تەسۋى ئىشلىتىش بىدئەت، رىياكارلىق، مۇشرىكنىڭ قىلىقىدۇر

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمىز، ئاللاھتىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ كىشى ئازدۇرالماس، ئاللاھ ئازدۇرغان(ھەقنى كۆرۈپمۇ قوبۇل قىلمىغان پاسىق) ئادەمنى ھېچ كىشى ھىدايەت قىلالماس(چۈنكى «ئاللاھ دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ(سۈرە بەقەرە)- وما يضل به إلا الفاسقين». پاسىقنىڭ دەلىلنى كۆرۈپمۇ ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى- پاسىق زىيىنىغا- ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە دەلىل بولغانلىقى- ئاللاھنىڭ پاسىقنى ئازدۇرغانلىقىدۇر). ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق مەئبۇد يوقتۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يېگانەدۇر دەپ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.
‹‹ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار [ئالى ئىمران سۈرىسى102- ئايەت]››.
‹‹ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲ تىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر [نىسا سۈرىسى1- ئايەت]››
‹‹ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار [70]. اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ [ئەھزاب سۈرىسى71]››
ئاللاھقا ھەمدۇسانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتقاندىن كېيىن ئاساسى گەپ:
چوقۇمكى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى- ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى- رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ زىيانلىقى- دىنغا قوشۇلغان يېڭى ئىشلاردۇر. دىنغا قوشۇلغان بارلىق يېڭىلىق- بىدئەتتۇر. بارلىق بىدئەتنى سادىر قىلغۇچى ئازغۇنلۇقتادۇر. بارلىق ئازغۇن دوزاختادۇر

مەن سەئۇدىيدا تۇرۇش جەريانىدا، ھىندى مۇشرىكلىرىدىن مۇسۇلمانلارغا ئەڭ كۆپ تاراپ كەتكەن مۇشرىكلارنىڭ دىنى بۇيۇمى بولغان تەسۋى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە تەسۋىگە ئالاقىدار بارلىق ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈش- تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى خۇلاسىلەرنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇنماقچى:

1. رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ ھەدىس كۆرگەن ۋە تەھقىقلىگەن ياۋۇرۇپالىق مۇھەددىس، پەقىھ شەيخ ئەلبانىي: مۇنداق دېگەن: تەسۋىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى- ھىندى مۇشرىكلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن خىرىستىئان – ناسارالار دوراپ قوبۇل قىلغان، ناسارالاردىن مۇسۇلمانلارغا سىڭىپ كىرگەن، ئىسلامدىن ئىلگىركى بەزى دىن ۋە باتىل دىنلار پەيدا قىلغان قەدىمى بىدئەتتۇر(1)

2. سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنى مۇپتىسى، مۇسۇلمان ئالىملار ئىچىدە بىردىنبىر تەسۋى توغرۇلۇق:‹‹تەسۋىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمى››، ناملىق كىتاب يازغان مۇشۇ ھەقتىكى مۇتەخەسسىس ئالىم شەيخ بەكر ئەبۇزەيد مۇنداق دېگەن: تەسۋى بىلەن زىكر ئېيتىش- ھىندى مۇشرىكلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇ ھىندى بىراھمان دىنىدا پەيدا قىلىنغان. شۇلاردىن باشقا شەھەر ۋە باشقا دىنلارغا سىڭىپ كىرگەن. تەسۋى ھىندى سانسىكىرت تىلىدا:‹‹جەبە مالا››، دېيىلىدىغان بولۇپ، زىكر ساناش، دېگەن مەنىدە(2).

