تىلاۋەت سەجدىسى ۋاجىب ئەمەس

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمىز، ئاللاھتىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ كىشى ئازدۇرالماس، ئاللاھ ئازدۇرغان(ھەقنى كۆرۈپمۇ قوبۇل قىلمىغان پاسىق) ئادەمنى ھېچ كىشى ھىدايەت قىلالماس(چۈنكى «ئاللاھ دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ(سۈرە بەقەرە)- وما يضل به إلا الفاسقين». پاسىقنىڭ دەلىلنى كۆرۈپمۇ ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى- پاسىق زىيىنىغا- ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە دەلىل بولغانلىقى- ئاللاھنىڭ پاسىقنى ئازدۇرغانلىقىدۇر).
چوقۇمكى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى- ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى- رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ زىيانلىقى- دىنغا قوشۇلغان يېڭى ئىشلاردۇر. دىنغا قوشۇلغان بارلىق يېڭىلىق- بىدئەتتۇر. بارلىق بىدئەتنى سادىر قىلغۇچى ئازغۇنلۇقتادۇر. بارلىق ئازغۇن دوزاختادۇر- إِنَّ الْحَمْدَ لِلَّهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ وَنَعُوذُ بِاللَّهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا مَنْ يَهْدِهِ اللَّهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ وَمَنْ يُضْلِلْهُ فَلاَ هَادِىَ لَهُ إِنَّ أَصْدَقَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللَّهِ وَأَحْسَنَ الْهَدْىِ هَدْىُ مُحَمَّدٍ وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ(سۇنەنۇن نەسەئىي 1589 – نومۇرلۇق ھەدىستىن).

    مەقسەتكە كەلسەك:
    مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلىك- ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ مەقسىتى- قەدەممۇقەدەممۇسۇلمانلارنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن يىراقلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى تۈرلۈك پىرقە- مەزھەبلەرگە پارچىلاشتۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر توغرا بولغان چىقىش يولى- قۇرئان ۋە ھەدىسنى ساھابە قاتارلىق 4 دەۋر سەلەفلىرى چۈشەنگەندەك چۈشىنىپ، قۇرئان، ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلىپ، بىدئەت- خۇراپاتلىقلاردىن يىراق تۇرۇشتۇر.
مەقسەتكە كەلسەك، قۇرئان ئوقۇش جەريانىدا سەجدە ئايىتى ئۇچراپ قالسا، سەجدە قىلىش ۋاجىبمۇ ياكى ۋاجىب ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرۇلۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇد. يەنى ئەزھەردە ئوقۇغانلارنى ئاساس قىلغان، كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئەقىدىدە ئەشئەرىي- مۇرجىئىي؛ ئەمەلنى ئىمان قاتارىدا دەپ ئىمان ئېيتمايدىغان؛ ئاللاھ ئاسماندا، ئەرش ئۈستىدە ئەمەس دەپ ئىمان ئېيتىدىغان؛ قۇرئان، ھەدىستىكى  ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان، بەزىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان؛ ئۆرپ- ئادەتنى شەرىئەتكە دەلىل بولىدۇ، دەپ ئىمان ئېيتىدىغان پىقھىدە ھەنەفى بولغانلار مەزھىبىدە: تىلاۋەت سەجدىسى ۋاجىب.بۇنىڭ شەرىئەتتىن قىلچىمۇ دەلىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، قۇرئان ئوقۇيدىغانلارنىڭ: سەجدە قىلمىسام گۇناھكار بولۇپ قالىمەن، دەپ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇماسلىققا، سەجدە ئايىتىدىن يىراقلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇمۇ- مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلەرنىڭ نادان مۇسۇلمانلارنى قۇرئاندىن يىراقلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلى ئىپادىلىرىدىن بىرى.
    ئىنتايىن ئازسانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان، شەرىئەتنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر چۈشەنچىسىدە چۈشىنىدىغان ئەھلى سۈننەت سەلەفيلەر مەزھىبىدە: تىلاۋەت سەجدىسى ۋاجىب ئەمەس. خالىسا سەجدە قىلىدۇ، خالىسا سەجدە قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ.

   ئەمدى ئەقىدىدە ئەشئەرىي- مۇرجىئىي؛ پىقھىدە ھەنەفى بولغانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسى بىلەن تونىشىپ ئۆتەيلى:
ئۇيغۇر ئەشئەرىي پىقھەشۇناسى دوكتور ئابدۇلئەزىز تىلاۋەت سەجدىسى توغرۇلۇق مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ‹‹سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋاجىپتۇر. ھەر قاراشنىڭ ئۆزىگە لايىق دەلىللىرى بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بىر قېتىممۇ سەجدە قىلماي قالمىغان.
