مۇساپىر 20 يىل تۇرسىمۇ نامازنى قەسر قىلىدۇ

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالام رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق مۆئمىنلەرگە بولغاي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ.
بىر ئادەم مەلۇم يۇرتقا بېرىپ، مەلۇم ۋاقت تۇرۇپ، كېيىن ئەسلى يۇرتىغا كېتىش نىيىتى بىلەن تۇرغان بولسا، قانچىلىك ۋاقت تۇرسا نامازنى قەسر- قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ؟ بۇنىڭغا ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار:
1. مۇساپىر 15 كۈندىن ئارتۇق تۇرسا، نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ. بۇ، ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ پەتىۋاسى؛
2. مۇساپىر ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرسا نامازنى قەسر قىلىدۇ. بۇ، مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ پەتىۋاسى(بۇ مەزھەبلەرنىڭ ئارىسىدا بۇ پەتىۋادا قاراشتا چوڭ پەرق يوق، پەقەت: كەلگەن- كەتكەن كۈننى قېتىش- قاتماسلىقتا پىكىر ئىختىلاپى بار)؛
3. مۇساپىر بارغان شەھەردە قانچىلىك تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،مەيلى بىرقانچە يىل ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسىمۇ، ياكى ھەج ئۈچۈن مەككىدەبەش- ئالتە ئاي تۇرسىمۇ، ئۇ شەھەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشىش يەنى شۇ شەھەر خەلقىگە قوشۇلۇپ كېتىش نىيىتى بولمىسىلا، قانچىلىك ئۇزاق تۇرسا، ھەتتا 20 يىل تۇرسىمۇ نامازنى قەسر قىلىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ھەنەفىي مەزھىبى.
ئەمدى سەپەر نامىزى توغرۇلۇق نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېيىلىپ كېلىۋاتقان ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ 15 كۈن تۇرماقچى بولسا مۇقىم ئادەمگە ئوخشاش نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دېگەن پەتىۋا دېگەن پەتىۋانىڭ دەلىللىرى بىلەن تونىشايلى:
ھەنەفىي مەزھىبىدە بىر ئادەم مەلۇم يۇرتقا بېرىپ 15 كۈن تۇرماقچى بولسا، نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. بۇلارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرى:
1) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: ئەگەر بىز 19 كۈن تۇرساق نامازنى قەسر قىلاتتۇق. 10 كۈندىن ئارتۇق تۇرساق نامازنى تولۇق ئوقۇيتتۇق(بۇخارىي توپلىغان 1080- نومۇر).- قَالَ ابْنِ عَبَّاسٍ نَحْنُ إِذَا سَافَرْنَا تِسْعَةَ عَشَرَ قَصَرْنَا ، وَإِنْ زِدْنَا أَتْمَمْنَا صحيح البخاري 1080
بۇ ھەدىس ئىككى تەرەپتىن باشقا ھەدىسلەر مەزمۇنىغا زىت:
بىرى، ئىبنى ئابباسنىڭ: يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالساڭمۇ، نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇ(ئىبنى ئەبى شەيبە توپلىغان سەھىھ)، دېگەن بۇيرۇقىغا زىت؛
يەنە بىرى، ‹‹ رەسۇلۇللاھ مەككىدە 19 كۈن تۇرۇپ نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى(بۇخارىي توپلىغان)، رەسۇلۇللاھ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرۇپ نامازنى قەسر قىلغان(ئەھمەد توپلىغان)››، دېگەن مەزمۇنىدىكى ئاشكارا ھەدىسكە؛ باشقا ساھابىلەرنىڭ ئىككى ئاي، ئالتە ئاي تۇرۇپمۇ نامازنى قەسر قىلمىغانلىق ھەدىسىگە زىت؛
2) ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەرلەر نامىدىن شۇنداق دېيىلگەن: بىر شەھەرگە كېلىپ، 15 كۈن تۇرۇپ كەتمەكچى بولساڭ، نامازنى تولۇق ئوقۇ(تەھاۋىي توپلىغان زەئىف).- عن ابن عباس وابن عمر – رضي الله عنهم – أنهما قالا:” إذا قدمت بلدة وأنت مسافر وفي نفسك أن تقيم خمسة عشر يوما فأكمل الصلاة ” رواه الطحاوي. ضعف راوي هذا الحديث احمد ومسلم والنسائي والذهبي وغيرهم.
بۇمۇ ئالدى بىلەن زەئىف ھەدىس. ئاندىن يۇقارقى كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت. ئۇندىن باشقا، بۇ ھەدىس ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئازەربەيجاندا يولىنى قار توسۇۋېلىپ، ئالتە ئاي نامازنى قەسر قىلغان(سەھىھ ئىرۋائ)، ئىبنى ئابباس: يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالساڭمۇ، نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇ(ئىبنى ئەبى شەيبە توپلىغان سەھىھ)، قاتارلىق يۇقارقى ئىككى ساھابە سۆز- پېئلىغا زىت.
مۇھىمى، بۇ پەتىۋا- ‹‹ رەسۇلۇللاھ مەككىدە 19 كۈن تۇرۇپ نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى(بۇخارىي توپلىغان)، رەسۇلۇللاھ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرۇپ نامازنى قەسر قىلغان(ئەھمەد توپلىغان)›› قاتارلىق ئېنىق ھەدىسلەرگە ۋە تۆۋەندە دېيىلمەكچى بولغان مەشھۇر ساھابىلەر سۆز- پېئلىغا زىت.
شۇڭا، ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ مۇساپىر 15 كۈن تۇرماقچى بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دېگەن پەتىۋانىڭ دەلىلى ئاجىز.
2. مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي مەزھەبلىرى
مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي مەزھەبلىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىغا كۆپ پەرق يوق بولۇپ، ئۈچ ياكى تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرماقچى بولغان مۇساپىر نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى:
1) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر زۇلھەججىنىڭ تۆتىنچى كۈنى سەھەردە مەككىگە ھەج ئۈچۈن ‹‹لەببەيكە›› نى ئېيتقان ھالدا كىرىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ھەديە- ھەج ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان ھايۋان ئېلىۋالمىغانلارنىڭ ھەجىنى ئۆمرەگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى(سەھىھۇلبۇخارىي 1085- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ قَدِمَ النَّبِىُّ – صلى الله عليه وسلم – وَأَصْحَابُهُ لِصُبْحِ رَابِعَةٍ يُلَبُّونَ بِالْحَجِّ ، فَأَمَرَهُمْ أَنْ يَجْعَلُوهَا عُمْرَةً إِلاَّ مَنْ مَعَهُ الْهَدْىُ صحيح البخاري1085
بۇ ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگۈچىلەر: رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر بۇ ھەج سەپىرىدە تۆت كۈنلا تۇرۇپ مىناغا چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن، تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرسا نامازنى تولۇق ئوقۇشنىڭ توغرىلىقى چىقىدۇ، دەيدۇ.