3. مۇھەددىس ئەلبانىي مۇنداق دېگەن: تەسۋى ئۈچ نۇقتىدىن توغرا ئەمەس:
1) تەسۋى- رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قارشى.
دەلىل شۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئوڭ قولىدا زىكر- تەسبىھنى ساناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم(3).
2) تەسۋى- رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى.
دەلىل شۇكى، رەسۇلۇللاھ بەزى ئاياللارغا مۇنداق بۇيرۇق قىلغان: تەسبىھ، تەھلىل،تەكبىرلەرنى بارماق بىلەن ساناڭلار. غاپىل بولماڭلار. بولمىسا تەۋھىدنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر. زىكرنى بارماق بىلەن ساناڭلار. چوقۇمكى، بارماقلار- (قىيامەتتە)سوئال قىلىنىدۇ، سۆزلىتىلىدۇ(يەنى ئاخىرەتتە بارماق: مەن بىلەن تەسبىھ ئېيتتى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ(4))
ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققۇچىلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن!: «پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار (بۇ دۇنيادا) مۇشرىك بولۇپ كېتىشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن (5)».
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتتىكى «فتنة»نى: بۈيۈك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولۇشنى بىلدۈرىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن(6).
3) تەسۋى- رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا يوق نەرسە بولۇپ، كېيىن پەيدا بولغان بىدئەت(7).

4. سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنى مۇپتىسى شەيخ بەكر ئەبۇزەيد مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: زىكرنى ساناشقا تەسۋى ئىشلىتىش- كاپىرغا ئوخشىۋالغانلىق، ئىبادەت بولغان زىكر- ۋەزىپىلەرگە بىدئەت قوشقانلىقتۇر(8).

5. سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنى مۇپتىسى شەيخ بەكر ئەبۇزەيد مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: زىكر ساناشقا تەسۋى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمى شۇ سەۋەبتىنكى، تەسۋى بىرقانچە مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: يەنى يېڭى پەيدا بولغان ۋاسىتە، ھاراملىقى ئېنىق بولغان بىدئەت، شۇنداقلا كاپىرغا ئوخشىۋېلىش ۋە ئىبادەتتە يېڭىلىق پەيدا قىلىش قىلمىشى مەۋجۇد. تەسۋىنى ئىشلىتىشنىڭ يولى توغرا بولمىغانىكەن، تەسۋى ياساش، تەسۋى سېتىش، تەسۋىنى مەسچىتكە ۋەقپى قىلىش، تەسۋىنى سوۋغا قىلىش، تەسۋى سوۋغا قىلسا قوبۇل قىلىش، تەسۋى ساتىدىغان دۇكان ئىجارىگە بېرىش قاتارلىقلارمۇ يۇقارقىغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى، بۇلاردا گۇناھقا ياردەم قىلىش، شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە قارشى چىقىش قىلمىشى بار. ئاللاھ تەلائالا شۇنداق دېگەن: ‹‹گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار- وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ [سۈرە مائىدە 2- ئايەتتىن](9)››.

6. سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنى مۇپتىسى شەيخ بەكر ئەبۇزەيد مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: تەسۋى- ئاللاھنىڭ دىنىغا سىرىتتىن كىرگەن. تەسۋى- باتىل دىنلاردا تارىختىن ئاۋاللا مەۋجۇد ئىدى. بەزىلەر ناسارا مىلادىيەسىدىن 800يىل ئاۋالمۇ بارىدى، دېيىشىدۇ. تەسۋى- بۇددا كاپىرلىرىنىڭ دىنى ئەسۋابى بولۇپ،بۇلاردىن ھىندىستان ۋە باشقا جايلاردىكى بىراھمان كاپىرلىرىغا تارالغان. ئۇلاردىن ناسارا- خىرىستىئانلارنىڭ بوپ- راھىب ۋە راھىبەلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. ھىندىستاندىن غەربىي ئاسىياغا تارقالغان(10).

7. سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنى مۇپتىسى شەيخ بەكر ئەبۇزەيد مۇنداق دېگەن: بىراھمان كاپىرلىرىنىڭ ۋىشنەۋى پىرقىسىنىڭ چۈشەنچىسىچە، ئۇلار ئىشلىتىدىغان تەسۋى ئۇرۇقى 12 بۇرۇجتىكى 9 يۇلتۇز سانىنى كۆپەيتىپ 108 كە توختاتقان(11).

7. نامازدىن كېيىن تەسۋى ئىشلىتىش ئازغۇنلۇق
(شەيخ بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق، شەيخ ئىبنى قەئۇد، شەيخ ئىبنى غەديانلارنىڭ 2229 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
سوئال: نامازدىن كېيىن تەسۋى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنىنىڭ جاۋابى:
رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ نامازدىن كېيىن بارماق بىلەن تەسبىھ ئېيتقان. مۇسۇلمان ئۈچۈن بارلىق ياخشىلىق- رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ۋە ئىقتىدا قىلىشتا. ئومۇمەن، دىنى ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلى- دەلىلدە توختاشتۇر. تەسۋى بىلەن زىكر ئېيتىشقا شەرىئەتتە دەلىل يوق. ئەكسىچە، ساھابىلەرنىڭ بارماقتىن باشقا نەرسىدە تەسبىھ ئېيتسا، قاتتىق تەنقىتلىگەنلىكىگە سەھىھ ھەدىس بار(بۇ ئورۇندىكى زەئىف ئەسەر ئورنىغا ئوخشاش مەزمۇندىكى سەھىھ نۇسخىسى قوشۇپ قويۇلدى): ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئۇششاق تاش بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئەيبلەپ: سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ دىنىدىنمۇ بەك توغرا يولدىما؟ ياكى ئازغۇنلۇق يولىنى ئاچماقچىمۇ؟ دەپ بولۇپ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكىم سىلەرنىڭ كۆپىنچىڭلار ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد بولۇشۇڭلار مۇمكىن، دەپ ئۇلاردىن ئايرىلدى(12).

8. مۇھەددىس ئەلبانىي شۇنداق دەيدۇ: بەزىلەر: ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك بارماق بىلەن سانىساق، زىكرى كۆپ بولغاندا ساناپ بولالمايمىز، دېيىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەسۋى سىرىيدۇ. بۇ بىدئەت يەنە بىر بىدئەتنى تۇغىدۇ. ئۇ بولسىمۇ شەرىئەت بېكىتكەن زىكرى سانىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتۇر. سەھىھ ھەدىستە بىر قېتىمدىلا ئېيتىلىدىغان زىكر – تەسبىھ سانى 100 بولۇپ، ئادەتلەنگەن كىشىگە بارماق بىلەن ساناش ئاسان(13)

9. مەدىنە مەسچىتى مۇدەررىسى، مۇھەددىس ئۇستاز شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئەبباد مۇنداق دېگەن: تاش بىلەن تەسبىھ ئېيتىش سۆزى بار ھەدىس ئىشەنچسىز. شۇڭا، تاش ياكى ئۈچكە بىلەن، شۇنىڭدەك، تەسۋى بىلەن زىكر ئېيتىشى توغرا ئەمەس. ئەڭ ئاددىسى- مەكرو. بەزى ئالىملار بىدئەت دەپ پەتىۋا بەرگەن. ئىنسانلارنىڭ تەسۋىدىن يىراق تۇرۇشى لايىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەسبىھ ئېيتماسلىقى لازىم. تەسبىھ دېگەن: پەقەت بارماقتا سانىلىدۇ(14).

10. مۇھەددىس مۇبارەكفۇرىي مۇنداق دېگەن: تاش ياكى ئۈچكە بىلەن زىكر ساناس توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھنىڭ پېئلىدىن، سۆزىدىن ياكى سۈكۈت قىلغانلىقىغا قارىتا سەھىھ ھەدىس يوق. بارلىق ياخشىلىق- پەقەت رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسقا ئەگىشىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ بىدئەتى بىلەن ئەمەس(15).

