ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەزھەب- پىرقىلەر

ھازىر كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دىنى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىككى خىل مەزھەب بولۇپ، بىرى ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار. بۇلاردا ئەرەبچە ئوقۇغانلارمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ مەزھەب قارىشىغىمۇ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىدۇ. يەنە بىرى، ئىنتايىن ئازساندىكى سۈننەت ئەھلى بولغان سەلەفىيلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىدا ئەرەبچە ئوقۇغانلارمۇ ئاز، بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدىغانلارمۇ يوقنىڭ ئورنىدا بار بولسىمۇ، ئىسلامى دەۋەتنى چىن يۈرەكتىن چىقىرىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بۇلاردا كۆپرەك. بۇ ئىككى مەزھەب ئارىسىدىكى ئاساسلىق پەرقلەر دەلىل ئېلىش مەنبەلىرى، ئەقىدە ۋە ئىبادەت قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان پەرقلەر بار بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. دەلىل قىلىش مەنبەلىرى جەھەتتە:
دەلىل ئېلىش مەنبە مەسىلىسىدە، سۈننەت ئەھلى بولغان سەلەفىيلەر ئۈچۈن شەرىئەتكە دەلىل قىلىش مەنبەلىرى تۆت. ئۇلار: قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ ۋە قىياس.
ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەقىدىدە ئەشئەرىي، پىقھىدە ھەنەفىي بولغان بۇ مەزھىبىدىكىلەر ئۈچۈن دەلىل قىلىش مەنبەلىرى ئالتە. ئۇلار: قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان ۋە ئۆرپ- ئادەت.
بۇ مەسىلىدىكى كېلىشكىلى بولمايدىغان پەرق شۇكى، بۇ مەزھەبتىكىلەر: خالايىقنىڭ ئۇزۇندىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ- ئادىتى شەرىئەت ئۈچۈن دەلىل، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
سۈننەت ئەھلى بولغان سەلەفىيلەر بولسا، شەرىئەت- يالغۇز ئاللاھنىڭلا ئىجادىيىتى. شەرىئەتكە خالايىقنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى دەلىل قىلىش- شەكسىزكى ئاللاھنىڭ چالا قالغان شەرىئىتىنى ئىنسانلار تولۇقلاپ قويالايدۇ، دېگەن ئېغىر ئازغۇنلۇققا ئاپىرىدىغان گەپ. ئۆرپ- ئادەت شەرىئەتكە دەلىل بولىدىغان بولسا، قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ نېمە ھاجىتى؟ شەرىئەت بەلگۈلەش- يالغۇز ئاللاھنىڭلا ھوقۇقى. رەسۇلۇللاھ پەقەت يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بايان قىلىپ بېرىدۇ خالاس، دەپ رەددىيە قايتۇرىدۇ.
2. ئىمان- ئەقىدە جەھەتتە:
ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار ئىماننىڭ ئاساسى بىر يەنى: قەلبتە تەستىقلاش، دييىشىدۇ، بەزىلىرى ئېغىزدا ئىقرار قىلىش، دەيدۇ. يەنى ئىماننىڭ ئاساسى ئىككى، دەپ ئىمان ئېيتىدۇ.
ئەھلى سۈننەت بولغان سەلەفىيلەر بولسا: ئىماننىڭ ئاساسى ئۈچ: ئېغىزدا ئىقرار قىلىش، قەلبتە تەستىقلاش، ئەمەلدە ئىجرا قىلىش، دەپ ئىمان ئېيتىدۇ. يەنى ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار ئەمەلنى ئىمان قاتارىدىن، دەپ ئىمان ئېيتمايدۇ.
3.ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرى مەسىلىسىدە:
ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار قۇرئان، ھەدىستىكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىپ كاپىر بولۇپ ئۆزگەرتىپ چۈشىنىدۇ؛
ئەھلى سۈننەت بولغان سەلەفىيلەر بولسا: قۇرئان، ھەدىستە كەلگەن ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قانداق چۈشەنگەن بولسا ئۆز پېتى، ئۆزگەرتمەي چۈشىنىدۇ؛
4. ئاللاھنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە:
ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار : ئاللاھ ئاسماندا ئەمەس،دەپ ئاللاھنىڭ ئەرشتە ئىكەنلىكىگە كاپىر بولىدۇ؛
ئەھلى سۈننەت بولغان سەلەفىيلەر بولسا: ئاللاھ ئاسماندا، ئەرش ئۈستىدە، دەپ ئىمان ئېيتىدۇ… قاتارلىقلار.

