ھەدىس بىلىملىرى

مۆئمىن كاززاب بولامدۇ؟

بارلىق ھەمدۇ سانا ئەللاھقا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقچە ئەگەشكەن سەلەف سالىھ ئەقىدىسىدىكى قېرىنداشلارغا ئەللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولغاي

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

. كاززابلىق- يالغانچىلىق: ئەللاھ تەئالا ھىدايەت قىلمايدىغان ھارام قىلمىش بولۇپ، شەرىئەتتە قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ھەرقانداق كاززابلىق ھارام بولاماۇ؟ دېيىلگەندە، ياق، كاززابلىق ھارام ئەمەس، يوللۇق بولىدىغان چاغلىرىمۇ بار.

تۆۋەندە، كاززابلىقنىڭ خەتەرلىكلىكى توغرۇلۇق كەلگەن بىرقىسىم ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن تونىشايلى:

1. ئەللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: {ﷲ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ}[سۈرە غافىر28- ئايەت].-

قال الله تعالى: إِنَّ اللَّهَ لا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ (سورة غافر 28)

2. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام مۇنداق دىگەن: شەكسىزكى، راسچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم ھەقىقى راسچىل بولسا ، ئەللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ پۈتۈلىدۇ.

يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ ، شەكسىزكى، بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋىرىپ، ھەتتاكى ئەللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ(سەھىھۇلبۇخارىي6094- ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم6803- ھەدىس).- عَنْ عَبْدِ اللَّهِ – رضى الله عنه – عَنِ النَّبِىِّ – صلى الله عليه وسلم – قَالَ « إِنَّ الصِّدْقَ يَهْدِى إِلَى الْبِرِّ ، وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِى إِلَى الْجَنَّةِ ، وَإِنَّ الرَّجُلَ لَيَصْدُقُ حَتَّى يَكُونَ صِدِّيقًا ، وَإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِى إِلَى الْفُجُورِ ، وَإِنَّ الْفُجُورَ يَهْدِى إِلَى النَّارِ ، وَإِنَّ الرَّجُلَ لَيَكْذِبُ ، حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّهِ كَذَّابًا صحيح البخاري6094 وصحيح مسلم6803

3. ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئۆيىمىزدە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئانام مېنى چاقىرىپ: كەل بىر نەرسە بېرىمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئانامغا: ئوغلۇڭغا نېمە بەرمەكچى ئىدىڭ؟ دېدى. ئانام: خورما بەرمەكچى، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئانامغا شۇنداق دېدى: بىلىپ قىلىڭكى، ئەگەر ئوغلىڭىزغا بىر نەرسە بەرمىسىڭىز، بىر قېتىم كاززابلىق يېزىلىدۇ(ئەلبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى748- ھەدىس؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد4991- ھەدىس).- عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَامِرٍ، أَنَّهُ قَالَ: دَعَتْنِي أُمِّي يَوْمًا وَرَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَاعِدٌ فِي بَيْتِنَا، فَقَالَتْ: هَا تَعَالَ أُعْطِيكَ، فَقَالَ لَهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «وَمَا أَرَدْتِ أَنْ تُعْطِيهِ؟» قَالَتْ: أُعْطِيهِ تَمْرًا، فَقَالَ لَهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَمَا إِنَّكِ لَوْ لَمْ تُعْطِهِ شَيْئًا كُتِبَتْ عَلَيْكِ كِذْبَةٌ» سلسلة الأحاديث الصحيحة للألباني 748 وسنن أبي داود4991

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدا كاززابلىق قىلىش يوللۇق:

ئۇممۇكۇلسۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئۈچ خىل كاززابلىققا رۇخسەت قىلغان:

بىرىنچى، ئۇرۇشتا؛

ئىككىنچى، ئىنسانلار ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش- ياخشىلاشتا؛