قوشۇمچە:
بەزىلەرنىڭ تەسۋى ئىشلىتىشكە دەلىل قىلىدىغان ئىككى ھەدىس توغرىسىدا:
1. رەسۇلۇللاھ سەئد بىلەن بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئۇ ئايال ئۈچكە ياكى تاش بىلەن تەسبىھ ئېيىتىۋاتقانىكەن. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا: سىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئاسانراق ياكى ئەۋزەلرەك بىر ئىشنى دەپ بېرەيمۇ؟ دەپ بولۇپ مۇنداق دېدى: سُبْحَانَ اللهِ عَدَدَ مَا خَلَقَ فِي السَّمَاءِ ، وَسُبْحَانَ اللهِ عَدَدَ مَا خَلَقَ فِي الأَرْضِ ، وَسُبْحَانَ اللهِ عَدَدَ مَا خَلَقَ بَيْنَ ذَلِكَ ، وَسُبْحَانَ اللهِ عَدَدَ مَا هُوَ خَالِقٌ ، وَاللَّهُ أَكْبَرُ مِثْلُ ذَلِكَ ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ مِثْلُ ذَلِكَ ، وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ مِثْلُ ذَلِكَ ، وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ مِثْلُ ذَلِكَ(بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم توپلىغان. ئالبانىي: بۇ ھەدىس زەئىف مۇنكەر ، دەپ باھالىغان(16))
2. سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ يېنىمغا كىرگەندە، تەسبىھنى ساناش ئۈچۈن تەييارلانغان 4000 دانە ئۈچكە بارىدى. مەن: مۇشۇنىڭ بىلەن تەسبىھ ئېيتىمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تەسبىھ ئېيتىدىغان ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ دېدى. مەن: بولىدۇ، دېدىم.رەسۇلۇللاھ: سبحان الله عدد خلقه دەڭ، دېدى(بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي توپلىغان. ئالبانىي: بۇ ھەدىس زەئىف مۇنكەر ، دەپ باھالىغان(17))
مۇھەئەدىس ئەلبانىي بۇ ئىككى ھەدىسكە قوشۇمچە قىلىپ شۇنداق دېگەن: سەققاف قاتارلىق بەزى جاھىللارنىڭ بۇ ھەدىسلەردە پەقەت ھاشىم ئىسىملىك بىرلا زەئىف راۋى بار، دېگەنىگە مەغرۇرلىنىپ قالماڭ. يەنى ھەر ئىككىسىدە ئىككىدىن زەئىف راۋى بار. ئۇندىن باشقا، بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ زەئىفلىكىگە تۆۋەندىكى ‹‹تاش›› سۆزى يوق ئىبنى ئابباستىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسمۇ دەلىل بولالايدۇ: مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى جۇۋەيرىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ جۇۋەيرىيەنىڭ يېنىدىن ئەتىگىنى بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە، جۇۋەيرىيە ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ چاشكا ۋاقتىدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىمۇ، جۇۋەيرىيە يەنىلا ئورنىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ: مەن چىقىپ كەتكەندىن بېرى سىز ئاشۇ يەردىمۇ؟ دېدى.جۇۋەيرىيە: شۇنداق دېدى. رەسۇلۇللاھ: مەن سىزدىن كېيىن تۆت سۆزنى ئۈچ قېتىم دېدىم. ئەگەر بۈگۈنكى دېگەنلىرىڭىزنى تارازىغا سالسا، مېنىڭ دېگىنىم ئەلۋەتتە تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ سۆزلەر: سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَا نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عَرْشِهِ، وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ(18)

