جۈمە كۈنىدە ھېيت ناماز ئوقۇغان ئادەم جۈمە نامازنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ



بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالام رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق مۆئمىنلەرگە بولغاي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ.
تۆۋەندە مەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىكىرئىختىلاپى بولىۋاتقان مەزكۇر مەسىلىنىڭ توغرا بولغان تەرىپىنى يۇرىتىپ بېرىش ئۈچۈن بىرقانچە ھەدىس تەييارلىدىم. پايدىلىنىپ قالارسىلەر:

1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: بۈگۈن ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. ھېيت نامازنى ئوقۇغان خالىغان ئادەم جۈمە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. بىز جۈمە ئوقۇيمىز(ئۇيغۇرچە: سەھىھۇلجامىئ 4365- ھەدىس).- عن أبي هربرة عن رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أنه قال:  قد اجتمع في يومكم هذا عيدان، فمن شاء أجزأه من الجمعة، وإنا مُجَمِّعون، صحيح الجامع4365.
2. ئەبۇ ئۇبەيدە شۇنداق دېگەن: مەن جۈمە كۈنىگە توغرا كەپقالغان ھېيتتا ئوسمان رەزىيەللاھۇ بىلەن بىرگە بولدۇم. ئوسمان رەزىيەللاھۇ  شۇنداق دېدى: بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. مەدىنە ئەتىراپىدىن كەلگەنلەر قايتىپ كەتسە رۇخسەت. جۈمەگە تۇرۇشنى خالىغان ئادەم قەپقالسا بولىدۇ(ئىبنى ئەبى شەيبە 5887- ھەدىس؛ سەھىھۇلبۇخارىي 5572- ھەدىس).- عَنْ أَبِي عُبَيْدٍ قَالَ : شَهِدْتُ الْعِيدَ مَعَ عُثْمَانَ وَوَافَقَ يَوْمَ جُمُعَةٍ ، فَقَالَ : إِنَّ هَذَا يَوْمٌ اجْتَمَعَ فِيهِ عِيدَانِ لِلْمُسْلِمِينَ ، فَمَنْ كَانَ هَاهُنَا مِنْ أَهْلِ الْعَوَالِي فَقَدْ أَذِنَّا لَهُ أَنْ يَنْصَرِفَ ، وَمَنْ أَحَبَّ أَنْ يَمْكُثَ فَلْيَمْكُثْ. مُصنف ابن أبي شيبة 5887 صحيح, صحيح البخاري5572.
3. ئەلى رەزىيەللاھۇ زامانىدا ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ  جامائەت بىلەن ھېيت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دېدى: بىز جۈمە ناماز ئوقۇيمىز. خالىغان ئادەم جۈمەگە كەلسۇن(ئىبنى ئەبى شەيبە 5887- ھەدىس، سەھىھ).- اجْتَمَعَ عِيدَانِ عَلَى عَهْدِ عَلِيٍّ فَشَهِدَ بِهِمَ الْعِيدَ ، ثُمَّ قَالَ : إِنَّا مُجَمِّعُونَ، فَمَنْ أَرَاْدَ أَنْ يَشْهَدَ فَلْيَشْهَدْ. مُصنف ابن أبي شيبة5889صحيح.
4. ئەتائ مۇنداق دېگەن: ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ  بىز بىلەن جۈمەكۈنى ئەتىگەندە ھېيت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن بىز جۈمە نامازغا كەلدۇق. ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ جۈمەگە چىقمىدى. بىز ئايرىم ئايرىم ناماز ئوقۇدۇق. بۇنى تائىفتىكى ئىبنى ئابباس  رەزىيەللاھۇماغا دېسەك، ئىبنى ئابباس  رەزىيەللاھۇما: ئىبنى زۇبەير سۈننەتكە ئۇيغۇن ناماز ئوقۇپتۇ، دېدى(سەھىھ ئەبى داۋۇد 982- ھەدىس).- عن عطاء قال: صَلى بنا ابن الزبير في يوم عيد، في يومِ جمعة أولَ النهار، ثم رجعنا إلى الجمعة، فلم يَخْرُجْ إلينا، فصلينا وحدانآ، وكان ابن  عباس بالطائف، فلما قدم ذكرنا ذلك له؟ فقال: أصاب السنة. صحيح أبي داود982