(دوكتور ئابدۇلئەزىز: 2-نومۇرلۇق پەتىۋا: تىلاۋەت سەجدىسى ھەققىدەhttp://www.sajiye.biz/hmz/sajiye-7.html)››.
    بۇ پەتىۋانى مۇتەئەسسىپلىكتىن، تەرەپبازلىقتىن خالى ھالدا، ئوقۇغان مۇسۇلمانغا شۇ ئېنىق بولىدۇكى، بۇنىڭدا شەرىئەتكە قارشى ئىككى مەسىلە مەۋجۇد:
1. ھەرقانداق بىر ئەمەلنىڭ ۋاجىب- پەرز بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم ئېنىق بۇيرۇق شەكلى كېلىشى كېرەك. ۋاھالەنكى، ئەھلى سۈننە ئالىملارغا سىر ئەمەسكى، بىرەر ئايەت ياكى ھەدىستە سەجدە ئايىتى ئوقۇلسا، سەجدە قىلىشقا قارىتا ئېنىق دەلىل يوق. ئەسكەرتىش لازىم بولغان مەسىلە: قارىشىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلارنى سەجدىگە بۇيرۇش ئايىتى- تىلاۋەت سەجدىسىگە بۇيرۇق ئەمەس. چۈنكى بۇخىل ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ ئۇنداق چۈشەنمىگەن، چۈشەندۈرمىگەن. يەنى تىلاۋەت سەجدىسى ئوقۇپ ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇق دەلىل كەلمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئەشئەرىي پىقھەشۇناسى دوكتور ئابدۇلئەزىز: ۋاجىب دېيىشكە دەلىل بار، دەپ ئۇسۇلى پىقھى قائىدىسىگە قارشى گەپ قىلغان. ئەگەر بولغان بولسا، ئەلۋەتتە كەلتۈرمەي قالمايتتى.
2. ئۇيغۇر ئەشئەرىي پىقھەشۇناسى دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: ‹‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بىر قېتىممۇ سەجدە قىلماي قالمىغان››.
بۇ، ئېنىقلا رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان كاززابلىق بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سەجدە ئايىتى بار ‹‹نەجم›› سۈرىسىنى ئاڭلاپ سەجدە قىلمىغانلىقى سەھىھۇلبۇخارىي ۋە ئۇيغۇرچە مىشكات مەسابىھتا بار.
بەزى مۇتەئەسسىپ مەزھەبچى تەرەپبازلار: بەلكىم ئەشئەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز بۇ ھەدىسنى كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن. دوكتور ئابدۇلئەزىزدەك ئالىم رەسۇلۇللاھقا كاززابلىق قىلىپ يالغاننى توقۇمايدۇ، دېيىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جاۋاب شۇكى، ئەشئەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ سەھىھۇلبۇخارىينى ئۇيغۇرچە ھەنەفىي مەزھىبىگە بويسۇندۇرۇپ تەرجىمە قىلغانلىقى، شۇ قاتاردا ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسىگە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە قىلچىمۇ ماس كەلمىگەن بۇرۇت توغرىسىدىكى ‹‹انْهَكُوا الشَّوَارِبَ – بۇرۇتنى بەك قىرقىڭلار›› نى- بۇرۇتنى چۈشۈرۈڭلار، دەپ بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلغانلىقى ئوقۇرمەنلەر يادىدا. ئىنسانچىلىقتا خاتا كېتىپ قالسا، تۈزىتىش بەرگەندىن كېيىن تۈزىتىۋېلىشمۇ ئېسىل ئەخلاق. ئەمما تەكرار تۈزىتىش بېرىلسىمۇ، تۈزەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەگەر سەھىھۇلبۇخارىينى ئۆزى تەرجىمە قىلمىغان بولسا، تىلاۋەت سەجدىسى ھەدىسىنى بىلمەي قالسىچۇ؟ دېيىلسە جاۋاب شۇكى، تىلاۋەت سەجدىسى  ھەدىسى يالغۇز سەھىھۇلبۇخارىيدىلا بار بولۇپ قالماستىن، سەھىھ مۇسلىم ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇرچىسى بىلەن كەڭ تونىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرچە ھەدىس كىتابى- ‹‹مىشكات مەسابىھ››تىمۇ بار. ئەشئەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىزنى پىقھىنىلا ئوقۇغان، ھەدىس كىتابىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇمىغان. شۇڭا ‹‹مىشكات مەسابىھ››تىكى ھەدىسنى كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن دېسە، بۇ ئاقلىشى ھەرگىزمۇ قايىل قىلارلىق ئەمەس. نەق چۈشەنچە شۇكى، مۇتەئەسسىپ مەزھەبچىلىكنىڭ مەشھۇر ئىمامى مەئرۇف كەرخى بېكىتكەن قائىدە شۇكى:  ‹‹ھەنەفىي مەزھىبىگە ماس كەلمىگەن ھەرقانداق ئايەت ياكى ھەدىس تەۋىل قىلىنغان ياكى مەنسۇخ- ئەمەلدىن قالغاندۇر. بۇ قائىدە بويىچە، مەزھەب ئاساس، قۇرئان كەرىم مەزھەبكە بويسۇنۇشى كېرەك(ئەررىسالە 169- بەت؛ ئۇسۇلۇلكەرخىي 1- قىسىم 8- بەت؛ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2821- ھەدىس ئىزاھاتى).- يقول الكرخي الحنفي كلمته المشهورة: كل آية تخالف ما عليه أصحابنا فهي مؤولة أو منسوخة، وكل حديث كذلك فهو مؤول أو منسوخ(الرسالة في أصول الحنفية للكرخي169 و أصول الكرخي 1-8. فقد جعلوا المذهب أصلا، والقرآن الكريم تبعا، سلسلة الأحاديث الصحيحة 2821››.
ئەشئەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز  ‹‹رەسۇلۇللاھنىڭ سەجدە ئايىتى بار ‹‹نەجم›› سۈرىسىنى ئاڭلاپ سەجدە قىلمىغانلىق›› ھەدىسىنى مۇشۇ قادىدە بويىچە مەنسۇخ دەپ بىلگەن بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا، ئۇيغۇرچە ‹‹مىشكات مەسابىھ››نى ئوقۇمىغان ئادەم پەتىۋا بېرەلمەيدۇ.

    ئەمدى قۇرئان، ھەدىسنى ساھابە قاتارلىق 4 دەۋر سەلەف سالىھلىرى چۈشەنچىسىدە چۈشەنگەن؛ بىدئەتنى: بىدئەتى ھەسەنە(ياخشى بىدئەت) ۋە بىدئەتى سەييىئە(يامان بىدئەت) دەپ ئىككىگە، ياكى بەشكە ئەمەس، رەسۇلۇللاھتەك بىرگىلا يەنى بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، بارلىق ئازغۇنلار دوزاختادۇر(سۇنەنۇن نەسەئى، سەھىھ ھەدىس)، دەپ بۆلۈشنى توغرا كۆرگەن، ئەمەلنى ئىماننىڭ بىرقىسمى دەپ ئىمان ئېيتىدىغان؛ ئاللاھ ئاسماندا، ئەرش ئۈستىدە دەپ ئىمان ئېيتىدىغان؛ قۇرئان، ھەدىستىكى  ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر چۈشەنگەندەك ئۆزگەرتمەي- بۇرمىلىماي چۈشىنىدىغان ۋە ئىنكار قىلمايدىغان؛  ئۆرپ- ئادەتنى شەرىئەتكە دەلىل دەلىل قىلىش- ئاللاھنىڭ كامىل شەرىئىتى چالا قالغان، مەن تولۇقلاپ قوياي، دېگەنلىك دەپ، ئۆرپ- ئادەتنى شەرىئەتكە دەلىل قىلىشقا قەتئى قارشى تۇرىدىغان ئىمانى ساغلام بىردىنبىر توغرا مەزھەب بولغان سەلەفىيلەر بولسا: تىلاۋەت سەجدىسى سۈننەت. سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ- ئاڭلاپ سەجدە قىلسا، ساۋاب بار. سەجدە قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ، دەپ پەتىۋا بېرىشىدۇ. دەلىللەر شۇكى:
1. زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھقا ‹‹نەجم›› (سۈرە ئاخىرىدا سەجدە ئايىتى بار)سۈرىسىنى ئوقۇپ بەرگەنىدىم. رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلمىدى(سەھەھۇلبۇخارىي1072- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم 1326- ھەدىس؛ ئۇيغۇرچە مىشكات 1026- نومۇر).- عَنْ زَيْدِ بْنِ ثَابِتٍ قَالَ: قَرَأْتُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ (والنجم) فَلم يسْجد فِيهَا مشكات المصابيح (مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ)1026 صحيح الخاري1072 ومسلم 1326
2. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: ئى خالايىق! بىز سەجدە ئايىتىنى ئوقۇيمىز ياكى ئاڭلايمىز. كىمىكى سەجدە قىلسا، توغرا قىلغان بولىدۇ. كىمىكى سەجدە قىلمىسا، گۇناھكار بولمايدۇ، دەپ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلمىغان. ئىبنى ئۆمەر تولۇقلاپ شۇنداق دېگەن: ئاللاھ تەئالا سەجدە ئايىتى ئۈچۈن سەجدە قىلىشنى پەرز قىلمىدى. بۇ، ئىختىيارىي ئەمەل(سەھەھۇلبۇخارىي1072- ھەدىس).- عَنْ عُمَرَ بْنِ الْخَطَّابِ – رضى الله عنه – قَالَ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا نَمُرُّ بِالسُّجُودِ فَمَنْ سَجَدَ فَقَدْ أَصَابَ ، وَمَنْ لَمْ يَسْجُدْ فَلاَ إِثْمَ عَلَيْهِ . وَلَمْ يَسْجُدْ عُمَرُ – رضى الله عنه . وَزَادَ نَافِعٌ عَنِ ابْنِ عُمَرَ – رضى الله عنهما إِنَّ اللَّهَ لَمْ يَفْرِضِ السُّجُودَ إِلاَّ أَنْ نَشَاءَ بخاري1077
