sample page

قېرىنداشلار! مۇئمىنلار تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن مېھمان كەلدى، ئۇ مېھمان رەھمەتكە تەشنا قەلبلەرگە رەھمەت، مەغپىرەتكە موھتاج نەپىسلەرگە مەغپىرەت، بەرىكەتكە تەلمۈرگەن كۆزلەرگە بەرىكەت، شەپقەتكە تەلپۈنگەن كۆڭۈللەرگە شەپقەت ئېلىپ كەلدى.

جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتلىدىغان، شەيتانلار باغلىنىدىغان چاغ كەلدى. ئىبادەت مەۋسۇمى، شۈكۈر پەيتى، ياخشىلىق زامانى كەلدى.