2)رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مەدىنىدىن مەككىگە كەلگەن مۇھاجىرلار ھەجنى تۈگىتىپ بولۇپ، ئۈچ كۈن تۇرىدۇ(سەھىھ مۇسلىم 442- ھەدىس).- عن العلاء قَالَ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «يقيم المهاجر بمكة بعد قضاء نسكه ثلاثا»صحيح مسلم 442.
شۇنداقلا، بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغۇچىلارمۇ: بۇ ھەدىستىن: ئۈچ كۈن تۇرغان ئادەمنىڭ مۇساپىر ئاتالمايدىغانلىقى، ئارتۇق تۇرسا، نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغان مۇقىم قاتارىدا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. شۇڭا، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرسا، نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ.
ھەنبەلى مەزھىبىدىكىلەردىن باشقا، مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي مەزھىدىكىلەر شۇنداقلا سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنىدىكىلەرمۇ مۇشۇ قاراشتا.
بۇ، ئىككى تەرەپتىن ئاجىز بولۇپ:
بىرىنچى، بۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ مانچە كۈن تۇرساڭ نامازنى تولۇق ياكى قەسر قىل، دېگەن ئاغزاكى كۆرسەتمىسى يوق؛
ئىككىنچى، بۇ پەتىۋاغا ئەگەشكەن ئالىملار قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆۋەندە دېيىلىدىغان‹‹ رەسۇلۇللاھ مەككىدە 19 كۈن تۇرۇپ نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى(بۇخارىي توپلىغان)، رەسۇلۇللاھ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرۇپ نامازنى قەسر قىلغان(ئەھمەد توپلىغان)››، قاتارلىق مەزمۇنى ئاشكارا ھەدىسلەرگە زىت. شۇنداقلا تۆۋەندە دېيىلمەكچى بولغان مەشھۇر ساھابىلەر سۆز- پېئلىغا زىت. يەنى مۇنۇ ئۈچ كۈن، ۋە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرغۇچىلار نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دەپ بېرىلگەن پەتىۋا- بىر ئىككى ھەدىسكىلا قاراپ پەتىۋا بېرىپ، مۇشۇ مەزمۇندىكى بارلىق ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارىمىغانلىق. شۇڭا، بۇ پەتىۋانىڭمۇ ئاساسى ئاجىز.
3. ھەرقانداق ئىبادەتكە قۇرئان، ھەدىس ۋە مەشھۇر ساھابىلەر سۆز- پېئلىنىلا دەلىل قىلىدىغان سەلەفلەر.
مۇساپىر مەلۇم يۇرتتا قانچە ئاي، قانچە يىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ھەتتا 20 يىل تۇرۇپ قالسىمۇ، ھامىنى قايتىش نىيىتى بولسىلا نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇيدۇ.دلىل شۇكى،
1. ئاللاھ تەئالاھ مۇنداق دېگەن: ‹‹وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا- سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)(سۈرە نىسا 101 – ئايەت)››
2. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىن سەپەرگە چىقىپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىرىدىن قورقمايمۇ، مەدىنىگە قايتقۇچە ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى(مۇسنەد ئەھمەد 1852- ھەدىس، سەھىھ).- عن بن عباس : ان رسول الله صلى الله عليه و سلم سافر من المدينة لا يخاف الا الله عز و جل فصلى ركعتين ركعتين حتى رجع. رجاله رجال الشيخين مسند أحمد 1852.
2. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىن مەككىگە يولغا چىقتۇق. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قايتقۇچە ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى. ئەنەستىن: مەككىدە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟ دەپ سورالغاندا، ئەنەس: ئون كۈن، دەپ جاۋاب بەردى(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان، مىشكات مەسابىھ 1336- ھەدىس).- عَنْ أَنَسٍ قَالَ: خَرَجْنَا مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ من الْمَدِينَةِ إِلَى مَكَّةَ فَكَانَ يُصَلِّي رَكْعَتَيْنِ رَكْعَتَيْنِ حَتَّى رَجَعْنَا إِلَى الْمَدِينَةِ قِيلَ لَهُ: أَقَمْتُمْ بِمَكَّة شَيْئا قَالَ: «أَقَمْنَا بهَا عشرا» (مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ)مشكاة المصابيح 1336.
3. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ مەككىدە 19 كۈن تۇرۇپ نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇدى.- (سەھىھۇلبۇخارىي4298- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رضى الله عنهما قَالَ أَقَامَ النَّبِىُّ – صلى الله عليه وسلم – بِمَكَّةَ تِسْعَةَ عَشَرَ يَوْمًا يُصَلِّى رَكْعَتَيْنِ . صحيح البخاري4298
4. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھقا سەپەردە بىرگە بولدۇم. رەسۇلۇللاھ، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانلارمۇ سەپەردە ئىككى رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىغان(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان، مىشكات مەسابىھ 1338- ھەدىس).- عَنْ ابْنَ عُمَرَ قَالَ: صَحِبْتُ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَكَانَ لَا يَزِيدُ فِي السَّفَرِ عَلَى رَكْعَتَيْنِ وَأَبَا بكر وَعمر وَعُثْمَان كَذَلِك(مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ)مشكاة المصابيح 1338
5. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ، ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر مىنادا مۇساپىر نامىزى ئوقۇدى. ئوسمانمۇ خەلىپە بولۇپ، ئالتە ياكى سەككىز يىلغىچە مىنادا مۇساپىر نامىزى ئوقۇپ، ئاندىن تولۇق ئوقۇدى(مۇسنەدۇ ئەھمەد 5041- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم 1626- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عُمَرَ قَالَ صَلَّى النَّبِىُّ صلى الله عليه وسلم بِمِنًى صَلاَةَ الْمُسَافِرِ وَأَبُو بَكْرٍ وَعُمَرُ وَعُثْمَانُ ثَمَانِىَ سِنِينَ أَوْ قَالَ سِتَّ سِنِينَ مِنْ إِمْرَتِهِ ، ثُمَّ صَلَّى أَرْبَعًا. مسند أحمد5041 و صحيح مسلم1626
6. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىنا، ئەرەفاتقا چىقسا مۇساپىر نامىزى ئوقۇيتتى. ھەجدىن كېيىن مىنادا تۇرغاندا، مەككىگە قايتقانغا قەدەر نامازنى تولۇق ئوقۇيتتى(مۇسنەدۇ ئەھمەد 16857 – ھەدىس، سەھىھ).- عَنِ عُثْمَان أَنهِ إِذَا خَرَجَ عُثْمَانُ إِلَى مِنًى وَعَرَفَاتٍ قَصَرَ الصَّلَاةَ، فَإِذَا فَرَغَ مِنَ الْحَجِّ وَأَقَامَ بِمِنًى أَتَمَّ الصَّلَاةَ حَتَّى يَخْرُجَ مِنْ مَكَّةَ. وإسناده حسن.مسند احمد16857
7. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىنادا نامازنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ، خالايىققا خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: خالايىق! مىنادا مۇساپىر نامىزى ئوقۇش رەسۇلۇللاھ، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ سۈننىتى. بىراق، بۇيىل ھەجگە كەلگەنلەر كۆپ بولدى. يېڭى كەلگەن خالايىق نامازنى ئىككى رەكەت ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ، نامازنى تولۇق ئوقۇدۇم( سۇنەنۇلبەيھەقىي 5438- ھەدىس، ھەسەن).- عن عثمان: أنه أتم الصلاة بمنى،ثُمَّ خَطَبَ النَّاسَ فَقَالَ: ” يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ السُّنَّةَ سُنَّةُ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَسُنَّةُ صَاحِبَيْهِ، وَلَكِنَّهُ حَدَثَ الْعَامَ مِنَ النَّاسِ، فَخِفْتُ أَنْ يَسَتَنُّوا. وهذا إسناد حسن أخرجه البيهقي 5438 صحيح ابي داود
8. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجگە يېڭىدىن كەلگەن ئەرەبلەر كۆپ كەلگەچكە،ئۇلارغا نامازنىڭ تۆت رەكەتلىكىنى بىلىپ قالسۇن، دەپ مىنادا نامازنى تولۇق ئوقۇدى(سەھىھ ئەبۇداۋۇد 1713- ھەدىس، سەھىھ).- عن الزهري: أن عثمان بن عَفَّان أتمَّ الصلاة بمنىً؛ من أجل الأعراب؛ لأنهم كَثُرُوا عامَئِذ، فصلى بالناس أربعاً؛ ليُعلِمَهُم أن الصلاة أربعٌ. إسناده حسن لغيره،صحيح ابي داود1713.
(ئەسكەرتىش: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىنادا نامازنى تولۇق ئوقۇغانلىق سەۋەبى توغرۇلۇق تەكرار توختىلىشىم: پاكىستاندا مۇتەئەسسىپ ھەنەفىيچە ئوقۇپ، مەزھىبىگە ماس كەلگەن ھەدىسنىلا ئوقۇپ، باشقىسىنى ئوقۇماي،ھەدىسنى مۇتەئەسسىپ مەزھىبىگە بويسۇندۇرۇپ چۈشىنىپ ئوقۇپ، مەككىدە تۇرۇپ قالغانلاردىن: مىنادا ناماز قەسر ئوقۇلمايدۇ، دەپ ئەقىدە باغلىۋالغانلار بار بولغاچقا، ئاشۇ تۈزەلمەس ئەپسۇنشەكلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمىگەي. يەنى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزرە سەۋەبلىك نامازنى يېڭى كەلگەن ئەرەبلەر خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن، دەپ تولۇق ئوقۇغان. يېڭى كەلگەنلەر ئاز چاغدا(ھەجنىڭ بېشىدا) مىنادا مۇساپىر نامىزى ئوقۇغان. سۈننەت: سەپەردە نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇش، دېگەننى بىلىۋالسۇن، دېمەكچى).
9. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرۇپ نامازنى قەسر قىلغان( مۇسنەدۇ ئەھمەد 14172- ھەدىس، سەھىھ).- عن جابر قال : أقام رسول الله صلى الله عليه و سلم بتبوك عشرين يوما يقصر الصلاة مسند أحمد14172 صحيح على شرط الشيخين
10. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇلمەلىك بىلەن شام شەھىرىدە ئىككى ئاي تۇرۇپمۇ نامازنى قەسر قىلغان(ئىبنى مۇنزىر 2288- ھەدىس، سەھىھ).- عن انس بن مالك – رضي الله عنه – أنه أقام بالشام شهرين مع عبد الملك بن مروان يصلي ركعتين، ركعتين الاوسط لابن المنذر 2288 صحيح
11. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئازەربەيجاندا يولىنى قار توسۇۋېلىپ، ئالتە ئاي نامازنى قەسر قىلغان(سەھىھ ئىرۋائۇلغەلىل 577- ھەدىس).- أن ابن عمر أقام بأذربيجان ستة أشهر يقصر الصلاة وقد حال الثلج بينه وبين الدخول صحيح إرواء الغليل(577)
سۇمامە ئىبنى ئۆمەردىن: مۇساپىر نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر:شام نامىزىدىن باشقا نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيسەن، دەپ جاۋاب بەردى. سۇمامە: بىز زۇلمەجازدا تىجارەت قىلىپ، 15، 20 كۈن تۇرۇپ قالىمىز. بۇ چاغدا قانداق قىلىمىز؟ دەپ تەكرار سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر: ھەي ئادەم! مەن ئازەربەيجايدا ئىككى ياكى تۆت ئاي تۇرۇپ قالدىم. ساھابىلەر نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇشتى. رەسۇلۇللاھمۇ سەپەردە كۆزۈم ئالدىدىلا سەپەردە نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇدى دەپ بولۇپ سۆزىگە مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلدى: ‹‹سىلەرگە – ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
(سۈرە ئەھزاب 21 – ئايەت)›› مۇسنەدۇ ئەھمەد 5552- ھەدىس، سەھىھ ئىرۋائۇلغەلىل 577- ھەدىس).- عن ثمامة قال: ” خرجت إلى ابن عمر فقلت: ما صلاة المسافر؟ فقال: ركعتين ركعتين , إلا صلاة المغرب ثلاثا , قلت: أرأيت إن كنا بـ (ذى المجاز) ؟ قال: وما (ذو المجاز) ؟ قال: قلت: مكان نجتمع فيه , ونبيع فيه , ونمكث عشرين ليلة أو خمس عشرة ليلة , فقال: يا أيها الرجل كنت بأذربيجان ـ لا أدرى قال ـ أربعة أشهر أو شهرين , فرأيتهم يصلونها ركعتين ركعتين , ورأيت النبى صلى الله عليه وسلم بصر عينى يصليها ركعتين ثم نزع إلى بهذه الآية (لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا). أخرجه أحمد (2/83 و154) بإسناد حسن إرواء الغليل(577)
12. ئەبۇل مىنھال ئىبنى ئابباستىن: مەن مەدىنىگە كەلسەم، يىللاپ تۇرۇپ قېلىپمۇ قايتالماي قالىمەن، دېگەندە،ئىبنى ئابباس: نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇ، دەپ بۇيرىدى(ئىبنى ئەبى شەيبە 8285- ھەدىس، سەھىھ).- عَنْ أَبَى الْمِنْهَالِ ، قَالَ : قُلْتُ لاِبْنِ عَبَّاسٍ : إنِّي أُقِيمُ بِالْمَدِينَةِ حَوْلاً لاَ أَشُدُّ عَلَى سَيْرٍ ، قَالَ : صَلِّ رَكْعَتَيْنِ.ابن أبي شيبة8285 صحيح.
