ھېيت كۈنلىرىدە نامازدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن جامائەت بولۇپ تەكبىر ئېيتىش- ئەھلى دوزىخىنىڭ ئەمەلى بولغان بىدئەت

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالام رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق مۆئمىنلەرگە بولغاي.
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ.
بىرقىسىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا،  ھېيت ناماز مەزگىلىدە ھەرنامازدىن ئاۋال ۋە كېيىن بىرەر قېتىممۇ ئۇنتۇلۇپ قالماي، ئۈنلۈك، بىرخىل ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىش قائىدىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ قۇرئان، ھەدىستىن دەلىلى يوق بولغان، ئەھلى دوزىخىنىڭ ئەمەلى بولغان بىدئەتتۇر. يەنى بۇ كۈنلەردە ساھابىلەرنىڭ تەكبىر ئېيتقىنىدەك، نامازنىڭ ئارقىسىدىلا ئەمەس، ھەممە ۋاقتتا، تەكبىر ئېيتىش سۈننەت. ھەممە ۋاقتتا تەكبىر ئېيتىش توغۇلۇق كەلگەن ئومۇمى كۆرسەتمىنى پەقەت نامازنىڭ ئارقىسىدىلا تەكبىر ئېيتىشقا توختىتىپ قويۇش- شەرىئەتنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلى پەيدا قىلىنغان بولىدۇ.
   ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلارغا مەلۇمكى، ئىبادەتكە قوشۇلۇپ قالغان بىر بىدئەت سەۋەبىدىن بىدئەتچىنىڭ قىلغان پەرز، نەپلە ئىبادىتى مەقبۇل ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: كىمىكى بىدئەت پەيدا قىلىدىكەن، ياكى بىدئەتچىگە ئورۇن بېرىدىكەن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتەلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئەمەلى قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېگەن(بۇخارى 3179 ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 2036 – ھەدىس؛ ئىبنى ھىببان 3717 – ھەدىس قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: فمن أحدث حدثاً  او اوى محدثا فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين ، لا يقبل منه صرف ولا عدل رواه البخاري.)
‏بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان قىلماقچى بولغان ئىبادىتىنى چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتىگە شەرتسىز بويسۇندۇرۇشى، بىدئەت پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا قىلغان ئەمەلى قوبۇل قىلىنماي، ئاۋارە بولىدۇ، خالاس. ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ: ھەرقانداق بىدئەت ئەمەلنى قىلغۇچى ئازغۇنلۇقتا،بارلىق ئازغۇنلار دوزاخقا مەھكۇم،دېگەن(نەسەئى، ئىبنى خۇزەيمە توپلىغان، ئالبانى: سەھىھ جامىئۇسسەغىر 2233 نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).- قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: وكل بدعة ضلالة، وكل ضلالة في النار رواه النساءي وغيره). شۇنداق بولغاچقا بىدئەتچىنىڭ قىلغان تەۋبىسى مەقبۇل ئەمەس. رەسۇلۇللاھ: شەكسىزكى ئاللاھ ھەرقانداق بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى چەكلىدى يەنى قوبۇل قىلمىدى، دېگەن(تەبەرانى ۋە باشقىلار توپلىغان، ئالبانى: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1620 – نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس- قال رسول صلى الله
عليه وسلم: ” إن الله احتجز التوبة عن صاحب كل بدعة رواه الطبراني وغيره).
**********************
تۆۋەندە، بىرقىسىم ساھابىلەرنىڭ ۋە بىرقىسىم ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى پەتىۋالىرى بىلەن تونىشايلى:

1. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىنادىكى چېدىردا تەكبىر ئېيتاتتى. بۇنى مەسچىتتىكىلەر ئاڭلاپ تەكبىر ئېيتاتتى. بازاردىكىلەر تەكبىر ئېيتاتتى، مىنا تەكبىر بىلەن لەرزىگە كېلەتتى(سەھىھۇلبۇخارىي قىسقارتىلمىسى 192- نومۇر؛ ئەلئەۋسەت 2156- نومۇر، سەھىھ).- وكانَ عُمَرُ رضي الله عنه يكبِّرُ في قُبَّتِهِ بمنىً، فيسمعُهُ أهلُ المسجدِ، فيكبِّرونَ، ويكبِّرُ أهلُ الأسواقِ، حتى تَرتجَّ مِنًى تكبيراً. مُخْتَصَر صَحِيح البُخَارِي192والأوسط لابن المنذر2156
2. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا ناماز ئارقىسىدا، كۆرپىسىدە، چېدىرىدا ۋە ماڭغان چاغلىرىدا تەكبىر ئېيتاتتى(سەھىھۇلباخارىي قىسقارتىلمىسى 193- نومۇر؛ ئەلئەۋسەت 2199- نومۇر، سەھىھ).- وكانَ ابنُ عُمرَ يُكَبِّرُ بِمِنًي تِلْكَ الْأَيَّامَ خَلْفَ الصَّلَوَاتِ، وَعَلَى فِرَاشِهِ، وَفِي فُسْطَاطِهِ، وَفِي مَمْشَائِهِ تِلْكَ الْأَيَّامَ جَمِيعًا». مُخْتَصَر صَحِيح البُخَارِي للألباني193 والأوسط لابن المنذر2199صحيح.
3. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەرەفات كۈنى بامدات نامازدىن باشلاپ، تەشرىق كۈنلىرى(قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن)نىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەسر نامازغىچە ۋ ئەسر نامازدىن كېيىنمۇ تەكبىر ئېيتاتتى(ئىبنى ئەبى شەيبە 5677- نومۇر؛ئىرۋائۇلغەلىل653- نومۇر، سەھىھ).- عَنْ عَلِيٍّ ؛ أَنَّهُ كَانَ يُكَبِّرُ بَعْدَ صَلاَةِ الْفَجْرِ يَوْمَ عَرَفَةَ إِلَى صَلاَةِ الْعَصْرِ مِنْ آخِرِ أَيَّامِ التَّشْرِيقِ ، وَيُكَبِّرُ بَعْدَ الْعَصْرِ. مُصنف ابن أبي شيبة5677 صحيح. إرواء الغليل 653.
*********
4. تەكبىرلەرنى نامازدىن كېيىنگە بېكىتىش بىدئەت
سوئال: تەشرىق كۈنلىرى نامازدىن كېيىن تەكبىرلەرنى ئېيتىش توغرىمۇ؟
مۇھەددىس ئەلبانىي: تەكبىرلەرنى نامازدىن كېيىنگە بېكىتىش توغرا ئەمەس، بەلكى بىدئەت. بۇ تەكبىرلەر تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممە ۋاقتلىرىدا ئېيتىلىدۇ.
زىلھىججىنىڭ 10 كۈنلىرىدىچۇ؟
ئوخشاشلا مەلۇم ۋاقتقا بېكىتىۋالماي ھەممە ۋاقتتا ئېيتىدۇ(ئەلبانىي: سىلسىلەئۇلھۇدا ۋەننۇر410- لېنتا 00:36:12 – مىنوتلۇق).
سوئال: ئاللاھ تەئالا تەشرىق كۈنلىرى تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىدى.
******************
5. جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىش بىدئەت
سوئال: تەشرىق كۈنلىرى تەكبىر ئېيتىشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلدۇق. بۇ تەكبىرنى ئىمامنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت ئېيتسا توغرا بولامدۇ؟ ياكى ھەربىر ئادەم تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتامدۇ ياكى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېيتامدۇ؟
ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن: شەيخ بىن باز، ئابدۇراززاق، ئىبنى غەديان، ئىبنى قۇئۇدلارنىڭ8340- نومۇرلۇق پەتىۋاسى:
ھەرئادەم ئايرىم ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىش توغرۇلۇق ھەدىس يوق. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزغا ئاساسلانمىغان ئەمەل رەت قىلىنىدۇ(سەھىھ مۇسلىم 4590- ھەدىس).
تەۋپىق ئەللاھتىن، ئ‍ەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئ‍ائ‍ىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي.
—-سەئۇدىي پەتىۋا- تەتقىقات ئورگىنى
******************
6. نامازدىن كېيىن جامائەتنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىشى بىدئەت
سوئال: جەنۇبتىكى بەزى يۇرتلاردا تەشرىق كۈنلىرى ۋە روزا ھېيت كۈنلىرىدە كۆپچىلىك بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىدۇ.يەنى ئىمام ھەر نامازدىن كېيىن اللَّهُ أَكْبَرُ اللَّهُ أَكْبَرُ اللَّهُ أَكْبَرُ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، اللَّهُ أَكْبَرُ اللَّهُ أَكْبَرُ وَلِلَّهِ الْحَمْدُ دەيدۇ. ئاندىن جامائەت بىردەك ئاۋاز، بىرخىل شەكىلدە، يۇقىرى ئاۋازدا تەكرارلايدۇ. ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەرنامازدىن كېيىن مۇشۇنداق تەكرارلايدۇ. بۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن: شەيخ بىن باز، ئابدۇراززاق، ئىبنى غەديانلارنىڭ9887- نومۇرلۇق پەتىۋاسى:
ئىككى ھېيت كېچىلىرىدە،زىلھىججىنىڭ  10 كۈنىنىڭ ھەممىسىدە، شۇنداقلا ئەرافات كۈنى بامدات نامازدىن تەشرىق كۈن ئاخىرىغىچە تەكبىر ئېيتىش شەرىئەتتە بار. دەلىل شۇكى،  (رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ﷲ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ [سۈرە بەقەرە 185- ئايەتتىن]،  ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار [سۈرە بەقەرە 203- ئايەتتىن].