ئۈچىنچى، ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە ئايالنىڭ ئېرىگە مېھر- مۇھەببەتلىك سۆزلىرى قاتارلىقلاردۇر(ئەلبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى748- ھەدىس؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد4991- ھەدىس).- عن ام كلثوم قالت رخص النبي صلى الله عليه وسلم من الكذب في ثلاث: في الحرب وفي الإصلاح بين الناس وقول الرجل لامرأته. (وفي رواية) : وحديث الرجل امرأته وحديث المرأة زوجها”سلسلة الأحاديث الصحيحة للألباني545 ومسند احمد27319

ئەسكەرتىش:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دىنى كىتابلارنى چىقىرىش بۆلۈمى رەئىسى، «تەپسىر مۇيەسسەر» نى مۇرجىئىيچە قىلىپ تەرجىمە قىلغۇچى؛ ئەزھەر ئەشئەرىي مۇرجىئىيلىرىدىن مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ خاۋارىجىلىقنىڭ بىر تۈرى بولغان دەلىلسىز كاپىرغا چىقىرىشقا دەلىل قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىس بەك زەئىف:

«818 – سوئال: يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى قايسى؟ جاۋاب: يالغانچىلىق ئادەمنى دىندىن چىقىرىدىغان يامان خۇلقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مۆمىن ئادەم قورقۇنچاق بولامدۇ»؟ دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە «مۆمىن ئادەم بېخىل بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندىمۇ، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن «مۆمىن ئادەم يالغانچى بولامدۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ياق» دە] جاۋاب بەرگەن(ئىمام مالىك رىۋايىتى)

— مۇھەممەد يۈسۈپ: دىن ۋە ھايات(2000سوئالغا جاۋاب) نامىلق دىنى چۆچەكلەر توپلىمى 441- بەت.

بۇ ھەدىس بەك زەئىف.

سەۋەبى: بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامدىن ئاڭلىدىم دەپ رىۋايەت قىلغۇچى سەفۋان بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئارىسىدا ئىككى ئادەم يوق.

مەزكۇر بەك زەئىف ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسى مانا: وَحَدَّثَنِي مَالِكٌ، عَنْ صَفْوَانَ بْنِ سُلَيْمٍ، أَنَّهُ قَالَ: قِيلَ لِرَسُولِ اللهِ صَلى الله عَلَيهِ وَسَلمَ: أَيَكُونُ الْمُؤْمِنُ جَبَانًا؟ فَقَالَ: نَعَمْ، فَقِيلَ لَهُ: أَيَكُونُ الْمُؤْمِنُ بَخِيلاً؟ فَقَالَ: نَعَمْ، فَقِيلَ لَهُ: أَيَكُونُ الْمُؤْمِنُ كَذَّابًا؟ فَقَالَ: لاَ. مُوَطَّأ مَالِكِ2832

يەنە بىر ئەسكەرتىش:

كىشىلەر ئارىسىدا، ئىمام بۇخارىي نامىدىن تارالغان مۇنۇ خەۋەرمۇ ئىشەنچسىز: دېيىلىشىچە، ئىمام بۇخارىي ھەدىس ئاڭلاپ يېزىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزاق سەپەرلەرنى قىلىپ مەلۇم مۇھەددىس يېنىغا كەلگەندە، ئۇ مۇھەددىس قېچىپ ئۇلاغنى دان يوق تۇرۇپ باردەك قىلىپ كۆرسىتىپ ئۇلاغنى ئالداپ تۇتىۋاتماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ: ھايۋاننى ئالدىغان ئادەمنىڭ ماڭا يالغان ھەدىس سۆزلەپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن، دەپ ھەدىس ئاڭلىماي كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئەمما، بۇ خەۋەر بىرەر ئىشەنچلىك مەنبەلەردە يوق بولۇپ، ئىسلام ۋەيب پەتىۋا تورى267178- نومۇرلۇق پەتىۋادا: بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى يوق ئىشەنچسىز، دەپ پەتىۋا بېرىلگەن. قېرىنداشلار بۇنىمۇ بىلىپ قالغاي.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىي

Bir cevap yazın