13. نەسر ئىبنى ئىمران ئىبنى ئابباستىن: بىز خۇراساندا غازاتتا ئۇزاق تۇرۇپ قالىمىز. نامازنى قانداق ئوقۇيمىز؟ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئابباس: يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالساڭمۇ، نامازنى ئىككى رەكتتىن ئوقۇ، دپ بۇيرىدى(ئىبنى ئەبى شەيبە 8286- ھەدىس، سەھىھ).- عَنْ نَصْرِ بْنِ عِمْرَانَ ، قَالَ : قلت لاِبْنِ عَبَّاسٍ : إنَّا نُطِيلُ الْقِيَامَ بِالْغَزْوِ بِخُرَاسَانَ فَكَيْفَ تَرَى ؟ فَقَالَ : صَلِّ رَكْعَتَيْنِ وَإِنْ أَقَمْتَ عِشْرِينَ سَنَة. ابن أبي شيبة8286 صحيح على شرط الشيخين.
14. مۇسا ئىبنى ئابباستىن مەككە ئىمامىغا ئىقتىدا قىلمىغاندا نامازنى قانداق ئوقۇيمەن؟ دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئابباس: مۇساپىرنىڭ نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن(سەھىھ مۇسلىم 1609-ھەدىس).- عَنْ مُوسَى قَالَ سَأَلْتُ ابْنَ عَبَّاسٍ كَيْفَ أُصَلِّى إِذَا كُنْتُ بِمَكَّةَ إِذَا لَمْ أُصَلِّ مَعَ الإِمَامِ. فَقَالَ رَكْعَتَيْنِ سُنَّةَ أَبِى الْقَاسِمِ صلى الله عليه وسلم. صحيح مسلم 1609
15. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەن: ناماز مۇقىم ۋە مۇساپىرغا ئىككى رەكەتتىن پەرز قىلىنىپ، سەپەردە ئىككى رەكەتلىكى ئىقرار قىلىنغان، مۇقىمغا ئارتۇق ئوقۇش ئىقرارقىلىنغان(بۇخارىي 3935- ھەدىس؛ مۇسلىم 685- ھەدىس).- عن عائشة، زوج النبي صلى الله عليه وسلم، أنها قالت: «فرضت الصلاة ركعتين ركعتين في الحضر والسفر، فأقرت صلاة السفر، وزيد في صلاة الحضر» صحيح البخاري 3935، صحيح مسلم685
16. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: سەپەر نامىزى ئىككى رەكەتتۇر. كىمىكى بۇسۈننەتكە خىلاپلىق قىلسا، كاپىر بولىدۇ(مۇسنەدۇسسىراج 1440- ھەدىس؛ مۇسەننەف ئابدۇرەززاق 4281- ھەدىس، سەھىھ).-عن ابن عمر رضي الله عنه انه قال: صلاة المسافر ركعتان مَنْ خَالَفَ السُّنَّةَ كَفَرَ. مسند السراج 1440 ومصنف عَبْدُ الرَّزَّاقِ4281 صحيح
يۇقارقى ئايەت، ھەدىس ۋە خۇلەفائۇرراشىدۇنلار، مەشھۇر ساھابىلەرنىڭ پېئلى بايانلىرى مۇشۇ. بۇلاردىن: ھەرقانداق يۇرتقا بارغان مۇسۇلمان 20 يىل تۇرۇپمۇ يەنە ئۇ يۇرتتىن كېتىمەن دەپ نىيەت قىلسا، داۋاملىق نامازنى قەسر قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ۋە ياكى مەشھۇر ساھابىلەر بايانلىرىدا: مانچىلىك تۇرماقچى بولساڭ، نامازنى تولۇق ئوقۇ، دەپ ئېنىق بايان بولمىغانىكەن، كۆرگەن كىتابى ياكى مەزھىبىگە قارىتا مانچىلىك تۇرماقچى بولساڭ، نامازنى قەسر قىل، دەپ پەتىۋا بېرىش شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئىلگىركى ئالىملارئاشۇنداق پەتىۋا بەرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەي. ھەرقانداق ئالىم پەتىۋاسىنىڭ توغرىسىنى ئېلىش، ئەمما خاتا كەتكەن پەتىۋادا ماڭماسلىق ھەرمۇسۇلماننىڭ توغرا تاللىشى. ئەگەر ئىشەنچلىك دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ: پالانى مەزھەبتە 4 كۈنى ياكى پالانى مەزھەبتە 15 كۈن تۇرماقچى بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ، دەپ پەتىۋا بار. شۇ بويىچە ماڭىمەن، دېيىش قۇرئان، ھەدىسكە قارشى يول تۇتۇپ ماڭغانلىق بولۇپ، ئىبنى ئۆمەرنىڭ: بۇ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ، دېگەن سۆزىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەركىم يىراق تۇرۇشى، مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلىككە ئەگەشمەسلىكى كېرەك. مەزھەب ساھابىلەر دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولۇپ، دەسلىپى يوللۇق قاراش، يەنى پالانىنىڭ مەزھىبىدە دېگەنلىك: پالانىنىڭ قارىشىدا، دېگەنلىك بولۇپ، دەلىلى بولسا ئەگىشىش، خاتا بولسا ئەگەسمەسلىك توغرا ئىدى. ئەمما كېيىنكىلەر خۇددى ئايرىم دىندىكىدەك كۆرۈشۈپ، بىر بىرىنىڭ نامىزىغا ئىقتىدا قىلمايدىغان، ئۆزئارا توي قىلىشنى چەكلەيدىغان، قۇرئان، ھەدىسنى مەزھىبىگە بويسۇندۇرىدىغان، توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن، بىرىگىلا ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىشقا قەدەر تەرەققى قىلغان مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلىك- مەشھۇر سەلەفى شەيخ ئەيد ئابباسى ئېيتقىنىدەك: رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە يوق بولغان ئەھلى دوزىخىنىڭ ئەمەلى بولغان، مۇسۇلمانلارنى خۇددى يەھۇدىي، ناسارا- خىرىستىئانلاردەك بۆلىنىشكە ئاپىرىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان بىدئەت.
