رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەسلىك مۇنكەر ئەمەل

ناماز – ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، تەۋھىدتىن كېيىنلا تۇرىدىغان مۇھىم دىنى ئەمەلدۇر. ناماز توغرىلىق قۇرئان، ھەدىستە ناھايىتى كۆپ كۆرسەتمىلەر بار بولۇپ، ئەڭ ئىخچام بايان تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىستۇر: مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: نامازنى مېنىڭ ئوقۇغان نامىزىمنى كۆرگەندەك ئوقۇڭلار(سەھىھۇلبۇخارىي 631- ھەدىس).- عَنْ مَالِك قَالَ قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صَلُّوا كَمَا رَأَيْتُمُونِي أُصَلِّي صحيح البخاري631
رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان نامازغا ئوخشاش ناماز ئوقۇش دېگەن: سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغىنى بويىچە تەكبىر تەھرىمەدىن باشلاپ، سالام بېرىشكىچە بولغان بارلىق پائالىيەتلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئەينەن ئوخشاش ئوقۇش، دېمەكتۇر.
مۇشۇ قاتاردا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلالماي كېلىۋاتقان نامازدىكى مۇھىم ئەمەل – رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن، شۇنداقلا 3- رەكەتكە تۇرغاندا ئىككى قولنى مۈرە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرۈش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ تەرك ئەتمىگەن، ساھابىلەردىن بىرەرسىمۇ تەرك ئەتمىگەن ئەمەل بولۇپ، بۇنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ 30 ساۋابى چالا قالىدىغان، ھەتتا ئۇنى قىلماي ناماز ئوقۇغۇچىنى مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئۆمەر تاش بىلەن ئۇرۇپ قىلدۇرغان، مۇھەددىسلەر ئۇ ئەمەل چالا قالسا ناماز كەمتۈكلۈك بىلەن ئادا تاپىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن، ئۇنى قىلماسلىق مۇنكەر ئىش قاتارىدا سانىلىپ، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمەي ناماز ئوقۇغۇچىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ قىلدۇرىدىغان ئەمەل بولۇپ، ئەرەبچىدە: رەفئۇليەدەيىن، دېيىلىدۇ. شۇڭا، نامازنى رەفئۇليەدەيىن قىلماي ئوقۇغۇچى قېرىنداشلارنى ئۇچراتقاندا، ئۇنى قىلماسلىقنىڭ شەرىئەتتە ئورنىنىڭ يوقلۇقىنى، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر سۈننىتىگە ئەگىشىپ رەفئۇليەدەيىن قىلىپ ئوقۇشنى چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈش، ئەگەر يەنىلا ئۇنىمىسا، مەشھۇر ساھابە سۈننىتى بويىچە ئۇششاق تاش بىلەن ئۇرۇپ رەفئۇليەدەيىن قىلدۇرۇش سۈننەت. (ھازىر بۇنداق قىلىش تۈگۈل جامائەت ئارىسىدا ئەركىن ئازادە ھالدا رەفئۇليەدەيىن قىلىپ، ھاقارەت ئاڭلىماي، تاياق يېمەي قۇتۇلالىسا خوش بولىدىغان ھالەتتە. بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان، ھەدىسكە چاقىرىش دەئۋىتىدىن يۈز ئۆرىگەنلىك ئىپادىسىدۇر).
زامانىمىزدا مۇسۇلماننىڭ خار ۋە زارلىقى ھېچبىر مۇسۇلماننى ئايرىپ قويمىغاچقا، ھەرقانداق مۇسۇلمان خارلىق مەنبەسىنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق- بۆلىنىش ئىكەنلىكىنى كۈندىن كۈنگە تونۇپ يېتىپ: مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلاشساق بولاتتى، ئىتتىپاقلىشايلى، دېگەن سادا تەرەپ – تەرەپتىن جاراڭلىماقتا ۋە ھەرىم ئۆز قاراشلىرى بويىچە كىشىلەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرماقتا. ئەپسۇس! چاقىرغۇچىلار ھەرقانچە پەيلاسۇپ، دوكتور بولۇپ كەتسىمۇ، ئىتتىپاقلىشىشتا تايىنىدىغان مەنبە: قۇرئان، ھەدىس بولسۇن دېمۈگەچكە، يەنىلا قۇمدەك چېچىلىش ھالىتىدىن قۇتۇلغىنى يوق. ھەتتا ئىسلامنىڭ تۈۋرىكى بولغان نامازنىمۇ قۇرئان، ھەدىس ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇماي، ھەرقايسى مەزھەب – پىرقىلەر ئۆزلىرى بېكىتىۋالغىنى بويىچە خىلمۇخىل ئوقۇشماقتا. بۇ، مەزھەب مۇتەئەسسۇپلىرىنىڭ پەردەزلاپ دېگىنى بويىچە: ئىجتىھادى مەسىلە، دەپ چۈشەندۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈشكە ئاپىرىدىغان قىلمىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ قىلغان، بۇيرىغان ئەمەلنىڭ ئەكسىنى قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىغا دەز كەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتتۇر. دەلىل شۇكى: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ(سۈرە نىسا 65 – ئايەت).- فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا [(65) سورة النساء].
ناماز – رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ. بولمىسا قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ناماز ئوقۇدۇم، دەپ كوڭلىنى خوش قىلغان بىلەن، ئاللاھ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمىسا بىكار. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت بار: 1. چىن ئىخلاس بولۇش؛ 2. قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن بولۇش؛ 3. ئاللاھتىن ئەمەلنىڭ مەقبۇل بولۇشىنى تىلەش.
قېرىنداشلار سەمىگە تەكرار سەپ قويىدىغان ۋە ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم نۇقتا شۇكى، مۇسۇلمانلار نامازنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئوقۇپ، ناماز ئەمەللىرىدە بىرلىككە كېلەلمىسە، نامازدا ئىتتىپاقلىشالمىسا، نامازنى ھاۋايى – ھەۋىسى بويىچە ئوقۇشتىن رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا يۈزلەنمىسە يەنى مۇسۇلمانلار مەسچىتتە ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، ھېچقانداق يەردە، ئىشتا ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. دەماللىقققا قولغا كەلگەن كۆرۈنۈشتىكى ئىتتىپاقلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى ئەمەس. ئۇنداق قۇرئان، ھەدىس ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ئىتتىپاقلىقتىن قېچىش كېرەككى، ئازغۇنلۇق ئۈستىگە ئىتتىپاقلىشىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: نامازنى رەسۇلۇللاھ ئوقۇغاندەك ئوقۇيلى، دېيىلسىلا تەبىئىي ھالدا رەفئۇليەدەيىن ۋە ئامىن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، شەرىئەت مەسىلىسىنى دەلىل بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ قارا كۈچى بويىچە ھەل قىلىشقا كۈنۈك، گەپتان قارا گوروھ خوجايىنلىرى ئورنىدىن تۇرۇپلا: بولدى قىلايلى، بۇ گەپنى! 30 يىلدىن بېرى بىز رەفئۇليەدەيىن ۋە ئامىننى تالىشىپلا ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇنى قويۇپ تۇرايلى، دەپلا گەپنى خۇلاسىلەشكە ۋە ئۆزىنى ئىتتىپاقلىق ھامىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە رەفئۇليەدەيىن ۋە ئامىننى(ئاۋازلىق) ھەنەفى مەزھەبتىكىلەر قىلمايمىز دەپ، ئەھلى ھەدىسلەر شەرىئەتتە ئورنى بولغاندىكىن قىلىمىز دەپ تالاشقىلى 30 يىل ئەمەس، 1300يىل بولدى. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاشۇنداق ئۇزاق ئەسىرلەر كېتەمدۇ؟ ياق! پەقەت قۇرئاندىكى:‹‹ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار بۇ توغرىدا ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار(سۈرە نىسا 59 – ئايەت).- فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ( سورة النساء )››، دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلسىلا، يەنى ئىختىلاپى مەسىلىنى دەرھال قۇرئان، ھەدىسكە تەڭلەپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلسىلا ئىختىلاپ بىردەمدىلا تۈگەيدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقى ئايەتتە دېيىلگەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرگەن مۆئمىن بولۇشى كېرەك. ئاللاھ: ئىختىلاپى مەسىلە پەيدا بولغان ھامان دەرھال قۇرئان، ھەدىسكە تەڭلەپ ئىختىلاپنى تۈگىتىڭلار، دەپ بۇيرىسا، ئىختىلاپى مەسىلىنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى، دېيىش ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە بولغان ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر. ئىختىلاپى مەسىلىنى قۇرئان، ھەدىسكە قايتۇرمىغاندا 30 يىلدا ئەمەس، 1300 يىلدىمۇ ھەل بولمىدىغۇ؟
مۇسۇلماندا ھازىر ئاران ناماز قەپقالدى. ناماز بولغاندىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پېئلىغا، كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. بىلمەي خاتا كېتىپ قالسىغۇ، ئاللاھ كەچۈرۈمچان. بىلىپ تۇرۇپمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇماسلىق ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: ئىسلامدىكى ئىبادەتلەر(مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن) بىر بىرلەپ يوقۇلىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەرقېتىم مەلۇم ئىبادەت تۈرىدىن يىراقلاشقاندا، ئۇ ئىبادەتنىڭ يېنىدىكىسىگە ئېسىلىشىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى يوقىتىدىغىنى ھۆكۈمدۇر. ئاخىرىدا يوقىتىدىغىنى نامازدۇر(مۇسنەدۇئەھمەد22160- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).- عَنْ أَبِي أُمَامَةَ الْبَاهِلِيِّ عَنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ لَيُنْقَضَنَّ عُرَى الْإِسْلَامِ عُرْوَةً عُرْوَةً فَكُلَّمَا انْتَقَضَتْ عُرْوَةٌ تَشَبَّثَ النَّاسُ بِالَّتِي تَلِيهَا وَأَوَّلُهُنَّ نَقْضًا الْحُكْمُ وَآخِرُهُنَّ الصَّلَاةُ مسند الإمام أحمد بن حنبل22160
نامازنى رەسۇلۇللاھ ئوقۇغاندەك ئوقۇشقا بىرلا دورا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ- تەۋھىد كىتابىنى ئاللاھتىن تەۋپىق تىلىگەن ھالدا داۋاملىق ئوقۇشتۇر.
خوش ، تۆۋەندە رەفئۇليەدەيىننىڭ شەرىئەتتىكى دەلىللىرى بىلەن تونىشايلى:
1. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇ ئۈچۈن ئەللاھۇ ئەكبەر دېگىنىدە، رۇكۇدىن بېشىنى كۈتۈرگەندە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى(سەھىھۇلبۇخارىي 702- نومۇرلۇق؛ مۇۋەتتا مالىك 196- نومۇرلۇق؛ مۇسنەدۇ ئەھمەد 4674- نومۇرلۇق؛ مۇسنەد شافىئى 211- نومۇرلۇق ھەدىس).-عن ابْنِ عُمَرَ؛ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صلى الله عليه وسلم كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ إِذَا افْتَتَحَ الصَّلاَةَ ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا، البخاري 702 مُوَطَّأ مَالِكِ رواية يَحيى 196 مسند أحمد4674 مسند الشافعي211
2. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ ناماز ئۈچۈن تەكبىر تەھرىمەدە، رۇكۇ قىلماقچى بولغاندا، رۇكۇدىن بېشىنى كۈتۈرگەندە، 3- رەكەتكە تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى(بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن 1. نومۇرلۇق؛ مۇسنەدۇ ئەھمەد 717-نومۇرلۇق؛ سۇنەنۇ ئىبى داۋۇد744- نومۇرلۇق؛ سۇنەنۇتتىرمىزىي 3423- نومۇرلۇق ھەدىس).-عن علي رضي الله تعالى عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم : كان يرفع يديه إذا كبر للصلاة حذو منكبيه، وإذا أراد أن يركع ، وإذا رفع رأسه من الركوع ، وإذا قام من الركعتين فعل مثل ذلك. رفع اليدين للبخاري 1 ومسند أحمد 717 وسنن أبي داود744وسنن الترمذي3423.
3.ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: ئادەمنىڭ نامازدا ئىككى قولىنى ھەرقېتىم كۆتۈرگەندە ئون ساۋاب يېزىلىدۇ. يەنى ھەربارمىقىغا بىردىن ساۋاب يېزىلىدۇ(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3286- نومۇرلۇق؛ مەجمەئۇززەۋائىد 2596- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).- عن عقبة بن عامر قال: قال رسول الله-صلي الله عليه وسلم يُكتبُ في كلِّ إشارةٍ يشيرُ الرجلُ [بيده] في صلاتهِ عَشرُ حسناتٍ؛ كلَّ إِصبعٍ حسنةٌ . الصحيحة للألباني رقم 3286 . أورده الهيثمي في 175- باب رفع اليدين في الصلاة 2596 . مجمع الزوائد للهيثمي
4. ھەسەن بەسرىي ۋە ھۇمەيد ئىبنى ھىلال ئىككەيلەن مۇنداق دېيىشتى: رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قوللىرىنى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈشەتتى(بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن 27, 28-نومۇرلۇق).- عن الحسن وحميد بن هلال قالا : « كان أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم كأنما أيديهم المراوح يرفعونها إذا ركعوا ، وإذا رفعوا رءوسهم » رفع اليدين للبخاري27, 28
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن:ھەسەن بەسرىي ۋە ھۇمەيد ئىبنى ھىلال ئىككەيلەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر ساھابىسىنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىنقولىنى كۆتۈرمەي ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلمىدى(بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن).-قال البخاري : « فلم يستثن الحسن ، وحميد بن هلال أحدا من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم دون أحد » رفع اليدين للبخاري
5. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كۆرسە، ئۇنى تاش بىلەن ئۇرۇپ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈشكە بۇيرىيتتى(مەسائىلى ئەھمەد 253- نومۇرلۇق؛ بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن 14- نومۇرلۇق؛ ئىستىزكار 4331- نومۇرلۇق).-عَن نَافِع قَالَ كَانَ ابْن عمر اذا راى مُصَليا لَا يرفع يَدَيْهِ فِي الصَّلَاة حصبه وامره ان يرفع يَدَيْهِ مَسائل أَحْمَدَ253 رَفْعُ الْيَدَيْنِ14 الإستذكار4331
ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازى مۇھەددىس ھۇمەيدى ئىبنى ئۆمەرنىڭ تاش بىلەن ئۇرۇش ھەدىسىگە ئاساسەن: رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمىگەن ئادەمنىڭ نامىزى پاسىد ياكى كەمتۈك بوپقالىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن(ئەتتەمھىد).- وَذَهَبَ إِلَى ذَلِكَ الْحُمَيْدِيُّ فِيمَنْ لَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ عَلَى حَدِيثِ ابْنِ عُمَرَ أَنَّ الصَّلَاةَ فَاسِدَةٌ أَوْ نَاقِصَةٌ التمهيد
ئىمام بۇخارى مۇنداق دېگەن: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەنەس، ئىبنى ئابباس قاتارلىق 17 ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى راۋايەت قىلغان(بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن).- قال البخاري : « وكذلك يروى عن سبعة عشر نفسا من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم أنهم كانوا يرفعون أيديهم عند الركوع منهم أبو قتادة الأنصاري ، وأبو أسيد الساعدي البدري ، ومحمد بن مسلمة البدري ، وسهل بن سعد الساعدي ، وعبد الله بن عمر بن الخطاب ، وعبد الله بن عباس بن عبد المطلب الهاشمي ، وأنس بن مالك خادم رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وأبو هريرة الدوسي ، وعبد الله بن عمرو بن العاص ، وعبد الله بن الزبير بن العوام القرشي ، ووائل بن حجر الحضرمي ، ومالك بن الحويرث ، وأبو موسى الأشعري ، وأبو حميد الساعدي الأنصاري وعمر بن الخطاب ، وعلي بن أبي طالب ، وأم الدرداء رضي الله تعالى عنهم رفع اليدين للبخاري.
ئالىملارنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەسلىككە قارىتا مۇئامىلىسى:
1. ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەردىن ھەدىس بار بولغاچقا، مەدىنەدە نامازدا رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمىگەن ئادەمنى ئەدەب جازاسى بېرىمىز(بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن15- نومۇرلۇق؛ ئەتتەمھىد9\249- نومۇرلۇق).-عَنْ عُمَرَ بْنِ عَبْدِ الْعَزِيزِ قَالَ إِنْ كُنَّا لَنُؤَدَّبُ عَلَيْهَا بِالْمَدِينَةِ يَعْنِي إِذَا لَمْ يَرْفَعُوا أَيْدِيَهُمْ فِي الصَّلَاةِ وَقَالَ عُمَرُ بْنُ عَبْدِ الْعَزِيزِ فِي ذَلِكَ سَالِمٌ قَدْ حَفِظَ عَنِ أبِيهِ رَفْعُ الْيَدَيْنِ15 التمهيد 9\249
2.مۇھەددىس مۇھەممەد ئىبنى يەھيا شۇنداق دېگەن: كىمىكى بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپمۇ يەنىلا رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمىسە،ئۇنىڭ نامىزى چالا قالغان بولىدۇ(سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە).-أَخْبَرَنَا أَبُو طَاهِرٍ، نَا أَبُو بَكْرٍ، قَالَ: سَمِعْتُ مُحَمَّدَ بْنَ يَحْيَى، يَقُولُ:
مَنْ سَمِعَ هَذَا الْحَدِيثَ، ثُمَّ لَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ
يَعْنِي إِذَا رَكَعَ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِفَصَلَاتُهُ نَاقِصَةٌ. صحيحُ ابن خُزَيمة.
مۇھەددىس ئەۋزائىيدىن:رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمىسە، ئۇنىڭ نامىزى چالا قالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا: شۇنداق، دەپ جاۋاب بەرگەن(ئىستىزكار 4334- نومۇرلۇق).- قِيلَ لِلْأَوْزَاعِيِّ: فَإِنْ نَقَصَ مِنْ ذَلِكَ شَيْئًا ؟ قَالَ: ذَلِكَ نَقْصٌ مِنْ صَلَاتِهِ. الإستذكار4334
3. ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرگەنلىك ھەدىسىنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ پېئلىگە ئەگەشمەسلىكى ھالال ئەمەس(ئىسارەتۇلفەۋائىد، تەبەقاتۇش شافىئىي).- يَقُولُ الْمُزَنِيُّ: سَمِعْتُ الشَّافِعِيَّ يَقُولُ: لا يَحِلُّ لأَحَدٍ سَمِعَ حَدِيثَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي رَفْعِ الْيَدَيْنِ فِي افْتِتَاحِ الصَّلاةِ، وَعِنْدَ الرُّكُوعِ، وَالرَّفْعِ مِنَ الرُّكُوعِ، أَنْ يَتْرُكَ الاقْتِدَاءَ بِفِعْلِهِ إثارة الفوائد للعلائي وطبقات الشافعية للسبكي
4. مۇھەددىس ھاكىم شۇنداق دېگەن: تۆت خەلىفە، جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە ۋە ئۇلاردىن باشقا ئوخشىمىغان شەھەرلەرگە تاراپ كەتكەن پېشقەدەم ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىسكە ئىتتىپاقلاشقاندەك باشقا سۈننەتكە ئىتتىپاقلاشقانلىقى مەلۇم ئەمەس(زەيلىئىي: نەسبۇررايە).-قَالَ: وَسَمِعْتُ أَبَا عَبْدِ اللَّهِ الْحَافِظَ، يَقُولُ: لا تعلم سُنَّةً اتَّفَقَ عَلَى رِوَايَتِهَا عَنْ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْخُلَفَاءُ الْأَرْبَعَةُ، ثُمَّ الْعَشَرَةُ، فَمَنْ بَعْدَهُمْ مِنْ أَكَابِرِ الصَّحَابَةِ عَلَى تَفَرُّقِهِمْ فِي الْبِلَادِ الشَّاسِعَةِ، غَيْرَ هَذِهِ السُّنَّةِ، انْتَهَى. [نصب الراية الزيلعي]ـ
5. ئىمام تىرمىزىي مۇنداق دېدى: مالىك، مەئمەر، ئەۋزائىي، سۇفيان، ئىبنى مۇبارەك، شافىئىي، ئەھمەد، ئىسھاقلار رەفئۇليەدەيىن ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان(تىرمىزىي: 256- نومۇرلۇق).- قال الترمذي في جامعه: وبه يقول مالك و معمر و الأوزاعي و [ ابن عيينة ] و عبد الله بن المبارك و الشافعي و أحمد و إسحق 256
6. شەيخۇلئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ زامانىسىدىكى رەسۇلۇللاھ ئارقىسىدا ساھابە بار ئەمەلگە قارا. ئۇلار رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرۈشكەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھتىن كېيىنكى ساھابە زامانىسىدىكى ئەمەلگە قارا، ھەتتا ئىبنى ئۆمەر رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كۆرسە، ئۇنى تاش بىلەن ئۇراتتى. بۇ، خۇددى كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرغاندەكلا ئەمەلدۇر(ئىئلام2/376).- وقال ابن القيم: ((وانظر إلى العمل في زمن رسول الله – صلى الله عليه وسلم – والصحابة خلفه، وهم يرفعون أيديهم في الصلاة عند الركوع والرفع منه، ثم العمل في زمن الصحابة بعد، حتى كان عبد الله بن عمر إذا رأى من لا يرفع حصبه. وهو عمل كأنه رأي عين)) إعلام الموقعين: (2/376)
7. ھەدىسشۇناس مۇبارەكفۇرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:يۇقىرىدىكى ھەسەن بەسرى ۋە ھۇمەيدلارنىڭ بايانى ساھابىلەرنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشكە ئىجمائقا كەلگەنلىكىگە دەلىل. قانداقمۇ ئىجمائ بولمىسۇن؟ ۋەھالەنكى، خەلىپە ئەبۇبەكرى،ئۆمەر،ئەلى قاتارلىق خۇلەفۇئائۇرراشىدۇنلار ۋە باشقا ساھابىلەر كۆتۈرگەن تۇرسا؟ ئاندىن تابىئىنلەر ۋە مالىك،شافىئى، ئەھمەدلەر كۆتۈرگەن تۇرسا؟(مۇبارەكفۇرى: مىرئاتۇلمەفاتىھ).- قال المباركفوري: قول الحسن، وحميد بن هلال يدل على أن الصحابة أجمعوا على رفع اليدين عند الركوع، وعند الرفع منه، كيف لا وقد صح الرفع فيهما عن أبي بكر وعمر وعلي من الخلفاء الراشدين، ثم عن غيرهم من الصحابة، ثم عن التابعين، وهو أيضاً مذهب الأئمة الثلاثة: مالك والشافعي وأحمد. شرح مشكاة المصابيح المباركفوري3\43
8. ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي بىلەن ھاپىز ئىراقىي رەفئۇليەدەيىن ھەدىسىنى راۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىشقان(ئىبنى ھەجەر: فەتھۇلبارىي؛ ئىراقىي: تەرھۇت تەسرىب).- وذكر شيخنا أبو الفضل الحافظ أنه تتبع من رواه من الصحابة فبلغوا خمسين رجلا فتح الباري ابن حجر العسقلاني وَاعْلَمْ أَنَّهُ قَدْ رُوِيَ رَفْعُ الْيَدَيْنِ مِنْ حَدِيثِ خَمْسِينَ مِنْ الصَّحَابَةِ مِنْهُمْ الْعَشَرَةُ.. طرح التثريب العراقي
