ئالىملارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش- ئىسلامنىڭ ئابرۇيىنى قوغداشتۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئەقلى- ھۇشى جايىدا مۇسۇلمانلارغا مەلۇمكى، ئىسلام شەرىئىتىدە، ئالىملارنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان مۇقەددەس شەرىئەتنى پەقەت ئاشۇ ئالىملارغا رەسۇلۇللاھقا ۋاكالەتەن يەتكۈزىدۇ ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە قىلىنغان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھەرخىل سۈيقەستىدىن مۇداپە قىلىپ قوغدايدۇ. چۈنكى ئالىملار ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا گۇۋاھچى بولغان ھۆرمەتلىك ئىنساندۇر. دەلىل:
<<شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ – ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (سۈرە ئال ئىمران 18 – ئايەت)>>.
ئالىملار- رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسىدۇر. دەلىل: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن:ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى(مىشكات مەسابىھ 212- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).- عَن كثير بن قيس قَالَ قَالَ رسول الله صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : الْعُلَمَاء وَرَثَةُ الْأَنْبِيَاءِ . رَوَاهُ أَحْمَدُ وَالتِّرْمِذِيُّ وَأَبُو دَاوُدَ وَابْنُ مَاجَهْ وَالدَّارِمِيُّ، مشكاة المصابيح212(حسن).
ئالىملار مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئاللاھتىن ئەڭ بەك قورققۇچى ئادەمدۇر. دەلىل: إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ- ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ (سۈرە فاتىر 28 – ئايەت).
ئالىملارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئورنى توغرۇلۇق قۇرئان، ھەدىستە يۇقارقىدەك دەلىللەربولغانىكەن، بىرۋا بىر ئالىمغا تىل تەگكۈزسە، ياكى ھاقارەتلىسە، ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسىنى ھاقارەتلىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ ئىمانىدىن گۇمانلىنىش ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. بىر ئادەم ئالىمنى ھۆرمەتلىسە، ئىسلام شەرىئىتىنى ھۆرمەتلىگەن بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان، ھەدىس ئاشۇ ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن چۈشىنىلىدۇ.
مەن مۇشۇ چاغقىچە بىرەر ئالىمغا تىل تەگكۈزگەن ئەمەسمەن. چۈنكى بۇنىڭغا ۋىجدان ياكى ئەخلاقىم ئەمەس، دىنىم يول قويمايدۇ. ئۇنداقتا يېقىندا مەن توغرۇلۇق ئالىملارغا تىل تەگكۈزدى، ھاقارەتلىدى، دېگەن سۆز ئوتتۇرغا چىقتى. نېمە سەۋەبتىن؟
گەپنى باشتىن سۆزلىسەم: مەن ئۇزاقتىن بېرى بىرەر خاتالىقنى كۆرسەم ئۇنى دەپ قويۇشنى دىنى مەسئۇلىيەت دەپ ئېتىقاد قىلىپ كېلىگلىك. مەسىلە مۇسۇ مەسئۇلىيەتچانلىقتىن كېلىپ چىقتى. مەنمۇ باشقىلاردەك شەرىئەت دەپسەندە قىلىنسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، كۆڭۈل ئاياپ، شەرىئەتتىن مۇناسىۋەتنى مۇھىم بىلسەم، بۇ گەپ كېلىپ چىقمايتتى. ئەمما بۇنىڭغا مەن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قۇرئان، ھەدىس بۇنىڭغا يوق قويمايدۇ. دەلىل: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلار بىرەر مۇنكەرنى كۆرۈپ توسىمىسا، ئاللاھ ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن مۇنكەرنى قىلغان بىلەن ئوخشاش ئازابلايدۇ(ئۇيغۇرچە: سەھىھ جامىئ 3737- ھەدىس).-عن أبي بكر عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: إن الناس إذا رأوا المنكر و لا يغيرونه أوشك أن يعمهم الله بعقابه ( حم ) صحيح الجامع 3737.