شۇڭا ئازماسلىق ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر يولىغىلا ئەگىشىش بىردىن بىر توغرا تاللاش.
چۈنكى رەسۇلۇللاھ مەندىن كېيىن مەزھەبكە ئەگىشىڭلار دېمەي، قۇرئان، ھەدىس ۋە خۇلەفائۇرراشىدىنلەر ۋەساھابىلەرگە ئەگىشىشنى تەكىتلىگەن. دەلىل شۇكى:
1. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز ئازمايسىلەر: ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر(ھاكىم توپلىغان 319- ھەدىس؛ سەھىھۇلجامىئ 2937- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 186- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1761- ھەدىس، سەھىھ).- عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ” إِنِّي قَدْ تَرَكْتُ فِيكُمْ شَيْئَيْنِ لَنْ تَضِلُّوا بَعْدَهُمَا: كِتَابَ اللَّهِ وَسُنَّتِي. رواه الحاكم 319وصحيح الجامع2937)والمشكاة 186، الصحيحة 1761.
2. مىقدام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بولغان ھەدىس بېرىلدى(ئەھمەد17213- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4604- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2870- ھەدىس، سەھىھ).- عَنِ الْمِقْدَامِ بْنِ مَعْدِي كَرِبَ عَنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُ قَالَ: «أَلَا إِنِّي أُوتِيتُ الْكِتَابَ، وَمِثْلَهُ مَعَهُ رواه احمد 17213ابوداود 4604 والصحيحة 2870
3. ئىرباز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: مەندىن كېيىن پات ئارىدا قاتتىق ئىختىلاپقا دۈچ كېلىسىلەر. شۇڭا مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغان راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، سۈننەتنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىنىدا يېڭىلىق پەيدا قىلىشتىن ئىھتىيات قىلىڭلار، چۈنكى دىندا پەيدا قىلىنغان بارلىق يېڭىلىق بىدئەتتۇر،دېگەن(ئىبنى ماجە 42- ھەدىس؛ ئەھمەد 17142- ھەدىس؛ تىرمىزىي 2676- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 937- ھەدىس، سەھىھ سەھىھ مىشكات 165 – نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).-عَن الْعِرْبَاض بْنَ سَارِيَة، قَالَ: قَالَ: رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سَتَرَوْنَ مِنْ بَعْدِي اخْتِلافًا شَدِيدًا, فَعَلَيْكُمْ بِسُنَّتِي وَسُنَّةِ الْخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ الْمَهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَالْمُحْدِثَاتِ فَإِنَّ كُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ. ماجة42 واحمد17142والترمذي2676والصحيحة 937والمشكاة 165،
4. ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمگە شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئۈممىتىم يەھۇدىيلارغا قەدەممۇ قەدەم ئەگىشىدۇ. ھەتتا بىر يەھۇدىي ئانىسىغا ئاشكارا چېقىلسا، ئۈممىتىمدىن شۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار چىقىدۇ. چوقۇمكى، بەنى ئىسرائىل(يەھۇدىيلار) 72 مىللەتكە بۆلۈنگەن. مېنىڭ ئۈممىتىم 73 مىللەتكە بۆلىنىپ، بىرى جەننىتى، 72 سى دوزىخى بولۇپ كېتىدۇ. ساھابىلەر: جەننىتى پىرقە قايسى ئى رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: مەن ۋە ساھابىلەر يولىدىكىلەردۇر، دەپ جاۋاب بەردى(سۇنەن تىرمىزىي2641 – ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ(ئىككىنچى تەھقىق) 171- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1348- ھەدىس. مۇھەددىس ئەلبانىي، ھاپىز ئىراقى: ھەسەن، دەپ باھالىغان).-عن عبد ابن عمرو قال قال رسول الله صلى الله عليه وسلم ليأتين على أمتي ما أتى على بني إسرائيل حذو النعل بالنعل حتى إن كان منهم من أتى أمه علانية لكان في أمتي من يصنع ذلك وإن بني إسرائيل تفرقت على ثنتين وسبعين ملة وتفترق أمتي على ثلاث وسبعين ملة كلهم في النار إلا ملة واحدة قالوا ومن هي يا رسول الله قال ما أنا عليه وأصحابي قال أبو عيسى هذا حديث حسن غريب .سنن الترمذي 2641 تحقيق الألباني والعراقي: حسن، المشكاة (171 / التحقيق الثاني) ، الصحيحة (1348)
بۇ ھەقتە كېيىنكى سۈننەت ئىماملىرى قارىشىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ قاراشتا ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىدۇ:
1. ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: ئەگەر، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تاپساڭلار، باشقىلارنىڭ سۆزىگە قاراپمۇ سالماي، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار(ھىليە).- قَالَ الشَّافِعِيِّ: «إِذَا وَجَدْتُمْ لِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ سُنَّةً فَاتَّبِعُوهَا، وَلَا تَلْتَفِتُوا إِلَى قَوْلِ أَحَدٍ» حلية الأولياء أبو نعيم
2. ئىمام ئەھمەد شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھتىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق يوللۇق(مەسائىل ئەھمەد1786 – نومۇر).- سَمِعْتُ أَحْمَدَ، يَقُولُ:لَيْسَ أَحَدٌ إِلَّا وَيُؤْخَذُ مِنْ رَايِهِ، وَيُتْرَكُ، يَعْنِي: مَا خَلَا النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ . مسائل أحمد1786
3. ئىمام ئەھمەد شۇنداق دېگەن: ئەگىشىش دېگەن: رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر سۈننىتىگە قارىتىلىدۇ. ساھابىلەردىن كېيىنكىلەر سۆزى ئىختىيار(مەسائىل ئەھمەد1789 – نومۇر).- قَالَ أَحْمَدَ: الِاتِّبَاعُ: أَنْ يَتَّبِعَ الرَّجُلُ مَا جَاءَ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَنْ أَصْحَابِهِ، ثُمَّ هُوَ مِنْ بَعْدُ فِي التَّابِعِينَ مُخَيَّرٌ . مسائل الإمام أحمد1789
4. ئىمام ئەھمەدتىن: مالىكقا قارىغاندا ئەۋزائىيغا ئەگىشىش بەكرەك توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام ئەھمەد شۇنداق دېگەن: دىنىڭدا ئۇ ئالىملارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەگەشمە! رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر سۈننىتىنى مەھكەم تۇت. ساھابىلەردىن كېيىنكىلەر سۆزى ئىختىيار(مەسائىل ئەھمەد 1793 – نومۇر).- قُلْتُ لِأَحْمَدَ: أَلَيْسَ الْأَوْزَاعِيُّ هُوَ أَتْبَعُ مِنْ مَالِكٍ؟ قَالَ «لَا تُقَلِّدْ دِينَكَ أَحَدًا مِنْ هَؤُلَاءِ، مَا جَاءَ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَأَصْحَابِهِ فَخُذْ بِهِ، ثُمَّ التَّابِعِينَ بَعْدُ الرَّجُلُ فِيهِ مُخَيَّرٌ» . مسائل الإمام أحمد1793
(ئەمما ئىمام ئەبۇھەنىفەدىن: سەھىھ ھەدىس مېنىڭ مەزھىبىمدۇر، دېيىلگەن سۆز؛ ئىمام ئەھمەدتىن: ماڭا، مالىكقا، شافىئىيغا، ئەۋزائىيغا، سەۋرىيغا ئەگەشمەي، بىزقەيەردىن ئالغان بولساق شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەمەس).