رمۇھەددىس بەيھەقىي: رەفئۇليەدەيىن ھەدىسىنى راۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە ۋە تۆت ئابدۇللاھ قاتارلىق 30 ساھابىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان(ئىبنى ھەجەر: دىرايە).- وعد الْبَيْهَقِيّ أَسمَاء من جَاءَ عَنْهُم الرّفْع فبلغوا أَكثر من ثَلَاثِينَ نفسا مِنْهُم الْعشْرَة الْمَشْهُود لَهُم بِالْجنَّةِ والعبادلة الْأَرْبَعَة وَغَيرهم ـ[الدراية ابن حجر العسقلاني
9. شەيخۇلئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دېگەن: رەفئۇليەدەيىن ھەدىسىنى راۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ 30 قا يەتكەنلىكىنى، جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ ئىتتىپاققا كەلگەنلىكىنى، ئەكسىچە ھەدىسنىڭ ئەلبەتتە يوقلۇقىنى، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولغۇچە رەفئۇليەدەيىن قىلغانلىقىنى بايان قىلغان(زادۇلمەئاد1\219).- وَرَوَى رَفْعَ الْيَدَيْنِ عَنْهُ فِي هَذِهِ الْمَوَاطِنِ الثَّلَاثَةِ نَحْوٌ مِنْ ثَلَاثِينَ نَفْسًا، وَاتَّفَقَ عَلَى رِوَايَتِهَا الْعَشْرَةُ، وَلَمْ يَثْبُتْ عَنْهُ خِلَافُ ذَلِكَ الْبَتَّةَ، بَلْ كَانَ ذَلِكَ هَدْيَهُ دَائِمًا إِلَى أَنْ فَارَقَ الدُّنْيَا ابن قيم الجوزية زاد المعاد 1\219
ئىمام سۇيۇتىي: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىس مۇتەۋاتىر، دېگەن(ئەلئەزھار مۇتەناسىرە).- وقال السيوطي في “الأزهار المتناثرة في الأخبار المتواترة”: إن حديث الرفع متواتر
10. ئىمام زەھەبىي: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىس مۇتەۋاتىر سۈننەت، دېگەن(سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلائ(5/293)).- قال الذهبي وهي ((سنة متواترة))(سير أعلام النبلاء)) : (5/293) .
11.ئىبنى ھەزم: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىس مۇتەۋاتىر بولۇپ، بىلىش جەزمەن ۋاجىب، دېگەن(شەرھۇ مۇقەددەمە ئىبنى سىلاھ ۋە ئىراقىي).- قال ابن حزم إنها متواترة توجب يقين العلم. شرح مقدمة ابن الصلاح العراقي
12. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىسنى مۇتەۋاتىر، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، دېگەن(شەرھۇ مەتنى نۇھبەتىلفىكر).- قال ابن حجر يمكن أن يطلق عليها وصف التواتر … مثل أحاديث رفع اليدين في الصلاة شرح متن نخبة الفكر ابن حجر
13. مۇھەددىس ئەلبانىي: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىسنى مۇتەۋاتىر مەئنەۋىدۇر، دېگەن(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 500- نومۇرلۇق).- قال الالباني أَحاديث رفعِ اليدين في الصلاةِ، وهي متواترةٌ تواترًا معنويًّا،الصحيحة رقم 500
14. مۇھەددىس ئەنۋەر شاھ كەشمىرىي: رەفئۇليەدەيىن توغرۇلۇق ھەدىس سەنەد ۋە ئەمەلدە مۇتەۋاتىر بولۇپ، بىرەر ھەرپىمۇ مەنسۇخ قىلىنمىغان، دېگەن(فەيزۇلبارىي).- قال الكشميري واعلم أن الرفع متواترٌ إسنادًا وعملًا، ولم يُنْسَخ منه ولا حرفٌ، فيض الباري على صحيح البخاري أنور شاه الكشميري
رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق، دېيىلگەندە، دەرھال: ئىبنى مەسئۇدنىڭ قول كۆتۈرمەي ئوقۇغانغا ھەدىس بارغۇ؟ دېگەن سوئال ئوتتۇرغا چىقىدۇ. تۆۋەندە، ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلغان قول كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ زەئىفلىكى، ھەنەپىيلەر ۋە خاۋارىجلارنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەسلىك ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ۋە دەلىللىرى توغرۇلۇق توختىلىمەن:
ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلغان رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى زەئىف ھەدىس توغرىسىدا
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ نامازىنى ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ دەپ ئىبنى مەسئۇد ناماز ئوقۇپ ئىككى قولىنى بىرلا قېتىم كۆتۈردى،(مۇسنەدۇ ئەھمە 3681- نومۇرلۇق ۋە باشقىلار توپلىغان)، دېگەن ئەسەر توغرىسىدا- حَدَّثَنَا وَكِيعٌ حَدَّثَنَا سُفْيَانُ عَنْ عَاصِمِ عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَنْ عَلْقَمَةَ قَالَ قَالَ ابْنُ مَسْعُودٍ أَلَا أُصَلِّي لَكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ فَصَلَّى فَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً رواه أحمد3681 وغيره.
رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنى توغرا، دېگۈچىلەر مۇنۇ ئەسەرنىڭ راۋىلىرى ئىمام مۇسلىمنىڭ راۋىلىرى بولغاچقا، سەھىھ، دېيىشىدۇ. ئەمما،بۇ ئەسەر ئىنساپلىق، تەئەسسۇپتىن خالى مۇھەددىسلەرنىڭ ئۇسۇلى ھەدىسكە ئاساسلانغاندا سەھىھ ئەمەس ۋە مەنسۇخ، دېيىلىدۇ. بۇ،ئىككى تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ:
بىرى، گەرچە، ئەسەر راۋىلىرى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان ئىشەنچلىك راۋىلار بولسىمۇ، ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارىي قاتارلىقلار <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن سۆزنىڭ راۋىلار كىتابلىرىدا يوقلۇقى، ئاغزاكى بايانىدا دېگەنلىكىنى يەنى <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن سۆزنى راۋىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوشۇپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، بۇ ئەسەر سەھىھ ئەمەس، دەپ باھالاشقان. بۇ ئەسەرنى زەئىف دەيدىغان مۇھەددىسلەردىن ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارىيلاردىن باشقا: ئىبنى مۇبارەك، ئەبۇھاتىم، ئەبۇ داۋۇد، دارىقۇتنىي، بەيھەقىي، ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي قاتارلىقلار بار.
يەنە بىرى، بۇ ئەسەرنى راۋىلار ئېتىبارى بىلەن ھەسەن، سەھىھ دەيدىغان مۇھەددىسلەردىن: ئىمام تىرمىزى قاتارلىقلار؛
<< ئىجابى سۆز سەلبى سۆزنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ- المُثْبِتُ مقدَّمٌ على النافي>>، دېگەن ئۇسۇل قائدىگە ئاساسەن، بۇ ئەسەر مەنسۇخ يەنى ئەمەلدىن قالغان،دەيدىغان مۇھەددىسلەردىن: ئىمام خەتتابىي ۋە بۇ ئەسىردە ياشىغان مۇھەددىسلەردىن: ئەھمەد شاكىر ۋە ئەلبانىي قاتارلىقلاردۇر.
ئىمام خەتتابىي ، ئەھمەد شاكىر ۋە شەيخ ئەلبانىيلار بۇ ئەسەرنى ھەنەفىيلەر ۋە ئىمام بۇخارىي قاتارلىق باشقا مۇھەددىسلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئۇسۇل قائىدە: << ئىجابى سۆز سەلبى سۆزنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ- المُثْبِتُ مقدَّمٌ على النافي>>، غا ئاساسەن، <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن ئەسەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق بىرلا سەھىھ ھەدىس بىكار قىلىۋېتىدۇ. ۋەھالەنكى قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر دەرىجىدە بولغاچقا، ئەلۋەتتە قول كۆتۈرمىگەنلىك توغرىسىدىكى بىر ئەسەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. شۇڭا، قول كۆتۈرمەسلىككە سەھىھ دەلىل يوق، دېيشكەن. تۆۋەندە يۇقارقى مۇھەددىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى توغرۇلۇق تەپسىيلىي توختىلىمەن:
1. ئىمام ئەھمەد.
1)ئىمام ئەھمەد ئابدۇرەھمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: راۋى ۋەكىئ بەزىدە <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>،دەيتتى.
ئىمام ئەھمەد بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: راۋى ۋەكىئ: <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، نى ئۆزى قوشۇپ قويغان.- حَدثنَا قَالَ حَدثنِي ابي حَدثنَا ابو عبد الرَّحْمَن الضَّرِير قَالَ كَانَ وَكِيع رُبمَا قَالَ يَعْنِي ثمَّ لَا يعود.قَالَ ابي وَكِيع يَقُول هَذَا من قبل نَفسه يَعْنِي ثمَّ لَا يعود.
2)ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېدى: راۋى ئاسىم ئىبنى ئىدرىس رىۋايەت قىلغان نۇسخىسىدا: <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن سۆز يوق.- قَالَ ابي وَحَدِيث عَاصِم بن كُلَيْب رَوَاهُ ابْن ادريس فَلم يقل ثمَّلَا يعود مَسائل أَحْمَدَ253 – , العلل ومعرفة الرجال للامام أحمد709-713 , العلل للدَّارَقُطْنِيِّ-804
2. ئىمام بۇخارى
ئىمام بۇخارى ئىمام ئەھمەدنىڭ راۋى يەھيانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئىبنى ئىدرىسنىڭ كىتابىدا ئاسىمنىڭ رىۋايىتىدە: <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن سۆز يوق. شۇنداق بولغاچقا، ئىمام بۇخارىي مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئىدرىس كىتابىدىكى <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈردى>>، دېگەن ئەسەر سەھىھ. سەۋەبى: ئەھلى ئىلىملەر نەزەرىدە، كىتابتا خاتىرلەنگىنى ئەڭ توغرا. چۈنكى ئىنسان بەزىدە خاتا سۆزلەپ قالسا، دەرھال كىتابقا قارايدۇ،- دە؟ كىتابتىكىنى ئاساس قىلىدۇ، دېگەن( بۇخارى: رەفئۇليەدەيىن30. نومۇر).- قال البخاري قال أحمد بن حنبل : عن يحيى بن آدم قال : نظرت في كتاب عبد الله بن إدريس عن عاصم بنكليب ليس فيه : ثم لم يعد . فهذا أصح لأن الكتاب أحفظ عند أهل العلم لأن الرجلربما حدث بشيء ثم يرجع إلى الكتاب فيكون كما في الكتاب . البخاري: رفع اليدين للبخاري30
3. مۇھەددىس ئەبۇ داۋۇ بۇ ئەسەرنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ ئاخىرىغا: بۇ، ئۇزۇن ھەدىستىن قىسقارتىلغان. <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن نۇسخا سەھىھ ئەمەس، دېگەن(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد 3681- نومۇر).-قَالَ أَبُو دَاوُدَ: هَذَا حَدِيثٌ مُخْتَصَرٌ مِنْ حَدِيثٍ طَوِيلٍوَلَيْسَ هُوَ بِصَحِيحٍ عَلَى هَذَا اللَّفْظِ سُنَنأَبِي دَاوُد3681
4. مۇھەددىس ئىبنى مۇبارەك
<<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس(بەيھەقىي: مەئرىفەتۇسسۇنەن781-: ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن
نومۇرلۇق).- عن عبد الله المبارك قال : لم يثبت عندي حديث عبد الله بن مسعود، البيهقي:معرفة السنن781
عبد الله بن المبارك البيهقي سنن البيهقي 2635 و الدارقطني 1128
5. ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي:
ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلاقى:<<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>> دېگەن ئەسەر ئەڭ زەئىف بولۇپ، (راۋىلار( ئۆزگەرتىۋەتكەن. چۈنكى ئۇنىڭ سەھىھلىقىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بىرمۇنچە ئىللەتلەر بار، دېگەن(ئەتتەلخىيسۇلھەبىر)
وَهُوَ فِي الْحَقِيقَةِ أَضْعَفُ شَيْءٍ يُعَوَّلُ عَلَيْهِ، لِأَنَّ لَهُ عِلَلًا تُبْطِلُهُ التلخيص الحبيرقَالَ ابن حجر العسقلاني
6.مۇھەددىس ئىمام خەتتابى
مۇھەددىس ئىمام خەتتابى: << ئىجابى سۆز سەلبى سۆزنى مەنسۇخ قىلىدۇ- المُثْبِتُ مقدَّمٌ على النافي>>، غا ئاساسەن، <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن ئەسەرنى قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر ئۇ ئەسەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، دېگەن(مەئالىمۇسسۇنەن19\1).-قَالَ الخطابي والأحاديث الصحيحة التي جاءت بإثبات رفع اليدين عند الركوع وبعد رفع الرأس منه أولى من حديث ابن مسعود وللإثبات أولى من النفي. معالم السنن1\ 19
7. مۇھەددىس ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك.
1)ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>> دېگەن ئەسەرنىڭ ماڭا يېتىپ كەلگىنى سەھىھ ئەمەس، دېگەن((ئەتتەلخىيسۇلھەبىر)وَقَالَ ابْنُ الْمُبَارَكِ: لَمْ يَثْبُتَ عِنْدِي ابن حجر العسقلانيالتلخيص الحبير
2)ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەرنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ. ئەمما <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس(سۇنەنۇتتىرمىزى).- وقال عبد الله بن المبارك: قد ثبت حديث من يرفع، وذكر حديث الزهري، عن سالم، عن أبيه، ولم يثبت حديث ابن مسعود أن النبي صلى الله عليه وسلم لم يرفع إلا في أول مرة.سنن الترمذي
يوللاش
8. مۇھەددىس شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزىي
ئىبنى قەييىم جەۋزىي شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزىي <<ناماز توغرىسىدىكى يالغان ھەدىسلەر>>، ناملىق ماۋز ئاستىغا: توقۇلما-يالغان ھەدىسلەر قاتاردا رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى
ھەدىسلەر بولۇپ، بىرەرسىمۇ سەھىھ ئەمەس، ھەممىسى باتىلدۇر. شۇ قاتاردا <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن 212 – ھەدىسمۇ بار، دېگەن(نەقدۇلمەنقۇد).-فصل أحاديث موضوعة في أحكام الصلاة ومن ذلك أحاديث المنع من رفع اليدين في الصلاة عند الركوع والرفع منه كلها باطلة على رسول الله صلى الله عليه و سلم لا يصح منها شيء كحديث عبدالله بن مسعود رضي الله عنه ألا أصلي بكم صلاة رسول الله صلى الله عليه و سلم 212 نقد المنقول
9. زامانىمىزدا ياشىغان مۇھەددىسلەردىن: ئەھمەد شاكىر.
مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر مۇنداق دېدى: <<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>>، دېگەن ھەدىسنى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرگەن توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. چۈنكى << ئىجابى سۆز سەلبى سۆزنى مەنسۇخ قىلىدۇ- المُثْبِتُ مقدَّمٌ على النافي>>، دېگەن(مۇسنەدۇ ئەھمەد 3681- ھەدىس ئىزاھاتى).-قَالَ أحمد شاكر وما نراه منافياً للأحاديث التي ثبت فيها الرفع عند الركوع وعندالرفع منه، والمثبت مقدم على النافي، مُسْنَد أحمد (3681) بتحقيق أحمد شاكر
10. زامانىمىزدا ياشىغان مۇھەددىسلەردىن: رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ ھەدىس تەھقىقلىگەن مۇھەددىس ئالبانى.
مۇھەددىس ئەلبانىي مۇنداق دېگەن: خۇلاسە شۇكى، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق بەك كۆپ ھەدىس بار بولۇپ، ئالىملار بۇ تۈردىكى ھەدىسنى مۇتەۋاتىر(ھۆكۈمى: قۇرئان بىلەن ئوخشاش ئەمەل قىلىنىدىغان) دەرىجىسىدە، دېيىشكەن، ھەتتا نامازدىكى بارلىق تەكبىرلەردىمۇ(بەزىدە) قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس بار. رەسۇلۇللاھنىڭ قول كۆتۈرمەي ئوقۇغانغا سەھىھ ھەدىس يوق، پەقەت ئىبنى مەسئۇدتىن بىرلا ئەسەر بار بولۇپ بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ! چۈنكى بۇ ئەسەر ئەمەلدىن قالغان. ھەنەپىلەر ۋە باشقىلار شۇنداق قارارغا كېلىشكەنكى،<< ئىجابى سۆز سەلبى سۆزنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ- المُثْبِتُ مقدَّمٌ على النافي>>. بۇ دېگەنلىك بىرگە بىر بولۇپ يەنى بىر باياندا بولىدۇ، دەپ؛ يەنە بىر باياندا بولمايدۇ،دەپ ھەدىس بار بولسا، «بولىدۇ»كۈچكە ئىگە بولۇپ، «بولمايدۇ»، ئىناۋەتسىز، دېگەن گەپ! ئەگەر بۇ مەسىلىدىكىدەك بىرگە قارشى كۆپ ھەدىس بولسا ئەلۋەتتە كۆپ ھەدىس كۈچكە ئىگە بولىدۇ دە؟ قول كۆتۈرمەيدىغانلار مۇشۇ قائىدىگە ئاساسلانغاندىمۇ قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ ئاساسى يوققا چىققاندىكىن، مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى قىلماي دەلىلنى كۆرۈپلا قول كۆتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، ھەنەپىلەردىن ئىلگىركى ۋە كېيىنكى بىر تۈركۈم كىشىلەر قول كۆتۈرمەيلا قالماستىن تېخى قول كۆتۈرمەسلىكنى ھەنەپى مەزھەبكە ئەگەشكەنلىك شۇئارى قىلىۋېلىشتى!(ئالبانى: «زەئىپ ۋە يالغان ھەدىسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگەن بالايى – ئاپىتى568 – نومۇرلۇق»).-( فائدة ) الرفع عند الركوع و الرفع منه , ورد فيه أحاديث كثيرة جدا عنه صلى الله عليه وسلم , بل هي متواترة عند العلماء بل ثبت الرفع عنه صلى الله عليه وسلم مع كل تكبيرة في أحاديث كثيرة و لم يصح الترك عنه صلى الله عليه وسلم إلا من طريق ابن مسعود رضي الله عنه , فلا ينبغي العمل به لأنه ناف , و قد تقرر عند الحنفية و غيرهم : أن المثبت مقدم على النافي , هذا إذا كان المثبت واحدا فكيف إذا كانوا جماعة كما في هذه المسألة ? فيلزمهم عملا بهذه القاعدة مع انتفاء المعارض أن يأخذوا بالرفع , و أن لا يتعصبوا للمذهب بعد قيام الحجة , و لكن المؤسف أنه لم يأخذ به منهم إلا أفراد من المتقدمين و المتأخرين حتى صار الترك شعارا لهم”!السلسلة الضعيفة والموضوعة رقم الحديث:568
رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ۋە ئىسلامىيەتتىكى ھەرقايسى مەزھەبلەر.
ئىسلامىيەت دۇنياسىدا رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇيدىغان مەزھەب – پىرقىلەردىن پەقەت ھەنەفىيە مەزھىبى بىلەن خاۋارىج ئىبازىيە پىرقىسىلا باردۇر. بۇلاردىن باشقا، سەلەفىي، ھەنبەلىي، شافىئىي، مالىكى، شىئە قاتارلىق بارلىق جامائەت رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيدۇ.
بەزىلەرنىڭ ئىمام مالىكمۇ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇيدۇ، دېگىنى ئاجىز گەپ بولۇپ، بىر كىتابنى كۆرۈپ يەنە بىر كىتابنى كۆرمىگەنلىك ياكى كۆرسىمۇ باشقىلارغا ھەقىقەتنى قەستەن يوشۇرغانلىقتۇر.
ئىمام مالىك ئىمام مالىكنىڭ نامازنىڭ بېشىدىكى قول كۆتۈرۈشتىن باشقىنى تونىمايمەن(مۇدەۋۋەنە)
.وقال مالك: لا أعرف رفع اليدينفي شيء من تكبير الصلاة لا في خفض ولا في رفع إلا في افتتاح الصلاة يرفع يديه المدونة، دېگەن سۆزى بار. بۇ، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەدىسىنى كۆرمىگەن ۋاقتىدىكى سۆز، دىيىلىدۇ. ئىمام بۇخارىي ئىبنى ئۆمەرنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەدىسىنى(حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مَسْلَمَةَ عَنْ مَالِكٍ عَنِ ابْنِ شِهَابٍ عَنْ سَالِمِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ عَنْ أَبِيهِ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ – صلى الله عليه وسلم – كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ إِذَا افْتَتَحَ الصَّلاَةَ ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا.سەھىھۇلبۇخارىي 702نومۇرلۇق؛ مۇۋەتتا مالىك 196- نومۇرلۇق) ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغان. دېمەك، ئىمام مالىك رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەدىسىنى بىلدى، ئۆز كىتابىغا كىرگۈزدى، ئىمام مالىكتىن ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلىپ سەھىھۇلبۇخارىيغا كىرگۈزدى. مۇشۇنى ئوقۇغان ئەقلى سەگەك كىشىنىڭ ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى دەسلەپ بىلمىگەن، كېيىن بىلگەنكەن، دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى ئۆز كىتابىغا كىرگۈزۈپ بولۇپ: ئۇنداق ھەدىسنى تونىمايمەن، دېيىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمام مالىكنىڭ ئۆلۈشتىن بىر يىل ئاۋال رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئىمام ئەشھەب ئېنىق كۆرگەن(ئەتتەمھىد).- أَشْهَبُ بْنُ عَبْدِ الْعَزِيزِ قَالَ صَحِبْتُ مَالِكَ بْنَ أَنَسٍ قَبْلَ مَوْتِهِ بِسَنَةٍ فَمَا مَاتَ إِلَّا وَهُوَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ التمهيد لما في الموطأ. دېمەك، ئەقلى سەگەك كىشىنىڭ مالىكى مەزھىبى ئىمامى مالىكمۇ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيدۇ، مالىكى مەزھەبتە قول كۆتۈرمەيدۇ، دېگەن سەھىھ دەلىل ئەمەس!
ھەنەفىيە مەزھىبى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنى توغرا ئەمەس دېسە، خاۋارىج ئىبازىيە پىرقىسى تەكبىر تەھرىمەدىن باشلاپ، نامازدىكى بارلىق قول كۆتۈرۈشلەرنى توغرا ئەمەس، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەشھۇر ئىمامى ئەتفىش مۇنداق دەيدۇ: تەكبىر ئىھرامدا، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس يوق(شامىل ئەسل ۋەل فەرئ 2- 65).- قَالَ اطفيش ولم يثبت رفع اليدين عنده في الإحرام ولا في خفض ولا في رفع اطفيش، محمد بن يوسف، شامل الأصل والفرع، الجزء الثاني ص 65
ئەتفىش يەنە مۇنداق دەيدۇ: نامازدا قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق ھەدىس سەھىھ بولمىغانىكەن، چەكلىمىگە ئەڭ يېقىندۇر. چۈنكى نامازدا قول كۆتۈرۈش كۆپ ئەمەل قىلغانلىق ۋە نامازنى جىم تۇرۇپ ئوقۇشقا قارشىدۇر(شامىل ئەسل ۋەل فەرئ 2- 65).- قَالَ اطفيش ولم يصح السند في رفع اليدين كان رفعهما إلى المنع أقرب لأنه زيادة عمل في الصلاة ومناف للسكون في الصلاة اطفيش، محمد بن يوسف، شامل الأصل والفرع، الجزء الثاني ص 65
ھەنەپىيلەردىن، ئىبنى ئابىدىنمۇ ئەبى ھەنىفەدىن: رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرسە، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دېگەننى نەقىل قىلىپ: نامازنى كۆپ ئەمەل بۇزىۋېتىدۇ،دەپ نامازدىكى قول كۆتۈرۈشكە ئىشارەت قىلغان.-عَنْ أَبِي حَنِيفَةَ أَنَّهُ لَوْ رَفَعَ يَدَيْهِ عِنْدَ الرُّكُوعِ وَعِنْدَ الرَّفْعِ مِنْهُ تَفْسُدُ لِأَنَّ الْمُفْسِدَ إنَّمَا هُوَ الْعَمَلُ الْكَثِيرُ رد المحتار.
دېمەك، مۇنۇ قول كۆتۈرۈشنى خاۋارىجىلار ۋە ھەنەپىيلەر بىردەك نامازدىكى ئارتۇقچە كۆپ ئەمەل، دەپ قاراشقان.
خاۋارىجلار گەرچە ئايرىم پىرقە بولسىمۇ، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئانچە كۆپ بولمىغاچ، ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:
ھەنەفىي مەزھەبى ۋە رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك مەسىلىسى.
يۇقاردا بايان قىلغىنىمدەك، كىم رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىككە قارىتا دەلىل دېسە، باشتىكى
<<ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى>> دېگەن راۋىسى سەھىھ، مەزمۇنى زەئىف ئەسەرنى دەلىل قىلىشىدۇ. بۇنىڭ بايانى دېيىلىپ بولۇندى.
تۆۋەندە ھەنەپى مەزھىبىدىكىلەرنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىككە قارىتا كەلتۈرگەن بىر قانچە دەلىلى ھەققىدە توختىلىمەن:
ئەبۇ ھەنىفە ۋە رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا.
ھەدىسشۇناس ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھەنىفە ئىبنى مۇبارەككە: ھەر تەكبىردە قولۇڭنى كۆتۈرگەنلىكىڭنى كۆردۈم. (قۇشقا ئوخشاش) ئۇچماقچىمىتىڭ؟ دەپ مەسخىرەقىلغاندا، ئىبنى مۇبارەك ئەبۇھەنىفەگە: ئەگەر سەن نامازنىڭ دەسلىپىدە ئۇچقان بولساڭ، مەنمۇ باشقا تەكبىرلەردە ئۇچتۇم، دەپ جاۋاب بەرگەن. ۋەكىئ مۇنداق دېگەن: ئىبنى مۇبارەك ئەبۇ ھەنىفەگە بىر ئىككى قېتىم جاۋاب بېرىپ تويغۇزۇپ قويغان.
ئىمام بۇخارى ۋەكىئ ئىبنى جەرراھنىڭمۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئاللاھ ئىبنى مۇبارەككە رەھىم قىلغاي:ئۇنىڭ جاۋابى دەل جايىدا بولغاچقا، ئەبۇھەنىفە ھەيران قالغان. مانا بۇ ھەقىقەتنى كۆرەلمەي ئازغۇنلىقىدا چىڭ تۇرغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب بولغان.
(ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل:ئەسسۇننە 518- نومۇر:؛بۇخارى:رەفئۇليەدەيىن100- نومۇر؛ بەيھەقى: ئەسسۇنەنۇل كۇبرا2640- نومۇر؛ئىبنى ھىببان: ئەسسىقات، سەھىھ).- حدثني أبو الحسن بن العطار((ثقة -[تاريخ بغداد 4/ 334])) سمعت أحمد ابن شبويه(ثقة-التاريخ الكبيرللبخاري1499و تقريب التهذيب لابن حجر94) قَالَ: سَمِعْتُ وَكِيعًا، يَقُولُ: ” قَالَ أَبُو حَنِيفَةَ لِابْنِ الْمُبَارَكِ: تَرْفَعُ يَدَيْكَ فِي كُلِّ تَكْبِيرَةٍ كَأَنَّكَ تُرِيدُ أَنْ تَطِيرَ، فَقَالَ لَهُ ابْنُ الْمُبَارَكِ: إِنْ كُنْتَ أَنْتَ تَطِيرُ فِي الْأُولَى فَإِنِّي أَطِيرُ فِيمَا سِوَاهَا، قَالَ وَكِيعٌ جَادَّ مَا حَاجَّهُ ابْنُ الْمُبَارَكِ مَرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ، رواه ابن أحمد. وزاد البخاري قال قَالَ وكيع بن الجراح: رَحْمَةُ اللَّهِ عَلَى ابْنِ الْمُبَارَكِ كَانَ حَاضِرَ الْجَوَابِ فَتَحَيَّرَ الْآخَرُ , وَهَذَا أَشْبَهُ مِنَ الَّذِينَ يَتَمَادُونَ فِي غَيِّهِمْ اذا لم يبصروا. ابن أحمد فىالسنة 518 والبخاري: رفع اليدين فى الصلاة 100 البيهقي:في السنن الكبرى2640 وابن حبان في «الثقات»، إسناده صحيح.
ھەنەفىي مەزھەبىدىكىلەر كەلتۈرگەن دەلىللەر:
1. رەسۇلۇللاھ نامىدىن توقۇلغان: كىمكى نامازدا ئىككى قولىنى كۆتۈرسە، ئۇنىڭ نامىزى يوق بوپكېتىدۇ، نى مۇھەددىس ئەلبانىي: توقۇلما، دېگەن( زەئىف ۋە يالغان ھەدىسلەر توپلىمى 568- نومۇر)
2. ئىبنى زۇبەير نامىدىن: بىر ئادەمنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ: قولۇڭنى كۆتۈرمە! بۇنى رەسۇلۇللاھ دەسلەپكى زاماندا قىلىپ، كېيىن تەرك ئەتكەن، دېيىلگەنلىكى شەرھى ھىدايە قاتارلىق ھەنەفىي پىقھى كىتابلىرىدا بار بولسىمۇ، ھېچقانداق ھەدىس كىتابلىرىدا يوق توقۇلما ئىكەنلىكى، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىرى توقۇۋالغان ھەدىستۇر.- عَنابْن الزبير «أَنه رَأَى رجلا يرفع يَدَيْهِ (فِي) الرُّكُوع فَقَالَ : مَه ؛ فَإِن هَذَا شَيْء فعله رَسُول الله – صَلَّى الله عَلَيْهِ وَسلم – ثمَّ تَركه !» . الْعِنَايَةَ شَرْحٍ الْهِدَايَةِ
3. ئىبنى مەسئۇد نامىدىن: رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەندە بىزمۇ كۆتۈردۇق. رەسۇلۇللاھ تەرك ئەتكەندە، بىزمۇ قىلمىدۇق، دېيىلگەن.بۇمۇ بەدائىئ سەنائىئ قاتارلىق مەشھۇر ھەنەفىي پىقھى كىتابلىرىدا بار بولسىمۇ، بىرەر ھەدىس توپلىمىدا بولمىغاچقا، بۇ ھەدىسنىمۇ، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىرى توقۇۋالغان ھەدىستۇر(كاسانىي: بەدائىئ).-مَا رَوَى ابْنُ مَسْعُودٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ أَنَّهُ قَالَ رَفَعَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَرَفَعْنَا وَتَرَكَ فَتَرَكْنَا،بدائع الصنائع.