5. ۋەھب ئىبنى كەيسان شۇنداق دېدى: ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ زامانىدا ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ھېيت نامىزىغا كۈن خېلى ئېگىزلىگەن چاغدا چىقىپ ئۇزۇن خۇتبە ئوقۇدى. ئاندىن ھېيت نامازنى ئوقۇدى، جامائەتكە جۈمە نامازنى ئوقۇپ بەرمىدى. ئىبنى زۇبەيرنىڭ بۇ ئىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا دېيىلگەندە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئىبنى زۇبەير سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش قىپتۇ، دېدى(سۇنەنۇن نەسەئىي 1592- ھەدىس، سەھىھ).- عن وهب بن كيسان قال اجتمع عيدان على عهد ابن الزبير فأخر الخروج حتى تعالى النهار ثم خرج فخطب فأطال الخطبة ثم نزل فصلى ولم يصل للناس يومئذ الجمعة فذكر ذلك لابن عباس فقال أصاب السنة. سنن النسائي1592  صحيح.
6. ئەتائ مۇنداق دېگەن: ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ  زامانىدا روزا ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كەلدى. ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ: بىر كۈندە ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى دەپ بولۇپ، روزا ھېيت ۋە جۈمە نامازنى جۇغلاپ، ئەتىگەندە ئىككى رەكەت روزا ھېيت نامازنى ئوقۇپ، ئەسر نامازغىچە باشقا ناماز ئوقۇمىدى(سەھىھ ئەبى داۋۇد 983- ھەدىس).- عن عطاء قال: اجتمع يوم جمعة ويوم فطر على عهد ابن الزبير، فقال: عيدان اجتمعا في يوم واحد، فجمعهما جميعاً؛ فصلاّهما ركعتين بُكْرَةً، لم يزد عليهما حتى صلى العصر. صحيح على شرط مسلم, صحيح أبي داود983
7. ۋەھب ئىبنى كەيسان شۇنداق دېدى: ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇما زامانىدا ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ھېيت نامىزىغا كۈن خېلى ئېگىزلىگەن چاغدا چىقىپ ئۇزۇن خۇتبە ئوقۇدى. ئاندىن ھېيت نامازنى ئوقۇدى، شۇ كۈنى ئىبنى زۇبەير جامائەت بىلەن جۈمە نامازنى ئوقۇمىدى.ئەنى ئۇمەييە قەبىلىسىدىن بىر بۆلۈك ئادەم ئىبنى زۇبەيرنى ئەيبلەشتى. ئىبنى زۇبەيرنىڭ بۇ ئىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا دېيىلگەندە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئىبنى زۇبەير سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش قىپتۇ، دېدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇمانىڭ سۆزى ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇماغا بايان قىلىنغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا ھېيت ۋە جۈمەدىن ئىبارەت ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېيت نامازنىلا ئوقۇپ، جۈمە نامازنى ئوقۇمىغانلىقىنى كۆرگەنىدىم(ئەخبار مەككە 1845 – ھەدىس؛ ئىبنى مۇنزىر2141- ھەدىس، سەھىھ).- عَنْ وَهْبُ بْنُ كَيْسَانَ، قَالَ: اجْتَمَعَ عِيدَانِ عَلَى عَهْدِ ابْنِ الزُّبَيْرِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا، فَأَخَّرَ الْخُرُوجَ حَتَّى تَعَالَى النَّهَارُ، ثُمَّ خَرَجَ، فَخَطَبَ، فَأَطَالَ الْخُطْبَةَ، ثُمَّ نَزَلَ، فَصَلَّى رَكْعَتَيْنِ وَلَمْ يُصَلِّ بِالنَّاسِ يَوْمَئِذٍ الْجُمُعَةَ، فَعَابَ ذَلِكَ عَلَيْهِ نَاسٌ مِنْ بَنِي أُمَيَّةَ بْنِ عَبْدِ شَمْسٍ، فَذُكِرَ ذَلِكَ لِابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا، فَقَالَ: أَصَابَ السُّنَّةَ، فَذُكِرَ ذَلِكَ لِابْنِ الزُّبَيْرِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا، فَقَالَ: ” رَأَيْتُ عُمَرَ بْنَ الْخَطَّابِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ وَاجْتَمَعَ عَلَى عَهْدِهِ عِيدَانِ، فَصَنَعَ هَكَذَا ” أخبار مكة  للفاكهي1845 والأوسط لابن المنذر 2141 صحيح

Leave a Reply