يۇقارقى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن، شۇنداقلا مەشھۇر ئىماملار سۆزلىرىدىن: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگىشىشكە بۇيرۇلغىنى- قۇرئان، ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ پېشىۋاسى بولغان مەشھۇر ساھابىلەرنىڭ سۆز – پائالىيىەتلىرى، خالاس. بۇ يەردە قانداقتۇر بىرەر مەزھەبكە ياكى پالانى داموللامغا ئەگىشىڭلار، دېگەن بۇيرۇق يوق. ھەتتا مەزھەب ئىماملىرى دەپ ئاتالغانلارمۇ ئۆزىگە ۋە ياكى باشقا مەزھەب ياكى بىرەر ئالىمغا ئەگەشمەي، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرىغان. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن: تۆت مەزھەب ھۆكۈم- پەتىۋالىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، دېگەن ئەپسانە پۈتۈنلەي ئازغۇن دىن دۈشمىنىنىڭ سۆزى بولۇپ، توغرىسى: تۆت مەزھەب ھۆكۈم- پەتىۋالىرىنىڭ توغرىسىمۇ، خاتاسىمۇ بار. توغرىسىغا ئەگىشىپ، خاتاسىغا ئەگەشمەيمىز، دېيىش توغرا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت مەزھەب ھۆكۈم- پەتىۋالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن ئەبۇھەنىفە، مالىك، شافىئىي، ئەھمەد قاتارلىق ئىماملارنىڭ خەۋىرى يوق بولۇپ، كېيىنكى ياخشى – يامان ئالىملار: مەن پالانىنىڭ مەزھىبىدە، دەپ تۇرۇپ، توغرىنىمۇ، قۇرئان، ھەدىسكە قارشى ئەپسانىلەرنىمۇ كۆپلەپ قوشۇۋەتكەن. شۇڭا، كېيىنكىلەر تۆت ئىمامنىڭ نامىنى سېتىپ، تۆت دىنغا ئايلاندۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالغان. ھەتتا بىر نامازنى تۆت مەزھەب ئايرىم ئوقۇشقان ۋە ھەرمەزھەپكە ئايرىم مېھراپلارنى مەخسۇس ياساشقان. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇلەر بولسۇنكى، بۇلارنىڭ دىن تەپرىقچىلىقىغا ھەدىس ئەھلى بولغان سەلەفىيلەر پات پات رەددىيە بېرىپ تۇرىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، مۇساپىر بارغان شەھەردە قانچىلىك تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ شەھەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشىش يەنى شۇ شەھەر خەلقىگە قوشۇلۇپ كېتىش نىيىتى بولمىسىلا، قانچىلىك ئۇزاق تۇرسا، ھەتتا 20 يىل تۇرسىمۇ نامازنى قەسر قىلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە: ئۇ بولسىمۇ: باشقىلارغا ئىقتىدا قىلغاندا ئىمام بىلەن ئوخشاشلا تولۇق ئوقۇيدۇ.
مۇساپىرلاغا قوشۇمچە بايان قىلىپ قويىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ سەپەردە نامازلار ئالدى- كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت ناماز ئوقۇش مەسىلىسى.
