىئىيلارنىڭ مەشھۇر ئەقىدە كىتابى يازغۇچىسى ئابدۇللاھ نەسەفىي ئىمان توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ساغلام ئىمان دېگەن – تىلدا ئىقرار قىلىش، قەلبتە تەستىق قىلىش بولۇپ، ئەمەل ئىمان ئىچىگە كىرەلمەيدۇ(تەفسىر نەسەفىي سۈرە بەقەرە 1-37).ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەردىن، دوكتور ئابدۇلئەزىز دەرسلىك قىلىپ تارقاتقان تەفسىر نەسەفى http://www.meripet.biz/bbs1/read.php?tid=6134 ، http://www.sajiye.biz/) والإيمان الصحيح أن يقر باللسان ويصدق بالجنان والعمل ليس بداخل في الإيمان( مەنبە: تفسير النسفى سورة البقرة 1 37 أبو البركات :عبد الله بن أحمد النسفي،

(2)مۇشۇ ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مۇرجىئىي مۇفەسسىرلەردىن شەيخ شەئراۋى ئىماننى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: ئىمان دېگەن: ئەقىدە مەسىلىلىرىگە كەسكىن ھالدا تەستىق قىلىشتۇر. شۇنىڭدەك، تەستىق دېگەن- ئىماننىڭ بېشى ۋە ھەممىسىدۇر(قال الشعراوي: أن مدخل الإيمان هو التصديق بالقضية العقدية الجازمة، وهكذا تجد أن الصدق هو رأس الأمر كله، تفسير الشعراوي سورة التوبة (119). ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەردىن، مۇھەممەد ئەلى دەرسلىك قىلغان تەفسىرنىڭ ئۇيغۇرچىسى: https://www.youtube.com/watch?v=hzcoDrbxg7s)

قىسقىچە رەددىيە

بۇ، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلنى ئىمان قاتارىدىن دەپ بايان قىلغان ئايەت ۋە ھەدىسلىرىگە قارشى ۋە ساھابىلەر، تابىئىنلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىمان ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە قارشى ئازغۇن مۇرجىئىيچە ئىمان بولۇپ، مۇسۇلماننى قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكۈملىرىگە سۇس قاراشقا ۋە ئەمەل قىلماسلىققا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسى سەۋەبتۇر. يەنى ئەمەل ئىمان قاتارىدىن ئەمەس، دېگەن ئىمان- تولۇق ئىمان بولماس. گەرچە، ئەزھەرىيلەر بۇخىل ئازغۇن ئەقىدىنى ئۇيغۇرغا زورلاپ تارقاتقىلى تۇرغان بولسىمۇ! بىر قىسىم دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:

1. ‹‹ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[سۈرە بەقەرە143- ئايەتتىن] رەسۇلۇللاھ بۇ ئايەتتىكى «ئىمان» سۆزىنى: ناماز دەپ تەپسىر قىلغان‹سەھىھۇلبۇخارىي4486- ھەدىس›.- وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ (سورة البقرة143)››.

2. رەسۇلۇللاھ: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىمان ئېيتىش دېگەن: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق ئېيتىش؛ ناماز ئوقۇش؛ زاكات بېرىش…(سەھىھۇلبۇخارىي 53- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم125- ھەدىس).- قَال رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: الْإِيمَانُ بِاللَّهِ وَحْدَهُ- «شَهَادَةِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ…(مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ)

3. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار شۇنداق دېيىشكەن: سۆز(ئىمان) ئەمەل بىلەن پايدا بېرىدۇ، ئەمەل پەقەت سۆز بىلەن پايدا بېرىدۇ، سۆز ۋە ئەمەل پەقەت نىيەن بىلەن پايدا بېرىدۇ. نىيەت پەقەت سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغاندىلا پايدا بېرىدۇ(شەرىئەت 257- نومۇر؛ ئىبانە 1089- نومۇر؛ سەھىھ).- حَدَّثَنَا أَبُو يَعْقُوبَ إِسْحَاقُ بْنُ أَبِي حَسَّانَ الْأَنْمَاطِيُّ(ثقة تاريخ بغداد 3375) قَالَ: حَدَّثَنَا هِشَامُ بْنُ عَمَّارٍ(«ثقة» : سؤالات ابن الجنيد لأبي زكريا يحيى بن معين519تاريخ الثقات العجلى1741(وقَالَ هِشَامٌ: لقِيْتُ شِهَاباً وَأَنَا شَابٌّ سير أعلام النبلاء6535)قَالَ: حَدَّثَنَا شِهَابُ بْنُ خِرَاشٍ(ثقة تاريخ الثقات العجلى675 الكاشف الذهبي2311وتهذيب التهذيب630) قَالَ: حَدَّثَنِي عَبْدُ الْكَرِيمِ الْجَزَرِيُّ(رجال الشيخين)، عَنْ عَلِيِّ بْنِ أَبِي طَالِبٍ، وَعَبْدِ اللَّهِ بْنِ مَسْعُودٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَا: ” لَا يَنْفَعُ قَوْلٌ إِلَّا بِعَمَلٍ، وَلَا عَمَلٌ إِلَّا بِقَوْلٍ، وَلَا قَوْلٌ وَعَمَلٌ إِلَّا بِنَيَّةٍ، وَلَا نِيَّةٌ إِلَّا بِمُوَافَقَةِ السُّنَّةِ الشريعة صحيح257والإبانة الكبرى لابن بطة 1089