شۇنداق قىلىپ، دەسلەپ توغرا ئاشكار ئېلان قىلىنغان تەبلىغلەردە سۆزلەنگەن يالغان ھەدىسلەرگە دەلىل بىلەن رەددىيە بەردىم. مۇشۇ چاغقىچە بىرەرسى يازمامغا: ماۋۇ سۆزنى خاتا دەپقاپسەن، دەپ رەددىيە يازمىدى. ئەمما تىل ھاقارەتنى بولۇشىغا يوللاپ تۇردى. مەنمۇ لايىقىدا رەددىيە بېرىپ تۇردۇم.
مەن رەددىيە يازغان يالغان ھەدىسنى سۆزلىدى، دېيىلگەنلەر ئەگەر ۋەتەننىڭ چەت- يېزىلىرىدىكى بىرەر ئىمام مەنبەسىنى دەماللىققا تاپالماي بىرەر كىتابتا كۆرگىنى ئېسىدە قېلىپ سۆزلەپ سالسا، بۇمۇ خاتا بولسىمۇ، ئاددىراق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما چەتئەلدىكى مەشھۇر ئىسلام ئالى مەكتەپلىرىدە، ياكى نامدار مەدرىسلەردە ئوقۇغان، كىتاب چەكلىمىسى يوق، كۆرسىلا بولىدىغان ئىشقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا تارقىتىدىغان تەبلىغ دېگەنگە يېرىم سائەتلىك تەبلىغ ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا 10 مىنوت بولسىمۇ، تەبلىغدە سۆزلىمەكچى بولغان ئايەت ۋەھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى، سەھىھ- يالغان توقۇلمالىقىنى بىر كۆرۈۋېتىپ سۆزلىسە، ئالدى بىلەن ئۆزى يالغان ھەدىسنى تارقاتقان گۇناھقا شېرىك بولمايدۇ. يالغان ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ نامىدىن سۆزلىسە گۇناھكار كاززابلار قاتارىدا بولىدىغانغا دەلىل: ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغانلىكى ھەدىسنى سۆزلەش – ئۇ ئادەمنىڭ كاززابلىقىغا يېتەرلىكتۇر. سەھىھ مۇسلىم 7- ھەدىس.
رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مېنىڭ نامىمدىن ھەدىس سۆزلەشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار! مەن توغرۇلۇق ھەدىس سۆزلىمەكچى بولغان كىشى توغرىسىنى، ھەقىقىسىنى سۆزلىسۇن. كىمىكى مەن دېمىگەننى رەسۇلۇللاھ دېدى دېسە، ئورنىنى دوزاختىن تەييارلىسۇن(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1753- نومۇرلۇق ھەسەن ھەدىس).
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىمىكى مەن دېمىگەننى رەسۇلۇللاھ دېدى دېسە، ئورنىنى دوزاختىن تەييارلىسۇن. سەھىھۇلبۇخارى 109- ھەدىس.
يەنە بىرى، باشقىلارغا ئۇنىڭ خاتا تەبلىغى سەۋەبلىك گۇناھقا چۈشمەيدۇ.
يەنە يازمىلىرىمدا ھازىرمۇ بار ئېنىق سۆزلەر شۇكى، مەن ئۇلارغا تەكلىپ بېرىشتىن ئاۋال ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان دىنى خىزمەتلىرىنى بىر قۇر مەدھىيلەپ بولۇپ ئاندىن پىكىر بەردىم.
1. مەن يالغان ھەدىس سۆزلىمىسەڭلار، شەرىئەت ئۈچۈن قۇرئان، كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىس يېتەرلىك دەپ تەكلىپ بەرگەن كىشىلەر: ئابدۇلھەكىم مەخدۇم، ئىبراھىم داموللا، سىراجىدىن ئەزىزى، ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي،ھەبىبۇللاھ كۈسەنى قاتارلىقلاردۇر.
يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ساقالنى تولۇق تۇتامدىن ئاشقۇدەك قويۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. دەلىل: رەسۇلۇللاھ: مۇشرىكلارغاقارشى تۇرۇپ، بۇرۇتنى قىرقىڭلار، ساقالنى تولۇق قويۇڭلار، دەپ بۇيرىغان(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان).- عَنِ ابْنِ عُمَرَ عَنِ النَّبِىِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ « خَالِفُوا الْمُشْرِكِينَ ، وَفِّرُوا اللِّحَى ، وَأَحْفُوا الشَّوَارِبَ».متفق عليه.
ساقالنى تولۇق قويۇش نېمە ئۈچۈن پەرز دېيىلىدۇ؟ چۈنكى، ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا: ‹‹پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار- مَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا(سۈرە ھەشىر 7 – ئايەتتىن)››، دەپ بۇيرىغان. رەسۇلۇللاھ: مۇشرىكلارغا قارشى تۇرۇپ، ساقالنى تولۇق قويۇڭلار، دەپ بۇيرىغان(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان). شۇڭا،ساقالنى تولۇق قويۇش پەرز – ۋاجىبتۇر.ساقالنى تولۇق قويمىغانلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققۇچى دەپ، مۇنۇ ئايەت بىلەن تەنقىتلىدىم: <<فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنە- شېرىككە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن (سۈرە نۇر 63 – ئايەت)>>.
بۇ، ئەسلىدە ئۆزىنى ئالىم ھېسابلايدىغانلارغا قىلىدىغان سۆز ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان ئاۋام خەلققە قىلىدىغان نەسىھەت ئىدى. چۈنكى 150 يىللار ئاۋال مۇسۇلمانلار تارىخىدا ساقالسىز موللا بايقالغان ئەمەس. سەۋەبى: ئالىم- ئاللاھتىن ئەڭ بەك قورقىقىغان ئادەم بولۇپ، بۇنىڭغا: بىرەرسى: ھەي ئالىم! سەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقماي،ساقالنى تولۇق قوي، دېيىش- ئالىمغا نىسبەتەن ئەڭ نۇمۇسلۇق بىلىنىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇ ئالىم بولسۇنۇيۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقسۇن. بۇ قانداق ئالىملىق؟ يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققۇچى ساقالسىز ئالىم دېيىلمەسلىكى كېرەك، دەپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلدىم.
مەن ساقالنى تولۇق قويۇشنى تەكلىپ قىلغان كىشىلەر.مۇھەممەد يۈسۈپ، سىراجىدىن ئەزىزىي، ئوبۇلقاسىم ئەھمدىي(يەنە بىر كىشىنىمۇ ساقال قويمايدۇ، دەپ ئاڭلاپ ھازىر قويۇش قوياي: سەيپىدىن قارىي، ئابدۇلئەھەد ھاپىز)، ئابدۇراززاق كىتابچى، دوكتور ئابدۇلئەزىز، دوكتور ئابدۇراخمان جامال، مەخمۇت داموللا قاتارلىق ھاياتى 30،40 يىل دىنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن كىشىلەردۇر. ھەي ئىسمى ئاتالغانلار! سىلەرنىڭ كۆپىنچىڭلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندۇ. ياكى باردۇ.