ئەھلى ئىلىملەرگە مەلۇمكى، پەرزدىن باشقا ئوقۇلىدىغان بارلىق نامازلار چوڭ دائىرىدە نەپلە، دېيىلىدىغان بولۇپ بۇ، پەرزدىن ئارتۇق ناماز، دېگەنلىك بولىدۇ. نەپلە ناماز پىقھى ئىستىلاھتا: تەكىتلەنگەن سۈننەت، تەكىتلىنمىگەن سۈننەت ۋە ئىختىيارى نەپلە ناماز قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. سەپەردە كۆپرەك دېيىلىدىغان پەرز نامازلارنىڭ ئالدى- كەينىدە ئوقۇلىدىغان ئون ئىككى رەكەت ناماز ۋە ۋېتىر ئوقۇلامدۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلە مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلەر بىلەن ئەھلى ھەدىس بولغان سەلەفىيلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنداقتا بۇخىل سۈننەتلەرنىڭ قۇرئان، ھەدىستىكى ئورنى قانداق؟ جاۋاب شۇكى، سەپەردە تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر ئىچىدە پەقەت بامداتنىڭ سۈننىتى ۋە سۈننەت بولغان ۋېتىرلا ئوقۇلىدۇ. باشقا تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر ئوقۇلمايدۇ. باشقا سۈننەتلەرنى ئوقۇشقا سەھىھ ھەدىستىن دەلىل يوق. سەپەردە يەنە چاچكاھ نامىزى ئوقۇشمۇ ھەم سۈننەت
دەلىللەر شۇكى،
1. سەپەردە بامدات سۈننىتىنى ئوقۇشقا دەلىل: ئەبۇقاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەپەردە بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن بامداتنىڭ پەرزىنى ئوقۇدى(سەھىھ مۇسلىم 1594- ھەدىس).- عَنْ أَبِى قَتَادَةَ سَارَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم…صَلَّى رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم رَكْعَتَيْنِ ثُمَّ صَلَّى الْغَدَاةَ صحيح مسلم1594
2. سەپەردە سۈننەت بولغان ۋېتىرنى ئوقۇشقا دەلىل: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەردە ئۇلاغ ئۈستىدە ۋېتىر ئوقۇيتتى(سەھىھۇلبۇخارىي 1000- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عُمَرَ قَالَ كَانَ النَّبِىُّ – صلى الله عليه وسلم – يُوتِرُ عَلَى رَاحِلَتِهِ . صحيح البخاري 1000
3. سەپەردە چاچكاھ نامىزىنى ئوقۇشقا دەلىل: ئۇممۇھانىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق بايان قىلدى: رەسۇلۇللاھ مەككە فەتھى كۈنى ئۇممۇھانىئنىڭ ئۆيىدە غۇسلى قىلىپ بولۇپ،رۇكۇ، سەجدىنى تولۇق قىلىپ، سەككىز رەكەت چاچكاھ نامىزىنى ناھايىتى تېزلىكتە ئوقۇدى(سەھىھۇلبۇخارىي 1103- ھەدىس).- عَنِ أُمِّ هَانِئٍ ذَكَرَتْ أَنَّ النَّبِىَّ – صلى الله عليه وسلم – يَوْمَ فَتْحِ مَكَّةَ اغْتَسَلَ فِى بَيْتِهَا ، فَصَلَّى ثَمَانِ رَكَعَاتٍ ، فَمَا رَأَيْتُهُ صَلَّى صَلاَةً أَخَفَّ مِنْهَا ، غَيْرَ أَنَّهُ يُتِمُّ الرُّكُوعَ وَالسُّجُودَ . صحيح البخاري1103
سەپەردە سۈننەت ئوقۇماسلىققا دەلىل شۇكى، ھەفس شۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر بىلەن مەككە يولىدا بىرگە بولدۇم. ئىبنى ئۆمەر بىز بىلەن پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، بىرگە ئولتۇردۇق. ئىبنى ئۆمەر بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ: بۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئۇلار نەپلە ئوقۇۋاتىدۇ، دېدىم. ئىبنى ئۆمەر: ئىبنى قېرىندىشىم! ئەگەر پېشىن پەرزىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىنكى نامازلارنى ئوقۇيدىغان بولسام، مەن چوقۇم تولۇق ئوقۇيتتۇم. مەن رەسۇلۇللاھ ، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلار ۋاپات بولغۇچە سەپەردە بىرگە بولدۇم. ئۇلار سەپەردە ئىككى رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىدى دەپ بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەتنى دەلىل قىلىپ ئوقۇدى:‹‹سىلەرگە – ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغانلارغا – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر(سۈرە ئەھزاب 21 – ئايەت)››(سەھىھۇلبۇخارىي1101- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم 1611- ھەدىس قاتارلىقلار).- عَنْ حَفْص قَالَ : صَحِبْتُ ابْنَ عُمَرَ فِى طَرِيقِ مَكَّةَ – قَالَ – فَصَلَّى لَنَا الظُّهْرَ رَكْعَتَيْنِ ثُمَّ أَقْبَلَ وَأَقْبَلْنَا مَعَهُ حَتَّى جَاءَ رَحْلَهُ وَجَلَسَ وَجَلَسْنَا مَعَهُ فَحَانَتْ مِنْهُ الْتِفَاتَةٌ نَحْوَ حَيْثُ صَلَّى فَرَأَى نَاسًا قِيَامًا فَقَالَ مَا يَصْنَعُ هَؤُلاَءِ قُلْتُ يُسَبِّحُونَ. (وللنسائي قال لو كنت مصليا قبلها أو بعدها)قَالَ لَوْ كُنْتُ مُسَبِّحًا لأَتْمَمْتُ صَلاَتِى يَا ابْنَ أَخِى إِنِّى صَحِبْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فِى السَّفَرِ فَلَمْ يَزِدْ عَلَى رَكْعَتَيْنِ حَتَّى قَبَضَهُ اللَّهُ وَصَحِبْتُ أَبَا بَكْرٍ فَلَمْ يَزِدْ عَلَى رَكْعَتَيْنِ حَتَّى قَبَضَهُ اللَّهُ وَصَحِبْتُ عُمَرَ فَلَمْ يَزِدْ عَلَى رَكْعَتَيْنِ حَتَّى قَبَضَهُ اللَّهُ ثُمَّ صَحِبْتُ عُثْمَانَ فَلَمْ يَزِدْ عَلَى رَكْعَتَيْنِ حَتَّى قَبَضَهُ اللَّهُ وَقَدْ قَالَ اللَّهُ (لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ )صحيح البخاري 1101 ومسلم1611 والنسائي1458 و الترمذي544 واللفظ لمسلم
بۇ ھەدىسلەردىن سەپەردە بارلىق سۈننەتنى ئوقۇماسلىققا دەلىل. ئەمما يۇقارقى ئەبۇقاتادەنىڭ ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ بامدات سۈننىنىتى ئوقۇغانلىق ھەدىس بولغاچقا، بامدات سۈننىتى ئوقۇلىدۇ. باشقا سۈننەتنى ئوقۇشقا سەھىھ ھەدىستىن پەقەتلا دەلىل يوق.
سەپەردە نەپلە ئوقۇشقا دەلىل شۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئۇلاغ ئۈستىدە ئىشارەت بىلەن نەپلە ئوقۇدى(سەھىھۇلبۇخارىي1105- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم 1644- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عُمَرَ – رضى الله عنهما – أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ – صلى الله عليه وسلم – كَانَ يُسَبِّحُ عَلَى ظَهْرِ رَاحِلَتِهِ حَيْثُ كَانَ وَجْهُهُ ، يُومِئُ بِرَأْسِهِ صحيح البخاري 1105و صحيح مسلم1644
ئەسكەرتىش:
ھەنەفىيە دوكتورى ئابدۇلئەزىز: ‹‹43-نومۇرلۇق پەتىۋا: سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش››، ناملىق پەتىۋا بېرىپ، نامازدىن ئىلگىرى- كېيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەتلەرنى سەپەردە ئوقۇش توغرا، دەپ پەتىۋا بەردى.