ئىمام ئەھمەدتىن: ئەرەفات كۈنى بامدات نامازدىن باشلاپ، تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىچىگە تەكبىر ئېيتىشقا رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدىن دەلىل بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام ئەھمەد: ياق، ئىجمائ بىلەن، دېدى.
لىكىن، بىر ئاۋاز بىلەن جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىشنىڭ ئاساسى يوق، بىدئەت. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزغا ئاساسلانمىغان ئەمەل رەت قىلىنىدۇ(سەھىھ مۇسلىم 4590- ھەدىس).
ساھابىلەر، تابىئىنلەر،تەبىئى تابىئىنلەرمۇ بىر ئاۋاز بىلەن جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتمىغان. ئۇلار بىز ئەگىشىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا ئەگىشىش ۋاجىب، دىندا بىدئەت پەيدا قىلماسلىق كېرەك
تەۋپىق ئەللاھتىن، ئ‍ەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئ‍ائ‍ىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي.
—-سەئۇدىي پەتىۋا- تەتقىقات ئورگىنى
*******************************
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيت نامازغا بارغۇچە يەتتە يەردە توختاپ جامائەت بولۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىشىنىڭ قۇرئان،ھەدىستە دەلىلى يوق بىدئەت ئەمەل. سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغىنى- ھەركىم ئايرىم ئايرىم، ۋاقت بەلگۈلىۋالماي ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىشتۇر. بۇنىڭغا شەيخ بىن بازنىڭ تۆۋەندىكى پەتىۋاسى دەل توغرا كېلىدۇ:
مەشھۇر ئەھلى سۈننەت ئالىمى شەيخ بىن باز: ھېيت نامازدىن ئىلگىرى جامائەت بولۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىش- ئەھلى دوزىخىنىڭ ئەمەلى بولغان بىدئەت، دەپ پەتىۋا بەرگەن(ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تورى 127851- نومۇرلۇق پەتىۋادىن).

*******************************************
تەۋسىيە
ئاللاھنى ئىنساندىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا قويۇپ مۇرتەد بولىدىغان؛ قۇرئاننى ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس دەپ  كاپىر بولىدىغان؛ ئەمەلنى ئىمان قاتارىدىن ئەمەس دەپ ئىمانى كەمتۈك بولىدىغان؛ قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىپ ئايەتكە كاپىر بولىدىغان؛ ئاللاھنىڭ ئاسماندا، ئەرشتە ئىكەنلىكىگە كاپىر بولىدىغان؛ ناسارالارنى قېرىنداش دەپ بىلىدىغان؛ ساقالنى ئۆرپ- ئادەت دەپ بىلىدىغان؛ مۇزىكىنى ھالال دەپ بىلىدىغان؛ ئاياللار يات ئەرلەر بىلەن قول تۇتۇپ كۆرەشسە بولىدۇ،دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىمانى بۇزۇق ئەزھەر مۇرجىئىيلىرىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يازمىلارنى ئەستايىدىل ئوقۇغايسىلەر:
1. ئەزھەرىيلەر مۇرجىئىيمۇ؟
http://najiye.blogspot.com.tr/2017/08/blog-post_58.html
2. ئەزھەر مۇرجىئىيلىرىنىڭ: ئەمەل ئىماندىن ئەمەس، دېگەن ئازغۇن ئەقىدىسىگە كەسكىن رەددىيە
http://najiye.blogspot.com.tr/2017/08/blog-post_24.html
3. ئەزھەر ئالى مەكتەپ ئەقىدىسى ئەشئەرىيچەدۇر
http://najiye.blogspot.com.tr/2017/08/1_28.html
4. ساقالنى تولۇق قويۇش پەرز ۋاجىبتۇر
http://najiye.blogspot.com.tr/2017/08/blog-post_66.html
تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىي

Leave a Reply