ئەقىللىق مۇسۇلمانغا ئېنىقكى، مەزھەبلەر ئارىسىدا پىقھى جەھەتتە پىكىر ئىختىلاپى يۈز بېرىپ قالسا، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ياكى ئېنىق دەلىلى بولمىغان مەسىلىلەردە ھەركىم قارىشىنى ساقلاپ قېلىپ بولسىمۇ كېلىشكىلى بولىدۇ. ئەمما ئەقىدىدىكى ئىختىلاپنى تاكى ئىككىلا تەرەپ قۇرئان، ھەدىسنى ھۆكۈمدار قىلمىغۇچە، كېلىشكىلى، بولدى قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلارنىڭ ئەمەل ئىماننىڭ بىرقىسمى ئەمەس، دەپ تۇرۇۋېلىشىنى قۇرئان، ھەدىس ۋە بارلىق سەلەف سالىھلار قىلچە توغرا كۆرمەيدىغان ئازغۇن قاراش بولۇپ، بەزى ئالىملار ئەمەلنى ئىمان قاتارىدىن دەپ ئىمان ئېيتمىغان ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلارنى كۇپرىغا نىسبەت بەرگەنلەرمۇ بار. كۆپىنچە ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى: ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار كاپىر ئەمەس، ئەمما ئەھلى سۈننەت قاتارىدا ئەمەس، دەپ پەتىۋا بېرىشكەن. شۇڭا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار بىلەن، ئىنتايىن ئازساندىكى مەدىنە ئالىملىرى قارىشىنى ئاساس قىلغان ئەھلى سۈننەت بولغان سەلەفىيلەر ئارىسىدىكى دىنى پىكىر ئىختىلاپلار پات – پات پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە، ئاللاھنىڭ رازىلىقى لازىم بولغان، جەننەت لازىم بولغان مۇسۇلمان ئۆزى تاللاپ: ئۆرپ- ئادەت شەرىئەتكە دەلىل دەيدىغان؛ ئەمەل ئىمان قاتارىدىن ئەمەس، دەيدىغان،؛ ئاللاھ ئاسماندا ئەمەس دەيدىغان؛ ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ چۈشىنىدىغان ئەزھەر تەسىرىدىكى ئەشئەرىي- مۇرجىئىيلار قارىشى بويىچە ماڭسىمۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى؛ ۋە ياكى شەرىئەتكە ئىنساننىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى قوشۇش- ئاللاھ شەرىئەتنى چالا قويغان، ياكى ئاللاھ تولۇق ئەۋەتكەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ۋەھىگە خىيانەت قىلىپ، شەرىئەتنى چالا يەتكۈزگەن. ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ چالا قويغان شەرىئەتنى ئىنساننىڭ ئۆرپ-
ئادىتى بىلەن تولۇقلاپ قوياي، دېگەن ئېغىر ئازغۇنلۇققا ئاپىرىدىغان؛ ىئەمەل ئىماننىڭ بىرقىسمى. ئەمەل بولمىسا ئىماننىڭ نېمە مەنپەئەتى بولسۇن؟ دەپ چۈشىنىدىغان؛ ئاللاھ ئاسماندا دەيدىغان، ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى رەسۇلۇللاھ قانداق چۈشەنسە، شۇ پېتى چۈشىنىدىغان ئەھلى سۈننەت بولغان سەلەفىيلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە مېڭىپ، قۇرئان، ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلىپ، بىدئەت ۋە شەرىئەتكە قوشۇلۇپ قالغان ئۆرپ- ئادەت ۋە خۇراپاتلىقلاردىن قەتئى يىراقلىشىپ، ئەقىدە ۋە ئەمەلدە ساغلام مۇسۇلمان بولۇشنى تاللاشمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.
ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان، ھەدىسنى ساھابە قاتارلىق تۆت دەۋر سەلەف سالىھلەر چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىدىغانلاردىن قىلغاي.

Leave a Reply