ئەگەر سىلەرنىڭ ھازىرقى ساقالسىز كۇسا، (ھەنەفىي ئالىمى ئىبنى ئابىدىن پەتىۋاسى بويىچە: غىتمەك) تۇرقۇڭلارنى كۆرسە، ئۇلار قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتەرھە؟ سىلەرنى ساناقسىز جاپادا ئوقۇتۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، بۇ دۇنيادا پىتنە- شېرىككە، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا قالسۇن، دەپ ئوقۇتقانمىدى؟ يەنە نېمىدەپ مېنى يامان كۆرىسىلەر؟ سىلەر مېنى ئاتىمەن، چاپىمەن دەپ تەھدىت ئۇچۇرى يېزىپ يۈرگۈچە، دەلىلنىلا يوللىساڭلار خاپىلىق تۈگىمەمدا؟ بىرەيلەنگە ساقال گېپىنى قىلسام: ئەزھەرنىڭ دوكتورلىرى قويمىغانغا قارىغاندا، ئۇلار كۆرگەننى سەن كۆرمەي قالدىڭمۇيا؟ دېگىنىدە، مېنىڭ قانچىلىك كوڭلۇمنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئالىم قاتارىدا بولمىغان بولساڭلار، ساقالسىزلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلار بىلەنلا قالاتتى. ئەمما سىلەرنى باشقىلار ئالىم بىلگەندىكىن، سىلەرنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشۇڭلارمۇ باشقىلارغا دەۋەت ئورنىدا كۆرىنىپ، بىرەرسى رەسۇلۇللاھ مانداق بۇيرىغان، دېسە: ئۇنى ئاۋۇ دوكتور بىلمەمدا؟ دېگەن جاۋاب سىلەرگە گەپ قىلىشقا تېخىمۇ بەكرەك مەجبۇر قىلدى. مەن سىلەرگە ئوچۇق خەتمۇ يازدىم. ئەگەر راستىنلا سەھىھۇلبۇخارىيدىكى رەسۇلۇللاھنىڭ ساقال بۇيرۇقىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان دەلىلىڭلار بار بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭلار. ساقال قويغانلار بىرلىكتە چۈشۈرۈۋېتەيلى. ۋەتەندىكىلەرگىمۇ دەرھال خەۋەر قىلايلى، ساقال قويۇپ 7، سەككىز يىل كېسىلىپ يۈرمىسۇن. دەلىلمۇ يوق. ئەمما ساقال قويسام شەيتاننىڭ كوڭلى يېرىم بولىدىكەن، دېسەڭلار. ئۇمۇ تاللىشىڭلار. ئەمما بىر تەكلىپىم: دىنى ساھەگە ئارىلىشىۋالمىغان بولساڭلار.
2. مائارىپ جەمئىيىتى تەشۋىقاتىدا رەسۇلۇللاھ ھارام قاتارىدا سانىغان مۇزىكىنى ھالال دەپ تەشۋىق قىلىپ، تەبلىغقا ئارىلاشتۇرغانغا تەنتىق بەردىم.
3. دوكتور ئابدۇلئەزىرنىڭ چاچنى قارىغا بويىسا بولىدۇ دېگەنىگە، سەھىھۇلبۇخارىيدىكى بۇرۇتنى قىرقىش ھەدىسىنى بۇرمىلاپ مەزھەبكە بويسۇندۇرۇپ<<بۇرۇتنى چۈشۈرۈش>>، دەپ تەرجىمە قىلغانىغا رەددىيە ، مۇزىكىنىڭ ھالاملىقى توغرىسىدىكى سەھىھۇلبۇخارىيدىكى ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس، دېگىنىگە ۋە كىنو تەشۋىقاتى قىلغىنى قاتارلىقلارغا رەددىيە بەردىم.
4. بىدئەت تەتقىقاتچىسى ئابدۇلئەھەد ھاپىز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىسە، 100 پارچىدەك كىتاب يازغان مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئۇنى خاتا دېمەي تەشەككۇر ئېيتقىنىنى تەنقىتلىدىم.
