مۇھەممەدىي دېمەي: سەلەفىي دېيىشنىڭ دەلىلى توغرىسىدا

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمىز، ئاللاھتىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ كىشى ئازدۇرالماس، ئاللاھ ئازدۇرغان(ھەقنى كۆرۈپمۇ قوبۇل قىلمىغان پاسىق) ئادەمنى ھېچ كىشى ھىدايەت قىلالماس(چۈنكى «ئاللاھ دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ(سۈرە بەقەرە)- وما يضل به إلا الفاسقين». پاسىقنىڭ دەلىلنى كۆرۈپمۇ ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى- پاسىق زىيىنىغا- ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە دەلىل بولغانلىقى- ئاللاھنىڭ پاسىقنى ئازدۇرغانلىقىدۇر). ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق مەئبۇد يوقتۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يېگانەدۇر دەپ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.
ئاللاھقا ھەمدۇسانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتقاندىن كېيىن ئاساسى گەپ:

بىرەيلەن مۇھەددىس ئەلبانىيدىن: سەلەفىي دەپ ئاتىغانغا قارىغاندا، رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىپ: مۇھەممەدىي دېسە، سەلەفىي دېگەندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ دېگەن سوئالىغا مۇھەددىس ئەلبانىي: نېمىشقا سەلەفىي دېگەن نامنى توغرا كۆرمەيسىز؟ دەپ سورىغان. قارشى تەرەپ: چۈنكى ئاللاھ شۇنداق دېگەن: ‹‹سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر [ئەھزاب سۈرىسى21]››. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەكەلگەندىن باشقىغا، رەسۇلۇللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئادەمگە ئەگىشىش توغرا ئەمەس، دېگەن ۋە ئاللاھ تەئالا: ‹‹ پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار[ھەشر سۈرىسى7]›› دېگەندىكىن قۇرئان، ھەدىسقىلا ئەگەشسەك بولمامدۇ؟ دېگەن.
مۇھەددىس ئەلبانىي جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ئاللاھ تەئالا: ‹‹ پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار››، دېگەندىكىن قۇرئان، ھەدىسقىلا ئەگەشسەك بولمامدۇ؟ دېگەن سۆزىڭىز بىلەن سەلەفىي دېگەن نامنى ئىنكار قىلىشىڭىڭىز ھەدىسكە قارشى. چۈنكى 73 پىرقە ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھ: ‹‹پەقەت بىر پىرقىلا جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەن››. ساھابىلەر: جەننەتكە كىرىدىغان پىرقە قايسى؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ‹‹مەن ۋە ساھابىلىرىم يولىدىكىلەردۇر، دەپ جاۋاب بەرگەن(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1348- ھەدىس)››. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ‹‹ماڭىلا ئەگىشىدىغان پىرقە جەننەتكە كىرىدۇ›› دېمەي ‹مەن ۋە ساھابىلىرىم يولىدىكىلەر جەننەتكە كىرىدۇ››، دېگەن.
ئۇندىن باشقا، قۇرئاندا ئاللاھ تەئالا: ‹‹كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! [نىسا سۈرىسى115]››، دېگەن.
بۇ ئايەتتىكى‹‹مۆمىنلەرنىڭ يولى››دىن ئەڭ دەسلەپ كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى- ساھابىلەردۇر. مۇنۇ ھەدىستە بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ: مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغان راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، سۈننەتنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار،دېگەن(سەھىھ مىشكات 165 – نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە ئەگىشىڭلار دەۋاتسا، سىز: رەسۇلۇللاھقىلا ئەگىشىپ ‹‹مۇھەممەدىي›› دەيلى. ساھابىگىمۇ ئەگىشىپ ‹‹سەلەفىي››، دېمەيلى ۋە ئەگەشمەيلى دېگەن سۆزىڭىز يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارشى دەپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە بىردىنبىر توغرا جامائەت بولغان ‹‹سەلەفىي›› يولى ۋە نامىنىڭ قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
مۇنازىرىنىڭ ئەرەبچە تولۇقى: https://www.youtube.com/watch?v=SRxPNeEaYB8

Leave a Reply