************
قوشۇمچە:
سوئال: تاھارەتسىز تىلاۋەت سەجدىسى قىلسا بولامدۇ؟
مۇھەددىس ئەلبانىينىڭ جاۋابى: بۇنىڭغا تاھارەت ۋاجىبمۇ؟ دېگەندە، تاھارەت ۋاجىب ئەمەس. تاھارەتسىز  بولسىمۇ تىلاۋەت سەجدىسى قىلسا بولىۋېرىدۇ. چۈنكى تىلاۋەت سەجدىسى- باشقا زىكرلەر قاتارىدا بولۇپ، زىكرنىڭ ھۆكۈمى ئېنىق. ئەۋزىلى-ئاللاھنى تاھارەت بىلەن زىكرى قىلىشتۇر. ‹‹سُبْحَانَ اللَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ›› بىلەن تىلاۋەت سەجدىسىمۇ ئاشۇ قاتاردا. مەيلى  تىلاۋەت سەجدىسى بولسۇن، مەيلى شۇكۇر سەجدىسى بولسۇن ئوخشاش. بۇلارغا گەرچە، تاھارەت ئەۋزەل بولسىمۇ، ۋاجىب ئەمەس. تاھارەتسىز تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش دۇرۇس. خۇددى بۇنىڭدا قىبلىگە قارىماي سەجدە قىلسىمۇ بولغاندەك، كىيىمى پاكىز بولسىمۇ، پاكىز بولمىسىمۇ ئوخشاش بولغاندەك. چۈنكى بۇخىل سەجدە- ‹‹سُبْحَانَ اللَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ›› دېگەن زىكرگە ئوخشاشتۇر(شەيخ ئەلبانىي: سەلسىلەتۇلھۇدا ۋەننۇر 428-18)
**************
ئەقىدىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى بىلەن، ئەھلى سۈننەتكە قارشى بولغان ئەشئەرىي- مۇرجىئىي ئازغۇن ئەقىدىسىنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىڭ. چۈنكى ھازىر مۇسۇلمانغا كېلىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى- ئەقىدىدە بۇزۇلۇپ كېتىش، يەنى ئەمەل ئىمان قاتارىدىن ئەمەس، دەيدىغان ئەمەلسىز موللا ۋە ئەمەلسىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدۇر
1. ئەزھەر ئالى مەكتەپ ئەقىدىسى ئەشئەرىيچەدۇر
https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1750527625262086
2.ئىمام شافىئىينىڭ مۇرجىئىي- ئەشئەرىيگە رەددىيەسى
https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1776757689305746
3.مۇرجىئىي- ئەشئەرىيلەرنىڭ ئەمەل ئىماندىن ئەمەس، دېگەن ئازغۇن قاراشلىرىغا كەسكىن رەددىيە
https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1756724411309074
4. مۇرجىئىيلارنىڭ ئەقىدىسى
https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1751894921792023
5 .سەلەفىي- قۇرئان، ھەدىسنى ساھابە قاتارلىق سەلەفلەردەك چۈشىنىدىغان ۋ ئەمەل قىلىدىغان بىردىنبىر توغرا مۇسۇلمانلار جامائىتىدۇر
https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1749762728671909
تەييارلىغۇچى: ئابلەت ئەمىر سەلەفىي.
قوشۇمچە ئىلتىماس: دۇئالىرىڭلاردا ئەھلى سۈننەت قېرىنداشلارنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر.

Leave a Reply