4. مەشھۇر تابىئىن ھەسەن بەسرىي شۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن: نىيەت، سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغاندىلا كامىل بولىدۇ(ئاجۇررىي: شەرىئەت 258- نومۇر، سەھىھ).- قال الحسن: «الإيمان قول، ولا قول إلا بعمل ، ولا قول وعمل إلا بنية ، ولا قول وعمل ونية إلا بسنة » الشريعة للآجري258صحيح

3. ئىمام مالىك شۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، كوپىيىدۇ، كېمىيىدۇ(ئىبنى ئەھمەد: سۈننەت636- نومۇر، سەھىھ).- قال مالك: الايمان قول وعمل يزيد وينقص,صحيح. السنة لعبد الله بن أحمد 636

5. ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، كوپىيىدۇ، كېمىيىدۇ(بەيھەقىي: مەئرىفەتۇسسۇنەن349- نومۇر، سەھىھ).- قَالَ الشَّافِعِيّ: الْإِيمَانُ قَوْلٌ وَعَمَلٌ يَزِيدُ وَيَنْقُصُ,صحيح معرفة السنن والآثار للبيهقي349

6. ئىمام ئەھمەد شۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، كوپىيىدۇ، كېمىيىدۇ(ئىبنى ئەھمەد: سۈننەت1010- نومۇر، سەھىھ).- قال أحمد : الإيمان قول وعمل يزيد وينقص, صحيح. السنة لعبد الله بن أحمد1010

 ئىسلامنىڭ باشقا ھۆكۈملىرىگە قارىتا

ساقال

– ئىسلام دۈشمەنلىرىدىن: ئەزھەر شەيخى دوكتور ئەلى جۈمە، شەيخ شەلتۇت ۋە ئىسلامنى بۇرمىلاش بىلەن مەشھۇر تارىخچى مۇھەمەد ئەبۇ زۇھرە قاتارلىقلار قىلچە دەلىلسىزلا: ساقال قويۇش- ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئالاقىسى يوق، ئۆرپ- ئادەت، دەپ پەتىۋا بەرگەن- أن إطلاق اللحية من أمور العادات وليس من قبيل الشرعيات.

يەنە شەيخ ئۇسەيمىن تەرىپىدىن مۇرتەد دەپ پەتىۋا بېرىلگەن ئەرەب مىللەتچىسى دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىي ساقال قويۇشنى ئۆرپ- ئادەتكە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سەلەفلەرنىڭ ساقال چۈشۈرگەنلىكىگە قارىتا دەلىلنىڭ يوقلۇقىغا كەلسەك، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە ساقال چۈشۈرۈشكە ئېھتىياج بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ بىلجىرلىغان(دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋى يازغان، دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان‹‹ ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام›› ناملىق كىتابتىن).

(شۇڭا ئەزھەرىيلەر ساقال قويمايدۇ، قويسىمۇ تۇتامدىن تۆۋەن بولغان ئۆلچەمسىز كوتمەك تۈك قويۇپ قويىدۇ ۋە ساقالنى تولۇق قويغانلارنى رادىكال، خۇراپى دەپ يامان كۆرىدۇ).

قىسقىچە رەددىيە

بۇ پەتىۋا- ئەمەلسىزلىككە پۈتۈنلەي چۈمۈپ كەتكەن كەڭ ساقالسىز ئۇيغۇرلارغا قوي يېغىدەك يېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، رەددىيەنى دەرھال بېرىپ قوياي: يۇقارقى ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان زەھەرخەندە پەتىۋا- رەسۇلۇللاھ بۇيرىغان، ئۆزى ۋە ساھابىلەر تولۇق قويغان ساقالنى تۇتامدىن ئاشقۇدەك قويۇشتىن ئىبارەت پەرز- ۋاجىبقا قارشى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مۇشرىكلارغا قارشى تۇرۇپ، ساقالنى تولۇق قويۇڭلار، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار(بۇخارى5953- نومۇرلۇق ھەدىس؛ مۇسلىم 259- نومۇرلۇق ھەدىس)، تەپسىلاتى بۇ يەردىكى‹‹ساقالنى تولۇق قويۇش پەرز-ۋاجىب›› ناملىق يازمىدا https://www.facebook.com/permalink.php?story_fbid=113281022731921&id=100021500723575

Leave a Reply