مۇھەددىس ئەلبانىي يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ ھەدىس ئىككى ئىشنى ئۇقتۇرۇپ بەردى:
1. سەھىھ ھەدىستە ئىسمى بار ئايال جۇۋەيرىيە. سەفىيە ئەمەس، خۇددى ئىككىنچى مۇنكەر ھەدىستىكىدەك؛
2. تاش بىلەن تەسبىھ ئېيتىش سۆزى بار ھەدىس مۇنكەر. بۇنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئۇششاق تاش بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئەيبلەپ: سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ دىنىدىنمۇ بەك توغرا يولدىما؟ ياكى ئازغۇنلۇق يولىنى ئاچماقچىمۇ؟ دەپ بولۇپ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكىم سىلەرنىڭ كۆپىنچىڭلار ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد بولۇشۇڭلار مۇمكىن، دەپ ئۇلاردىن ئايرىلىشى(19)، تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئەگەر تاش بىلەن تەسبىھ ئېيتقاننى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئىبنى مەسئۇدقا مەلۇم بولاتتى، ئىنشائەللاھ. ئىبنى مەسئۇدنىڭ مەزكۇر تەنقىتىنى ئىبنى مەسئۇدتا ئوقۇغان ئىبراھىم نەخەئىي قوبۇل قىلىپ، قىزىنىڭ تەسبىھ ئېيتىش ئۈچۈن باشقا ئاياللارنىڭ يىپنى توڭگىرەك قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چەكلىگەن(20)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: زىكرنى بارماق بىلەن ساناس سۈننەتتۇر. خۇددى رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا بۇيرىغاندەك:
تەسبىھنى بارماق بىلەن ساناڭلار. چوقۇمكى، بارماق- (قىيامەتتە)سوئال قىلىنىدۇ، سۆزلىتىلىدۇ.
ئەمما، زىكر- تەسبىھنى ئۈچكە ياكى تاش بىلەن سانىسىمۇ ياخشى. ساھابىلەردىن ئاشۇنداق سانىغانلىرىمۇ بار. رەسۇلۇللاھ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى(جۇۋەيرىيەنى دېمەكچى) تاش بىلەن سانىسا، رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەبۇھۇرەيرەمۇ تاش بىلەن سانايدىكەن(بۇ زەئىف ئەسەر(21)). يەنە بىر رىۋايەتتە، ئەبۇھۇرەيرەنىڭ 1000 چىگىكلىك يىپى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەسبىھ ئېيتمىغۇچە، ئۇخلىمايدىكەن. بۇ ئەسەر زەئىف، تېكىستى مۇنكەر(22)
يەنە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئۈچ كىتابىدا مۇنداق دېگەن: سەھىھ مۇسلىمدا، رەسۇلۇللاھ جۇۋەيرىيەنىڭ يېنىغا كىرگەندە، جۇۋەيرىيەنىڭ تاش بىلەن تەسبىھ ئېيىتقانلىقىنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغانلىقى بار، دېگەن(23). ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: شۇنىڭدەك، جۇۋەيرىيەنىڭ تاش ياكى ئۈچكە بىلەن تەسبىھ ئېيتقانلىقى، رەسۇلۇللاھنىڭ چاشكا ۋاقتىدا بىر كىرگەنلىكى، كەچتە كىرىپمۇ يەنە شۇ ھالەتتە كۆرۈپ جۇۋەيرىيەگە مۇنداق دېگەنلىكى: مەن سىزدىن كېيىن تۆت سۆزنى ئۈچ قېتىم دېدىم. ئەگەر تارازىغا سېلىنسا، سىزنىڭ بۈگۈن دېگىنىڭىزدىن، مېنىڭ دېگىنىم ئېغىر كېلەتتى، دېگەنلىكى بار، دېگەن(24).
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە جۇۋەيرىيە ھەدىسىدە ئۈچ كىتابتا سەھىھ مۇسلىمدا تاش بىلەن زىكر ئېيتىش سۆزى بار، دەپ ئوخشاشلا خاتالاشقان. ئەگەر كىتاب بېسىشتىكى مەتبە خاتالىقى، دېيىلگەندىمۇ، بىر يەردە خاتالىق سادىر بولسا باشقىچە ئىدى.ئۈچ كىتابتا ئوخشاشلا مەتبە خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن، تەسۋى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە شەيخۇل ئىسلامغا ئەگەشكەن باشقا سەلەفىي ئالىملارمۇ ئوخشاشلا خاتالىشىپ: زىكرنى تەسۋى بىلەن سانىمىغان ئەۋزەل، ئەمما بىدئەت ئەمەس. چۈنكى ساھابىلەردىن تاش بىلەن سانىغانلار بولغان، رەسۇلۇللاھ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى تاش بىلەن زىكر سانىسا، رەسۇلۇللاھ سۈكۈت قىلغان، دەپ خاتالاشقان. يەنى بۇلار سەھىھ مۇسلىمدا تاش سۆزى يوق تۇرسا، تاش سۆزى بار دەپ خاتالىشىپ يۇقارقى خاتا ھۆكۈمنى چىقىرىپ قالغان!
بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، تاش بىلەن ساناش سۆزى بار ھەدىس زەئىف مۇنكەر. ھېچقانداق ھەدىس ياكى ئەسەردە تەسۋىگە يۆلەنگۈدەك دەلىل يوق. شۇنىڭ بىرگە، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى ئەمەل. بىلىش لازىمكى، توغرىسى- يەنىلا بارماق بىلەن ساناشتۇر. بۇ چاغدا تەسۋى بىدئەتلىكىدە قېلىۋەردى!

