قۇرئان كەرىم

تاغۇتچە قائىدە: «كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەردە ئۆزقارىشىمىزنى ساقلاپ قالىمىز»
ھەسەن بەننانىڭ: <<ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقان مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلىشىمىز، كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەردە ئۆزقارىشىمىزنى ساقلاپ قالىمىز>>، دېگەن سۆز توغرىلىق شەيخ بىن باز شۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: ھەققە ياردەم قىلىش، ھەققە دەۋەت قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ چەكلىگەندىن ھەزەر قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى شەرت قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىش توغرا.
<< كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەردە ئۆزقارىشىمىزنى ساقلاپ قالىمىز>>، دېگەن سۆز پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس بولۇپ، تەپسىلاتقا مۇھتاج.
ئەگەر، ئىجتىھادىي مەسىلىلەر بولسا، بىر بىرىنىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلماسلىق لازىم. ئەمما، قۇرئان، ھەدىسقا خىلاپ كەلگەن قاراشلارغا قارشى تۇرۇش ۋاجىب(چۈنكى قۇرئاندا: «ئاللاھ ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان بولساڭلار- بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، دەرھال ئاللاھقا(قۇرئانغا)، رەسۇلۇللاھقا(سەھىھ ھەدىسكە) مۇراجەت قىلىڭلار(سۈرە نىسا 59- ئايەت)»، دەپ بۇيرىغان. ئىختىلاپى مەسىلىنى قۇرئان، ھەدىسكە تەڭلەپ تۈگەتمەي: ھەركىم قارىشىدا قالسۇن، دېيىش- ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمىغانلىق) ئاللاھنىڭ: <<ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەم قىلىڭلار(سۈرە مائىدە 2- ئايەت)>>، دېگەن بۇيرۇقىغا ۋە: <<مۆئمىن ئەر ۋە مۆئمىن ئاياللار بىربىرىگە ئىگە بولۇپ، شەرىئەت تونىياىغان ئىشقا بۇيرۇپ، شەرىئەت تونىمايدىغان مۇنكەردىن چەكلەيدۇ(سۈرە تەۋبە 71- ئايەت)>> ، <<رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن، ياخشى نەسىھەت بىلەن، چاقىرغىن،ئۇلار بىلەن چىرايلىقلىقچە مۇنازىرىلەشكىن (سۈرە نەھل 125- ئايەت)>> دېگەن سۆزىگە؛ رەسۇلۇللاھنىڭ: سىلەردىن كىمىكى بىر مۇنكەرنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە، قەلبىدە نارازى بولسۇن. ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر(سەھىھ مۇسلىم)،(يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ: مۇسۇلمانلار مۇنكەرنى كۆرۈپ توسمىسا، ئاللاھ مۇنكەرنى قىلغان ۋە توسمىغانلارنى بىراقلا ئازابلايدۇ(ئەھمەد توپلىغان سەھىھ ھەدىس) ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ: كىمىكى ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويسا، ياخشىلىقنى قىلغۇچىغا ئوخشاش ئەجر بېرىلىدۇ(سەھىھ مۇسلىم) ئاساسەن: دەلىلگە، ياخشى نەسىھەتكە ئاساسلىنىپ، چىرايلىقلىقچە مۇنازىرە قىلىپ ئىتتىپاقلىشىشى لازىم.
— شەيخ بىن باز پەتىۋالار توپلىمى 3- 58).