قوشۇمچە: ئۇيغۇرغا تەسىرى يۇقىرى بولغان دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىينىڭ: ساقالنى ئۆرپ- ئادەت قاتارىغا ئىشارەت قىلغىنىغا رەددىيە بەردىم. ئەرلەر يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە بولىدۇ، ئاياللار مەھرەمسىز سەپەر قىلسا بولىدۇ، دېگىنىگە رەددىيە بەردىم ۋە بۇ ئىككى پەتىۋا بار كىتاب- كيف نتعامل مع السنة نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە تۈركىيەدىكى ئەرەب تىل مەكتەپلىرىدە زورلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بالىغىمۇ ئەسكەرتىش بېرىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسىمۇ بۇزۇلماي قالسا، دەپ ئەسكەرتىش بەردىم. ھازىر ساقالنى تولۇق قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇنداقتا نېمىشقا ساقال سۆزى كۆپ بولىدۇ؟ چۈنكى بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تەبىئىيلا يۈزى، ئېڭىكى كۆزگە چېلىقىدىغان گەپكە. رەسۇلۇللاھ بۇيرىغانغا قارشى ئىش بولغاندىكىن، گەپ مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىكەن.شەرىئەتتە بۇيرۇق بولغان پەرز- ۋاجىب يالغۇز ساقاللا ئەمەس. يەنە بىرمۇنچە پەرزلەر بار. ئەمما دەماللىققا قولدىن كېلىدىغىنى مۇشۇ بولغاندىكىن، مۇشۇنى بولسىمۇ قويساق، بولۇپمۇ ئالىملار باشلامچى بولۇپ قويۇۋالسا. چۈنكى ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدە ئىمان ئۈچ: تىلدا دېيىش، قەلبتە تەستىقلاش ۋە ئەمەل قىلىش. مۇرجىئىي ۋە باشقا ئەشئەرىي قاتارلىق پىرقىلەر ئىمان پەقەت تەستىقلاش، خالاس، دەپ ئەمەلنى ئىمان قاتارىدا كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئەمەلگە ئانچە ئېتىۋار بېرىپ كەتمەيدۇ. سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەھلى سۈننەت دەپ بىلسەڭلار، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان بولساڭلار.
بولمىسا مۇھەممەد يۈسۈپ، دوكتور ئابدۇلئەزىز، دوكتور ئابدۇراخمان جامال، ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي قاتارلىقلار سۈننەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى، سۈننەت ئىنكارچىلىرى بولغان يالغان قۇرئانچىلارغا رەددىيە بېرىپ يازغان كىتابلىرىمۇ كۆپ. سۈنننەتنى قوغداشقا بەك كۈچەۋاتىسىلەر. ئەمدى كام قالغان بىرلا ئىش قالدى. ئۇ بولسىمۇ- ئەمەل.
ئەي، ئۇيغۇر ئالىملىرى! سىلەر سۆزدىلا يېتەكچى بولماي، ئەمەلدىمۇ يېتەكچى بولغان بولساڭلار. قۇرئان، ھەدىسكە قارشى چىقمىغان بولساڭلار، قۇرئان، ھەدىسنى بۇرمىلىمىغان بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرى قىلغاي.
تەكرار دەيمەنكى يۇقارقىلار مېنىڭ ئالىملارنى ھاقارەتلىگەنلىكىم ياكى تىل تەگكۈزگەنلىكىم دەپ قارىمايمەن. شۇنداقلار ئۇلاردا ئالىملىق سۈپەت ۋە شەرتلەر بار دەپمۇ قارىمايمەن. چۈنكى ئالىم ئاللاھتىن ئەڭ بەك قورقىدۇ. ئاللاھتىن قورققان ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقمايدۇ. يەنە كەسكىن قىلىپ دەيمەنكى يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايىسى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئەمەل قىلىپ ساقالنى تولۇق قويغانلار ئەمەس! بىر پەرز- ۋاجىبنى شارائىتى بار تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلىقنى- ئەمەلنى ئىمان قاتارىدا قويمىغانلىق دەپ بىلىمەن.
نەتىجىدە ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى پەتىۋاسى بويىچە، ساقالسىزدا دەرس ئوقۇلماس، ساقالسىز ئىماملىققا يارىماس.
خۇلاسە: مېنىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان ئاتالمىش جىنايەتلىرىم مۇشۇكەن. بۇنىڭغا مەن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. يېقىندىن بېرى ئەزھەريىلەرنىڭ ئەدەبلەپ قويۇش تەھدىت ئۇچۇرلىرى كەلگەندىن باشقا، بىر قانچىسى مېنى جاسۇس، مۇناپىققا چىقىرىپمۇ بوپتۇ. ئورۇنسىز تۆھمەتلەر ئۈچۈن قىيامەتتە ئاللاھ ئالدىغا دەۋالىشىمەن. ماڭا تەھدىت ۋە ئېغىز بۇزۇش ئەمەس- دەلىل بولسىلا يېتەر. خوش، ئاللاھقا ئامانەت.

Leave a Reply