خۇلاسە:
تاش ياكى ئۈچكە بىلەن زىكر ساناش ھەدىسلىرى سەھىھ ئەمەس. سەھىھ دېگەندىمۇ، بۇنىڭغا قىياس قىلىپ تەسۋى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تەسۋى- بۇددا كاپىرلىرىنىڭ دىنى شۇئارىدۇر. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەنكى، كىمىكى ئۆزىنى كاپىر قەۋمگە ئوخشىتىۋالسا، شۇلار قاتارىدىندۇر(25).
تەسۋىنى بىدئەت دېمىگەن ئالىملارمۇ كۆپ بولۇپ:
بىرى، تاش ياكى ئۈچكە بىلەن زىكر ساناش ھەدىس ياكى ئەسەرلەرنىڭ زەئىفلىكىنى بىلمىگەن ئالىملار؛
يەنە بىرى، تەسۋىنىڭ ھىندى بۇددا كاپىرلىرىدىن مۇسۇلمانلارغا سىڭىپ كىرىش تارىخىنى بىلمىگەنلەردۇر. تەسۋىنى زىننەت قاتارىدا كۆرۈشمۇ ئوخشاشلا بىدئەت بولۇپ، بۇددا راھىبلىرىنىڭ كاساياسى بىلەن ئوخشاش. كاسايانى ھېچ مۇسۇلمان زىننەت قاتارىدا مۈرىسىگە ئارتىۋالمايدۇ. شۇڭا تەسۋىنى زىننەت قاتارىدا ئويناشمۇ كاپىرغا ئوخشىۋېلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ھەممە ئىشتا كاپىرغا ئوخشىمايدىغان بولۇشى، بولۇپمۇ ئىبادەتتە ئوخشىۋېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى كېرەك. بولمىسا قىيامەتتە ئاشۇ كاپىرلار قاتارىدا قوپۇپ قالىدۇ.
(ئەرەبچىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. ئەرەبچىسىhttp://www.almeshkat.net/vbدا)
————————————————————
ئىزاھلار:
(1)ئەششەرىتۇررابىئ مىن سىلسىلەتى فەتاۋا جىددە لىلئەلبانىي.
(2)ھامۇساھەەتۇلھىند لىئەھمەد ھۇسەينى س 94-105، ئەسسۇبھەتۇ تارىخۇھا ۋە ھۇكمۇھا لىئەبى زەيد.
(3) سەھىھ ئەبى داۋۇد1346.
(4) سەھىھ تىرمىزىي2835 ، ئەلمۇستەدرەك 2059، سەھىھ ئەبى داۋۇد 1345.
(5) سۈرە نۇر 63- ئايەتتىن.
(6)ئىبنى بەتتە: ئەلئىبانە كۇبرا 104- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس.
(7)ئەلفۇ فەتەۋا لىششەيخ ئەلبانى.
(8)ئەسسۇبھەتۇ تارىخۇھا ۋە ھۇكمۇھا لىئەبى زەيد.
(9)ئەسسۇبھەتۇ تارىخۇھا ۋە ھۇكمۇھا لىئەبى زەيد.
(10) ئەلمەۋسۇئەتۇل ئەرەبىييە مۇيەسسەرە1 / 958
(11)مۇساھەمەتۇلھىند لىئەھمەد ھۇسەينى س 94-105، ئەسسۇبھەتۇ تارىخۇھا ۋە ھۇكمۇھا لىئەبى زەيد.
(12)سىلسىلەتۇسسەھىھە 2005.
(13)زەئىف – يالغان ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان يامان تەسىرى، ناملىق كىتاب 83- نومۇر
(14)شەرھۇ سۇنەنى ئەبى داۋۇد لىششەيخ ئابدىلمۇھسىن ئەبباد
(15)شەرھۇ مىشكات
(16)زەئىف تىرمىزىي717 – 3821.
(17)زەئىف تىرمىزىي711 – 3807
(18)مۇسلىم توپلىغان، مىشكات مەسابىھ 2301- ھەدىس
(19)سىلسىلەتۇسسەھىھە 2005.
(20)مۇسەننەف ئەبى شەيبە 7752.
(21)زەئىف ئەبى داۋۇد 372
(22)ھىليەتۇلئەۋلىيا
(23)مەجمۇئۇلفەتاۋا6\553، ئەررىسالەتۇلئەرشىييە1\10، مەجمۇئەتۇررەسائىل لىئىبنى تەيمىييە4\110
(24)مەجمۇئۇلفەتاۋا25/ 282
(25) سەھىھۇل جامىئ 6149

Leave a Reply