توغرىسى: بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا بولىدىغانلىق ھەدىس يۇقاردا بايان قىلىندى. ئەمما باشقا سۈننەتلەرنى ئوقۇشقا سەھىھ ھەدىستىن دەلىل بولمىسىمۇ، دوكتور ئۇيانغا – بۇيانغا يۇمىلىتىپ : ‹‹دەلىل جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەپ دېگەن قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراشنىڭ كۆپ دەلىللىرى بار››، دېگەن. بۇ سۆزنى يۇقارقى بامدات سۈننىتى، ۋېتىر ۋە چاچكاھنامىزىغا قاراتسا توغرا چىقىدىغان، باشقا سۈننەتكە قاراتسا خاتا چىقىدىغان بولسىمۇ،بۇ توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ ھەدىس بولمىسىمۇ:‹‹قارىشى كۈچلۈك››، دەپ سۈپەتلەپ، ئوقۇغۇچىغا بولىدىغانغا تەسىر بەرگەن. بۇ، ئىلىم ئەخلاقىغا يات بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى. مەسىلەن: دوكتورنىڭ: ‹‹قارىشى كۈچلۈك››،غا كەلتۈرگەن زەئىف دەلىللەردىن:
1. پېشىندىن ئاۋالقى ئىككى رەكەتنى ئوقۇشقا كەلتۈرگەن دەلىلىنى: ‹‹سۇنەنى ئەبى داۋۇد”1222-ھەدىس. “سۇنەنى تىرمىزى” 550-ھەدىس. ئىمام تىرمىزى: “بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئىمام بۇخارىدىن سورىسام: ھەسەن دەپ باھالىدى”››،دېگەننى يازغانيۇ ، ئىمام بۇخارىينىڭ راۋىنى تونىمىغانلىقىنى يەنى مەجھۇل راۋىلىقىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئوقۇرمەنگە ھەدىس سەھىھكەن، دېگەن خاتا تۇيغۇ بېرىدىغان:‹‹بۇخارى ياخشى دەپ ئويلىدى، دېگەن كىچىككىنە يېرىنى ئاساس قىلغان.وَلَمْ يَعْرِفْ اسْمَ أَبِي بُسْرَةَ الغِفَارِيِّ وَرَآهُ حَسَنًا››. دېمەك، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى زەئىف ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇخارىيدىكى سەھىھ ھەدىسكە زىت. شۇڭا زەئىف.
2. پېشىندىن كېيىنكى ئىككى رەكەتنى ئوقۇشقا كەلتۈرگەن دەلىلىنى: ‹‹سۇنەنى تىرمىزى” 551-ھەدىس. تىرمىزى “ھەسەن” دەپ باھالىغان. ئالبانى “ئاجىز” دەپ باھالىغان››،دەپ ئىككى ئىللەت بار بەك زەئىف ھەدىسكە ئىمام تىرمىزىينىڭلا يالغۇز ھەسەن دېگەن باھاسىنى قوشۇپ قويغان. مۇھەددىسلەرگە مەلۇمكى، تىرمىزى ھەدىسلەرنى ھەسەن دەپ باھالاشتا مۇتەساھىل، دەپ نامى بار، دېگەن. دېمەك، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى زەئىف ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇخارىيدىكى سەھىھ ھەدىسكە زىت. شۇڭا زەئىف.
3. پېشىن پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت سۈننەت ئوقۇشقا كەلتۈرگەن دەلىلى: ‹‹سۇنەنى تىرمىزى” 552-ھەدىس. ئىمام بۇخارى، تىرمىزىلار: “ھەسەن” دەپ باھالىغان››، دېگەن. دوكتور بۇ يەردىمۇ ئىمام بۇخارىينىڭ ئىبنى ئەبى لەيلا توغرىلىق قىلغان سۆزىنىڭ:‹‹مەن ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلمايمەن- ولا أروي عنه شيئا››، يېرىمىنى قەستەن يازمىغان. ئۇندىن باشقا، ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنىڭ بىر راۋىسى توغرۇلۇق باھابەرگەن بولسىمۇ يەنە بىر زەئىف راۋى توغرىلىق گەپ قىلمىسىمۇ، ئىمام بۇخارىيلار ھەسەن دەپ باھالىغان، دېگەن. يەنى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىف راۋى بار ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇخارىيدىكى سەھىھ ھەدىسكە زىت. شۇڭا زەئىف(دوكتور يەنە رەسۇلۇللاھ سەپەردە: ‹‹ئەسىرنى تۆت رەكەت ئوقۇغان››، دەپ يازغان بولسىمۇ، ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسىدە يوق بولغاچقا، سەۋەنلىك كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن، دېيىشكە بولىدۇ).
دوكتور بۇنىڭدىن باشقا بىرتوپ مۇنكەر، زەئىف ھەدىسلەرنى ئۆزى ئاجىز دەپ تۇرۇپمۇ ئۆزى دېگەن: ‹‹قارىشى كۈچلۈك››، دېگەنگە دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.
يەنە دوكتور سۈننەت بىلەن نەپلە دېگەن ئاتالغۇ بىر يەردە ئېنىق بار تۇرسىمۇ، ئىمام ئەھمەدنىڭ نەپلىگە قارىتا سۆزىنى تەكىتلەنگەن سۈننەتلەرنى ئوقۇشقا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن.
ھەنەفىيە دوكتورنىڭ:‹‹43-نومۇرلۇق پەتىۋا: سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش››، ناملىق پەتىۋاسىدىن خۇلاسە شۇكى، سەپەردە يەنىلا بامداتنىڭ سۈننىتىدىن باشقا، تەكىتلەنگەن سۈننەتنى ئوقۇشقا دەلىل يوق. دوكتور ۋە باشقا ئالىملار ئىچىدە سەپەردە بارلىق سۈننەتنى ئوقۇيدۇ، دېگۈچىلەر بار بولسىمۇ، سەھىھ دەلىلى بولمىغاچقا ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇخارىيدىكى سەھىھ ھەدىسكە قارشى بولغاچقا، بىردەك ئىناۋەتسىز. بۇنىڭلىق بىلەن، ئالىملارنىڭ ئەمگىكىنى ئىنكار قىلغانلىق بولمايدۇ. ئالىملارنىڭ سۆزىنىڭ دەلىلى بار بولسا ئېلىنىدۇ، بولمىسا قەپقالىدۇ. ئەسكەرتىش تامام.
تەييارلىغۇچى: ئابلەت ئەمىر سەلەفى

Leave a Reply