4. ئىبنى ھەنەفىيلەردە مەشھۇر، ئەمما قىلچىمۇ ئاساسى يوق كاززابلار توقۇغان قىسسە بولۇپ، ئەبۇھەنىفە بىلەن ئەۋزائىينىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش- كۆتۈرمەسلىكنى مۇنازىرىلاشقانلىقى، ئەۋزائى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش ھەدىسىنى ئىبنى ئۆمەردىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەبۇھەنىفە رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرمەسلىك ھەدىسىنى ئىبنى مەسئۇدتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەبۇھەنىفە ئىككى ھەدىس راۋىلىرىدىن رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرمەسلىك ھەدىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقنى سۆزلەپ، ئەۋزائىنى مۇنازىرىدە توختىتىپ قويغانلىق ۋەقەسى ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ، مۇسنەد ئەبى ھەنىفە ناملىق كىتابتىن تارقىلىپ، ھەنەفىي مەزھەب پىقھى كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خاتىرلىنىپ، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى قىلىپ سۆزلىنىدۇ. گەرچە، بۇ ئەسەرنىڭ توپلىغۇچىسى قوشۇلۇپ، جەمئى ئۈچ راۋى كاززاب بولسىمۇ، ھەنەفىيلەرنىڭ ئىمام مۇھەممەد، ئىمام تاھاۋىدىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك ئەڭ مەشھۇر ئىككى مۇھەددىس ھېسابلانغان ئەينى بىلەن موللا ئەلى قارىلار بۇ ئەسەرنى يالغانغۇ دېمىسۇن، ھەتتا زەئىف دەپ بولسىمۇ، ئەسكەرتىپ قويماي ئۆز كىتابلىرىدا دەلىل قاتارىدا خاتىرلىشىشى مەزھەب مەنسۇپلىرىنى بۇ ئەسەرنىڭ راستلىقىدىن قىلچىمۇ گۇمانلاندۇرمىغان. ھەتتا، كىتابلاردىن ئېشىپ، توربەتتىكى يوۋتۇبلارغىچە تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، قىلچە ئاساسى يوق مەزھەبچىلەر سۆزىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن توقۇۋالغان كاززابلار توقۇلمىسىدۇر(سەنەدىدە ئۈچ كاززاب راۋى بار، ھارىسى بۇخارىنىڭ: مۇسنەدۇ ئەبى ھەنىفە778- نومۇرلۇق).- قال الحارثي(قال ابن الجوزي: قال أبو سعيد الرواس: يتهم بوضع الحديث.وقال أحمد السليماني: كان يضع هذا الإسناد على هذا المتن، وهذا المتن على هذا الإسناد، وهذا ضرب من الوضع الذهبي: ميزان الاعتدال4571) حدثنا محمد الرازي(قال الدارقطني: دجال. يضع الأحاديث. مختصر تاريخ دمشق لابن عساكر)، حدثنا سليمان(قال ابن معين: كان يكذب الذهبي الضعفاء والمتروكين1742) قال: سمعت سفيان بن عيينة يقول: اجتمع أبو حنيفة والأوزاعي في دار الحناطين بمكة، فقال الأوزاعي لأبي حنيفة: ما بالكم لا ترفعون أيديكم في الصلاة عند الركوع وعند الرفع منه؟ فقال أبو حنيفة: لأجل أنه لم يصح عن رسول الله صلى الله عليه وسلم فيه شيء، فقال: كيف لم يصح وقد حدثني الزهري، عن سالم، عن أبيه، عن رسول الله صلى الله عليه وسلم أنه كان يرفع يديه إذا افتتح الصلاة، وعند الركوع، وعند الرفع منه، فقال له أبو حنيفة: وحدثنا حماد، عن إبراهيم، عن علقمة، والأسود، عن عبد الله بن مسعود، أن رسول الله صلى الله عليه وسلم كان لا يرفع يديه إلا عند افتتاح الصلاة، ولا يعود لشيء من ذلك، فقال الأوزاعي: أحدثك عن الزهري، عن سالم، عن أبيه، عن النبي صلى الله عليه وسلم، وتقول: حدثني حماد، عن إبراهيم، فقال له أبو حنيفة: كان حماد أفقه من الزهري، وكان إبراهيم أفقه من سالم، وعلقمة ليس بدون ابن عمر في الفقه، وإن كانت لابن عمر صحبة، فله فضل صحبة، والأسود له فضل كثير، وعبد الله عبد الله، فسكت الأوزاعي. مسند أبي حنيفة للحارثي778 البناية شرح الهداية العينى والمرقاة على القاري.
بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ چىقىرىلغان بۇ ھەقتىكى پەتىۋالار:
5. ھەنەپىيلەردىن، مۇھەددىس ئەينى: رۇكۇدىن ئاۋال ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش مەنسۇخ- الثالث: رفع اليدين أيضاً للركوع، وقد قلنا: إنه منسوخ.
6. ھەنەپىيلەردىن، مۇھەددىس ئەينى: رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش مەنسۇخ-السادس: رفع اليدين للهَوِي، وهو أيضاً منسوخ. شرح سنن أبي داود بدر الدين العينى
7. مۇھەددىس مەشھۇر، ھەنەفىي پەقىھى كاسانى: رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن ئادەمگە ئىقتىدا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك… خاتالىقى ئېنىق كۆرۈنگەندىكىن، ئىقتىدا قىلىشقا بولمايدۇ چۈنكى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش مەنسۇخ(بەدائىئۇس سەنائىئ).- وَلِهَذَا لَوْ اقْتَدَى بِمَنْ يَرْفَعُ يَدَيْهِ عِنْدَ الرُّكُوعِ وَرَفْعِ الرَّأْسِ مِنْهُ … لَا يُتَابِعُهُ لِظُهُورِ خَطَئِهِ بِيَقِينٍ ؛ لِأَنَّ ذَلِكَ كُلَّهُ مَنْسُوخٌ ،بدائع الصنائع
8. ئەگەر رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ بولغاندىمۇ، سۈننەت دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ھەدىس سەھىھ بولمىسا، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ بىدئەت ئەمەل قىلغاندىن، ئۇنى قىلماسلىقتىن ئىبارەت سۈننەتكە ئەگىشىش ياخشىدۇر(بەدائىئۇس سەنائىئ).- لَوْ ثَبَتَ الرَّفْعُ لَا تَرْبُو دَرَجَتُهُ عَلَى السُّنَّةِ وَلَوْ لَمْ يَثْبُتْ كَانَ بِدْعَةً وَتَرْكُ الْبِدْعَةِ أَوْلَى مِنْ إتْيَانِ السُّنَّةِ بدائع الصنائع
9. مۇھەددىس ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن : بەزى ھەنەفى مەزھىبىدىكىلەر: رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ، دېيىشتى. كېيىنكى زاماندا ياشىغان غەربتىكى بەزى ھەنەفىيلەر: رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش بىدئەت، دېيىشتى(فەتھۇلبارىي).- قال بعض الحنفية أنه يبطل الصلاة ونسب بعض متأخري المغاربة فاعله إلى البدعة ، ابن حجرالعسقلاني: فتح الباري شرح صحيح البخاري.
ئىمام بۇخارىي بۇ ھەتقە توختىلىپ: كىمىكى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشنى بىدئەت دېسە، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىغا ھوجۇم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى بىرەرساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈرمىگەنگە دەلىل يوق، دېگەن(بۇخارى:رەفئۇل يەدەيىن).- وذكر البخاري: من زعم أن رفع اليدين بدعة فقد طعن في الصحابة؛ فإنه لم يثبت عن أحد منهم تركه.
خۇلاسە شۇكى، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرمەسلىك توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس ۋە ساھابىلەردىن سەھىھ ئەسەر يوق بولۇپ، بۇخىل ئەمەلدىن يۈز ئۆرىگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاشۇ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن بىرگە، 30 ساۋابتىن قۇرۇق قېلىپ، ئوقۇغان نامىزى كەمتۈكلۈك بىلەن ئادا تاپقۇسىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

Leave a Reply