ئازغۇن ئەقىدىلەرگە باھا

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتى ئەندەلوسنىڭ قولدىن كېتىشى ئەمەس بەلكى، مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىدىكى مەغلوبىيىتىدۇر. يەنى : ھىجرىيە 2- ئەسىر ئاخىرىدا پەيدا بولغان تەۋھىدكە قۇرئان ۋە ھەدىسنى دەلىل قىلىشتىن يۈزئۆرۈپ، يونان مەنتىق- كالامىزىمىنى تەۋھىدكە دەلىل قىلىدىغان مۇرجىئىيلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدۇر.